چېن يۈنلىن قارشىلىق ياكى پاراكەندىچىلىكتىن بىردەممۇ خالى بولالمىغان
تەيۋەندە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل يازغۇچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ خانىمى لىن خانىم ئۆزى قاتناشقان قارشىلىق ھەرىكەتلەر ۋە بۇ جەرياندا كۆرگەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
لىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە كوممۇنىست ئەمەلدارى چېن يۈنلىن ھەپتە ئاخىرىدا خەلق ئارام ئالىدىغان كۈنلەردە تەيۋەنگە كەلسە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئادەم كۆپ بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، دۈشەنبە كۈنى كېلىپ جۈمە كۈنى قايتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە، مەيلى ئۇ تۇرغان مېھمانخانىدا بولسۇن ياكى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندا بولسۇن، ھەممىسىدە تەيۋەن خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن ياكى پاراكەندە قىلىشىدىن بىردەممۇ خالى بولالمىغان.
تەيۋەنلىكلەر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنى 'كوممۇنىست باندىتلىرى' دەپ ئاتايتتى
لىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، كوممۇنىست ئەمەلدارى چېن يۈنلىن جۇڭخۇا مىنگو پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ بىلەن كۆرۈشكەندە، ما يىڭجيۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى ۋە ئەمەلىنى ئاتىمىغان، پەقەت 'ياخشىمۇسىز' دېگەن، چېن يۈنلىنمۇ ما يىڭجيۇنىڭ ئەمەلىنى تىلغا ئالماي پەقەت 'ئۆزلىرىمۇ ياخشى تۇردىلىمۇ؟' دېگەن، بەزىدە 'ما ئەپەندى' دەپ ئاتىغان. ئىككەيلەن ئۆز - ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشقان.
چېن يۈنلىن ما يىڭجيۇغا بىر ئاتنىڭ رەسىمىنى تەقدىم قىلغان. لىن خانىمنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، رەسىمدىكى بۇ ئات بېشى كىچىك ھەم ئورۇق، ئۈستىدىكى ئېگەرنى كۆتۈرەلمەي ئىگىلىپ كەتكەن ئات ئىكەن. لىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن خەلقى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنى 'كوممۇنىست باندىتلىرى' دەپ ئاتايتتى. تەيۋەن خەلقى ھازىر ما يىڭجيۇنىڭ تەسلىمچىلىكىدىن بىزار بولماقتا.
چېن يۈنلىن كېچىلەردىمۇ ئېلىكترونلۇق كانايچىلاردىن چىققان ۋاڭ - چۇڭدىن خالى ئەمەس
لىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، چېن يۈنلىن تەيۋەندە بولغان مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە، چېن يۈنلىن، مەيلى كېچىدە بولسۇن ياكى كۈندۈزدە بولسۇن، ھەممىلا ۋاقىتتا تەيۋەن خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا، ھەتتا پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. لىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، چېن يۈنلىن كېچىلەردىمۇ ياتقان مېھمانخانىدا تۇرۇپ تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق كانايچىلاردىن چىقارغان ۋاڭ - چۇڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان.
ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتى چېن يۈنلىننى قوغداش ئۈچۈن ساقچى تەشكىللەپ نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغان
لىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى كۈنلەردە چېن يۈنلىنگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان تەيۋەنلىكلەرنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئاشقان. ئاخىرقى كۈنى نامايىشچىلار توپىدىن بېنزىن قاچىلانغان قۇتىلارنى ئاتىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىمۇ پەيدا بولغان.
ئەڭ ئاخىرىدا، ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتى چېن يۈنلىننى قوغداش ئۈچۈن ساقچى تەشكىللەپ، چېن يۈنلىنگە قارشى نامايىش قىلغان تەيۋەنلىكلەرنى قانلىق باستۇرغان. يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىش ماشىنىلىرىنىمۇ ئىشقا سالغان. لىن خانىمنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، تەيبېيدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى قانلىق باستۇرۇش خۇددى 89 - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا كوممۇنىست ئارمىيىسى خەلقنى باستۇرغان شەكىلگە ئوخشايدۇ. تاياق زەربىسىگە ئۇچرىغان، يارىلانغان ئادەم ناھايىتى كۆپ.
نامايىشلاردا جاڭ كەيشى دەۋرىدىكى كوممۇنىستلارغا قارشى ئېيتىلىدىغان مارش ياكى ناخشىلار ئېيتىلغان
لىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندە كوممۇنىست ئەمەلدارى چېن يۈنلىنغا قارشى يۈز بەرگەن نامايىشلاردا، كىشىلەر ھەتتا ھازىرقى پرېزىدېنت ما يىڭجيۇنى ئويلاندۇرۇش ئۈچۈن، جاڭ كەيشى دەۋرىدىكى كوممۇنىستلارغا لەنەت ئوقۇيدىغان مارش ياكى ناخشىلارنى ئوقۇپ يۈرگەن.