توكيودىن ئېنگلىزچە تارقىلىدىغان «دىپلومات» ناملىق ئىلمىي مەجمۇئەنىڭ تۈنۈگۈنكى سانىدا، «يېڭى تيەنئەنمېن ئالامەتلىرى» سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور بېسىلدى. تيەنئەنمېن ئالامەتلىرى دېسە، كىشىلەرنىڭ ئىسىگە تيەنئەنمېن ۋەقەسى كىلىدۇ. بۇ ئوبزورنڭ ئاپتورى ئامېرىكىدىكى كارنىجى خەلقئارا تىنچلىق فوند جەمئىيىتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى مىن شىنپېي. ئاپتور ئامېرىكىدىكى پرىنستون ئۇنىۋېرىسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۇيىچە ماگىستېرلىق، خارۋارد ئۇنىۋېرسېتىتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مەزكۇر مەجمۇئەدە، ئاپتورنىڭ «خىتاي دېگەن بۇ دۆلەتنىڭ رەڭگى نېمە؟»، «چېرىكلىك ئاخىر خىتاينى گۇمران قىلىدۇ» قاتارلىق بىر نەچچە ئوبزورى بېسىلغان ئىدى.
- خىتايدا پەيدا بولغان سىياسىي پۇرسەتلەر ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، - دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ ئاپتور، - بۇ پۇرسەت، دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىن كېيىنكى سىياسىي سەھنىدە خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بو شىلەينىڭ ئۇچتۇمتۇت يېقىلغانلىقىدىن ئىبارەت درامماتىكىلىق ۋەقەلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا تىلغا ئېلىش چەكلەنگەن تالاش - تارتىشتىكى چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھازىر توساتتىن قايتىدىن تىغا ئېلىنىپ مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغانلىقى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بو شىلەي ئۇچتۇمتۇت يېقىلغان ۋەقە ئارقىلىق، خىتايدا چېرىكلىك يۈز بەرمىگەن جاي يوقلۇقى، قانۇنسىز ۋاستىلەرنى قوللانمايدىغان ئەمەلدار تېپىلمايدىغانلىقى، جەمئىيەتتە ھەر قايسى تەبىقىلەر نىشانسىز گاڭگراپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ، يەنە بىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ شەرتى ھازىرلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1989 - يىلى تيەنئەنمېندە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش شۇئارى بىلەن باشلانغان دېموكراتىك ھەرىكەت باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى 20 نەچچە يىل ئىچىدە، كوممۇنىست خىتاي ئەينى ۋاقىتتىكى ئورتاق كۆز قاراشلارنى ھەرخىل ۋاستە ئارقىلىق بىر - بىرلەپ ۋەيران قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، نامدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات دەپ ئاتالغان، ئەمەلىيەتتە بىر پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى يولغا قويىدىغان پۇرسەت تۇغۇلغان ئىدى. ئەمما يېقىندا يۈز بەرگەن بو شىلەي ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ مەركىزى ھوقۇق قاتلىمىدا بىرلىك چاك - چېكىدىن بۇزۇلدى. شۇنداقلا يەنە ئۇلار بىر ئۇلۇق لېبىرال ئېقىمنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ شەرتى ھازىرلانغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئالامىتى - زىيالىيلار قاتلىمىدا پەيدا بولغان كەڭ كۆلەملىك ئويغىنىش. گەرچە يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا تىلغا ئېلىش چەكلەنگەن تالاش - تارتىشتىكى چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھازىر توساتتىن قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار، ھازىر ئۇ خىتايدا ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى خىتايدىكى كۆپ ساندىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن تاپقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما زىيالىيلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئىزدەپ تېپىش، مۇزاكىرە قىلىش قىزغىنلىقىنى ھەرگىز توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. گەرچە 1989 - يىلىدىن كېيىن يېتىلگەن زىيالىيلارنىڭ كۆز قارىشى پىشقەدەم زىيالىيلاردىن پەرقلەنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ كۆز قارىشى ھازىر يەنىلا ئۈچ نوقتىغا ئورتاقلاشتى. بۇ، بىرىنچىدىن، خىتايدا يولغا قويغان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار مەغلۇپ بولدى ياكى ئاللىقاچان توختاپ قالدى؛ ئىككىنچىدىن، ھۆكۈمەتمۇ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، قاتمال مۇستەبىتلەرمۇ نىشاننى يېڭىلايدىغان چوڭ ئۆزگىرىش ياسىمىغىچە، ھاكىمىيىتىنى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
بۇ ئوبزورنى «خىتايغا نەزەر» توز گېزىتى تەرجىمە قىلىپ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلغان ھامان، ئوقۇرمەنلەر ئىنكاس يوللىدى. بۇ يوللانمىلارنىڭ بېرىدە، كوممۇنىست خىتاي فاشىستلىرى خىتاي خەلقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇچراپ باقمىغان بۇنداق ۋەھشى دۈشمەن، ئۇ، گېتلەردىنمۇ قەبىھ، ھازىرقى پۇرسەتلەرنى كۆرۈپ بەك ئالدىراپ ھاياجانلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ يوللانمىلارنىڭ يەنە بىرىدە، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن «ماركىسىزم» ھەققىدىكى ماددىلارنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاش كېرەك، ئۇنداق قىلىنمىغان ئەھۋالدا، كوممۇنىست خىتاي يەنە ماركىسىزم دېگەن بۇ زەھەرگە يېڭى ماركا چاپلاپ بازارغا سالىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ يوللانمىلارنىڭ يەنە بىرىدە، ماركىسزم - لېنېنىزم دېگەن دەل تېررورچىلىق نەزىرىيىسى دەپ كۆرسەتكەن.