4-ئىيۇن تيەنئەنمىن تۇتقۇنى جۇ گېڭشېڭنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى قىيىن-قىستاق ھەققىدە ئېيتقانلىرى

جۇ گېڭشېڭ ئۆزىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى قىيىن-قىستاق ئارقىلىق مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلۇش جەريانىدا كۆپ خىل جازالاش تۈرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جىسمانىي ھەم روھى جەھەتتىكى مەجرۇھقا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.08.31
tiananmen-tanka-305.jpg تيەنئەنمىڭە بېسىپ كىرگەن ھەربىي تانكىلىرىنى توسۇپ تۇرغان پۇقرا. 1989-يىلى 4-ئىيۇن، بېيجىڭ.
www.boxun.com

1989-يىلى 3-ئىيۇن كۈنى كېچىسى، تيەنئەنمىن مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭغا كىرىۋاتقان تانكىلارنى توسۇۋېلىپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىشىنى كېچىكتۈرگەن بىر قىسىم بېيجىڭلىقلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەكسىلئىنقىلابى توپىلاڭچىلار» دەپ قولغا ئېلىپ جازالىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈرمىدە مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئەينى يىلى تانكا توسۇۋالغان بۇ كىشىلەر، خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن «تيەنئەنمېن قەھرىمانلىرى» دەپ مەدھىيىلىنىپ خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. 1989-يىلى 24 ياشقا كىرگەن بېيجىڭلىق كىيىم تىككۈچى جۇ گېڭشېڭ ئەنە شۇ خىتاي تانكىلىرىنى تۇسۇۋالغۇچىلار ئىچىدىكى جازالانغانلاردىن ھايات قالغان بىرى.

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بوشۈن تور گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇ گېڭشېڭ ئەينى چاغدا «تانكا كۆيدۈرگۈچى گۇماندار» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، تۈرمىدىكى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش جەريانىدا، باشتىن-ئاخىر «تانكا كۆيدۈرۈش جىنايىتى» نى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلغان بېسىمى سەۋەبلىك، ئاخىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىدىكى قىيىن-قىستاق دەستىدىن ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھەم روھى جەھەتتىكى مەجرۇھقا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان.

جۇ گېڭشېڭ ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ۋەقەدىن كېيىن، ئۇلار مېنى 1989-يىلى 3-ئىيۇن كۈنى كېچىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىش يولىدىكى تانكىنى كۆيدۈرۈۋېتىش ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ قولغا ئېلىپ، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا قىستىدى. شۇنداق، ئەينى چاغدا مەن تانكىغا چىقىپ، ھەربىيلەرنى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشقا بارماسلىققا ئۈندىگەنلەرنىڭ بىرى ئىدىم. ئەمما مەن تانكىنى كۆيدۈرۈشكە قاتناشمىغانلىقىم ئۈچۈن، جىنايى جاۋابكارلىقنى ھېچقاچان ئېتىراپ قىلمىدىم. ئۇلار مېنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق جازالاش ۋاسىتىلىرىنى قوللاندى. ئۇلار تەييارلىغان بارلىق ئىقرارنامىلەر مېنى ئۇرۇپ ھوشسىز ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن ۋاقتىمدا، بارماق ئىزىم ئۇلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي باستۇرۇلغان ھۆججەتلەر. ئۇلارنىڭ مېنى شۇ قەدەر قاتتىق قىيىن -قىستاققا ئېلىشىمۇ، ئەمەلىيەتتە مېنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇپ، تانكا كۆيدۈرۈش ۋەقەسىدىكى جىنايى جاۋابكارلىقنى ماڭا ئوخشاش بىرىگە يۈكلەش ئۈچۈن بولۇۋاتاتتى. ئەينى چاغدىكى قىيناش دەستىدىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە جىسمانىي ھەم روھى جەھەتتىكى مەجرۇھقا ئايلاندۇرۇلدۇم.»

جۇ گېڭشېڭ مۇخبىرنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قايسى خىل جازالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«دەسلەپ تۇتۇلغان مەزگىلىمدە، ئۇلار ماڭا روھى ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللاندى. مېنى ئۇيقۇسىز قالدۇرۇپ، بىر كۈندە 6-7 قېتىم ئۇراتتى. تاياق دەستىدىن كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرق ئېتەلمەيتتىم. مېنى قىيناشتا ئەڭ كۆپ قوللانغان قىيناش ئۇسۇللىرىدىن توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇش، رېزىنكە قاپلانغان تىكەنلىك كالتەك ھەم مىلتىق پاينىكى بىلەن ئۇرۇش، ھەربىيلەرنىڭ قاتتىق قونچلۇق ئۆتۈكى بىلەن جان يېرىمگە تېپىش قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرىگە ئۇراتتى. خۇددى كىچىك ۋاقتىمىزدا كىنولاردا كۆرگىنىمىزدىكىدەكلا ئۇراتتى، قىينايتتى. ھەر قېتىمقى سوراقتا قىيناش دەستىدىن ھوشۇمدىن كەتسەم، ئۇلار ئۈستۈمگە سوغۇق سۇ چېچىش ياكى تېخىمۇ قاتتىق قىيناش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مېنى ھوشۇمغا كەلتۈرۈپ، سوراقنى داۋاملاشتۇراتتى. ئەينى چاغدىكى قىيناش دەستىدىن بۆرىكىم ھەم پۇتۇم ئېغىر زەھمىلەندى، جىنسى ئىقتىدارىمدىنمۇ مەھرۇم قىلىندىم. شۇندىن بۇيان بەزىدە خامۇش ھالەتتە قېلىپ، دىققىتىمنى يىغالمايمەن.»

جۇ گېڭشېڭ ئۆز بايانىدا يەنە، تۈرمىدە ئەڭ ئېغىر قىيناشقا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
«بىلىشىمچە، تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە، ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغانلاردىن يەنە بۈگۈنگە قەدەر بېيجىڭ ئەتراپىدىكى تۈرمىدە يېتىۋاتقان لى يۈجۈن، مىياۋ دېشۈن قاتارلىقلار بار. ئۇلار جازا مۇددىتى توشۇپ، تۈرمىدىن چىقىشقا بىر يىل قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاشلا جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىكى مەجرۇھقا ئايلاندۇرۇلدى. ئاڭلىشىمچە، لى يۈجۈن تۈرمىدىكى مەزگىلدە قىيناش دەستىدىن ئاللىقاچان نېرۋىسىدىن ئادىشىپ، روھى كېسەلگە ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. مېنىڭچە، خىتايدا تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلار ئىچىدە، تۈرلۈك قىيىن-قىستاق دەستىدىن روھى ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى مەجرۇھقا ئايلاندۇرۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي مەھبۇسلار بولسا كېرەك.»

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە قامالغانلار ئىچىدە، ئۇيغۇر،تىبەت ھەم موڭغۇللاردىن قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتىلغان جازالاش ئۇسۇللىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، جازا ھۆكۈم قىلىنغان سىياسىي جىنايەتچىلەر ئىچىدە خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىدىكى مەزگىلىدە جازا مۇددىتى قىسقارتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇللاردىن سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرگە جازا مۇددىتىنى قىسقارتىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن ئاز بولغاندىن سىرت، ئۇلار تۈرمىدە خىتاي سىياسىي جىنايەتچىلىرىگە قارىغاندىمۇ ئېغىر قىيناقلارغا دۇچ كېلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.