ۋېكىلېكس يېقىندا ئاشكارىلىغان خىتايغا دائىر مەخپىيەتلىكلەر ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي 38-ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرىگە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 100 نەچچە ئەسكەرنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ھەم بېيجىڭ پۇقرالار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى يالغان خەۋەرنى تارقىتىپ، ئەسكەرلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاش ئارقىلىق، مەيداندىكى 1000 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن پىلىموت ئارقىلىق ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئاشكارىلاندى.
ۋېكىلېكس ئاشكارىلىغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان 38-ئارمىيىنىڭ شۇ چاغدىكى قوماندانى گېنېرال شۈ چىنشەن بولۇپ، ئەينى چاغدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى جاۋ زىياڭ قاتارلىق بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن، دېڭ شاۋپىڭنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى ئارقىلىق، خېبىيدا تۇرۇشلۇق 38-ئارمىيە بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىنگەن.
ئەينى چاغدا چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 4-ئىيۇن كۈنى سەھەردىكى باستۇرۇشتا تيەنئەنمېن مەيدانىدا 1000 دىن ئارتۇق پۇقرانى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەسكەرلەرنىڭ كۈن چىقىشنىڭ ئالدىدا جەسەتلەرگە بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى يالغان خەۋەر تارقاتتى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ۋېكىلېكس تور بېكىتى يېقىندا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 1990-يىلى 26-مارت كۈنى رەتلەنگەن بىر ئېلېكترونلۇق ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان. ھۆججەتتە ئامېرىكىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىر خىزمەتچىسىنىڭ جېجياڭدىكى يۇرتىغا قايتقىنىدا، يۇرتىدا تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان 38-ئارمىيىنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ ئانىسى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىلەنگەن.
ھۆججەتتە بايان قىلىنىشىچە، 38-ئارمىيە ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن 3-ئىيۇن كېچىسى بېيجىڭغا كىرگىنىدە، ئەسكەرلەر ئاۋۋال ھاۋاغا ئوق ئېتىش ئارقىلىق توپلىشىۋالغان ئوقۇغۇچىلار ھەم پۇقرالارنى تارقىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما بىر ئازدىن كېيىن ئەسكەرلەر ئارىسىغا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 100 نەچچە ئەسكەرنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقى، غايىب بولغان بۇ ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ھەم بېيجىڭ پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغان. قوشۇن تەرتىپكە سېلىنىپ، ئەسكەرلەر سانى ئېدىتلانغاندىن كېيىن، ئەسكەرلەر ئۆزلىرىنىڭ 100 نەچچە سەپدىشىنىڭ ئارىدا يوقلۇقىنى بايقىغان. نەتىجىدە غەزەپلەنگەن ئەسكەرلەر 4-ئىيۇن كۈنى سەھەردە مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان، چاڭئەن كوچىسىدا ھەربىي ئاپتوموبىلغا قارشى كېلىۋاتقان ئاممىغا پىلىموت ئارقىلىق ئوق چىقارغان. قىرغىن توختىغاندا ئەسكەرلەر كوچىدا 1000 نەچچە ئادەمنىڭ پىلىموت ئوقىدا ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئەسكەرلەرگە جەسەتلەرنى بىر يەرگە توپلاش بۇيرۇقى بېرىلىپ، جەسەتلەر بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق ھاۋادىن يۆتكەپ كېتىلگەن. ئەسكەرلەرگە كۆيدۈرۈلگەن جەسەتلەرنىڭ قەيەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
باستۇرۇشقا قاتناشقان 38-ئارمىيىنىڭ بۇ قىسمى، ۋەقەدىن كېيىن بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن بۇ قوشۇندىكى ئەسكەرلەر 3-ئىيۇن كېچىسى ئوقۇغۇچىلار ھەم پۇقرالار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى دەپ ئۇقتۇرۇلغان 100 نەچچە سەپدىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھايات ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ قوماندانلىرى تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى بىلگەن. قوشۇندىكى ھەربىي قوماندانلار ئەسكەرلەرگە، شۇ قېتىملىق قىرغىنغا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تولغاندىن كېيىنمۇ، پۇقرالار ئارىسىغا قايتىپ نورمال ھايات كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىدىن بېشارەت بېرىپ، ئۇلارنى ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما بۇ قوشۇن ئىچىدىكى جېجياڭلىق ئەسكەر قوشۇندىن ئايرىلسا جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىتكە قارىماي، 1989-يىلى 9-ئايدا قوشۇندىن ئايرىلىپ، يۇرتىغا ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن كەتكەن. ھەم 4-ئىيۇن كۈنىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئانىسىغا دەپ بەرگەن. بۇ ئەسكەرنىڭ ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئوغلى يۇرتىغا قايتقان مەزگىلدە ئوغلىنىڭ ھەر كۈنى شۇ جايدىكى چېركاۋغا بېرىپ ئۆز گۇناھىنى تىلىگەنلىكىنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىمىغا ئېيتقان. بۇ ئەسكەرنىڭ ئانىسى يەنە، ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىمىدىن ئىككىيلەن ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئانا-بالا ئىككىيلەنگە ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى ئاگاھلاندۇرۇپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كانادادىكى يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ 27-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدا يۈز بەرگەن پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت ۋەقەدە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي سانىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.