تەيۋەن ئەگەر نامى 'جۇڭخۇا تەيبېي' دەپ ئاتالسا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ

بۇنىڭدىن بۇرۇن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە تەيۋەننى 'جۇڭگو تەيۋەن' دەپ ئاتىسا، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى 'جۇڭخۇا تەيۋەن' دەپ ئاتايتتى. تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ پارتىيىسى بولسا تەيۋەننى ئىگىلىك ھوقۇقى بار بىر دۆلەت دەپ قاراپ، قىسقارتىپ'تەيۋەن' دەپلا ئاتايتتى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىم بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا يېقىن قالغان ھازىرقى پەيتتە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تەيۋەننى 'جۇڭگو تەيبېي' دەپ باشقىچە ئاتاپ سۆز ئويۇنى باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يېڭى مۇنازىرە ۋە قارشىلىق پەيدا بولدى.

خىتاينىڭ يېڭى پىلانى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى يېقىندا تەيۋەننىڭ نامىنى 'جۇڭگو تەيبېي' دەپ ئاتايدىغانلىقىنى جاكارلاپلا قالماي، بەلكى تەيۋەن تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كىرىش تەرتىپىنى خوڭكوڭ، ماكاۋلار بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەكلا 'جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ كۆرسىتىشنى پىلانلىدى.

1989 ‏ - يىلى ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن كېلىشىم قانداق ئىدى؟

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى بۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئالدى بىلەن 'بۇرۇنقى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە، تەنھەرىكەتچىلەر قوشۇنىنىڭ نامى ئېنگىلىزچە ھەرپ تەرتىپى بۇيىچە رەتكە تىزىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي بۇ قائىدىنى قەستەن بۇزۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر قوشۇنىنىڭ نامىنى خىتايچە خەت بىلەن تىزىپ، بۇ ئارقىلىق تەيۋەننى خوڭكوڭ، ماكاۋلار بىلەن بىر قاتاردا 'جۇڭگو زېمىنى' دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. بۇ 1989 ‏ - يىلى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە 'جۇڭخۇا تەيبېي' دەپ ئاتىلىدۇ دېگەن كېلىشىمگە خىلاپ، ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان بۇ ئاتالغۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ' دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭدىن كېيىنلا، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى 'جۇڭگو تەيبېي' دەپ ئاتىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرىۋەرسە، تەيۋەن بۇ قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ

تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ پارتىيىسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى تېخىمۇ كەسكىن. بۇ پارتىيىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى ئورنى خوڭكوڭ، ماكاۋلار بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، تەيۋەن بۇ قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ، دەپ جاكارلىدى.

مىنجىنداڭ پارتىيىسى ئۆزىنىڭ باياناتىدا يەنە ' كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەننى خۇنۈكلەشتۇرۇشكە ۋە ئۇنى خوڭكوڭ، ماكاۋلار بىلەن بىر قاتارغا تىزىش ئارقىلىق 'جۇڭگو زېمىنى' دېگەنگە قوشۇۋېلىشىغا ئۇرۇنۇشى ئاقمايدۇ' دەپ تەكىتلىدى.

تەيۋەننى نېمە دەپ ئاتاش مەسىلىسىدىكى بەس - مۇنازىرە ۋە قارشىلىق كەسكىنلەشمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تەيۋەننىڭ نامىنى نېمە دەپ قوللىنىش مەسىلىسى، ھازىر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بىر جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلىدە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى 'جۇڭگو تەيبېي' دېگەن ئاتالغۇ ھېچقاچان تەيۋەننى كىچىكلىتىپ كۆرسەتكەنلىك ئەمەس، دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى يەنىلا بۇنىڭغا قوشۇلمىدى ۋە 'قايتا بايانات ئېلان قىلىپ 'ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى 'جۇڭگو تەيبېي' دەپ اتاۋەرسە، تەيۋەن بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ' دەپ كەسكىن جاكارلىدى.

خىتاي بىلەن تەيۋەندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھازىر، تەيۋەننى نېمە دەپ ئاتاش مەسىلىسىدىكى بەس - مۇنازىرە ۋە قارشىلىق بارغانسىرى كەسكىنلەشمەكتە.