خىتاي قىسىملىرى ئابا رايونىدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئابا رايونىدىكى تىبەتلەرنىڭ كىرتى ئىبادەتخانىسىنى (موناستىرنى) مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى.

0:00 / 0:00

كىرتى موناستىردا تۇرۇۋاتقان 2 مىڭ 500 دىن ئارتۇق تىبەت راھىبىنىڭ تەمىناتى ئۆكسۈپ قەلىۋاتقىلىمۇ بىر ھەپتە بولۇپ قالدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 3‏-ئاينىڭ 16‏-كۈنى يىگىرمە ياشلىق بىر تىبەت راھىبى، تىبەتلەرنىڭ ئابا رايونىدىكى مۇشۇ كىرتى موناستىرى ئالدىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان تىبەتلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى، سىچۈەن ئۆلكىسى دائىرىسىدىكى بۇ موناسىتىرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. ھازىر بۇ موناسىتىرنىڭ ھەربىر ئىشىكىدە 10 نەچچىدىن ئەسكەر قورال تۇتۇپ پوستا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ موناستىىردا تۇرۇۋاتقان راھىبلار سىرتقا چىقالمايدۇ، سىرتتىن كەلگەن تىبەت پۇقرالىرىمۇ بۇ موناستىرغا كىرىپ ئىبادەت قىلالمايدۇ.

بۈگۈن مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى لوساڭ سېرىن ھىندىستاننىڭ درامسالادىن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىدە خىتاينى ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى، دەرھال تىبەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توسۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەن ئەپەندىمۇ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى تىبەتلەرنىڭ ئابا رايونىدىكى كىرتى موناستىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغانلىقى ھەققىدە بۈگۈن بىر ئوبزور ئېلان قىلدى.
-مەن يىللاردىن بۇيان تىبەتلەرنىڭ خىتايدىن باشقا مىللەتلەر بىلەن، مەسىلەن، ھىندىستانلىقلار بىلەن، ياۋروپالىقلار بىلەن، ئامېرىكىلىقلار بىلەن ناھايىتى ئوبدان چىقىشىپ، ھەمكارلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋاتىمەن، دەپ بايان قىلىدۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەن بۈگۈنكى ئوبزورىدا. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت خىتايلا باشقا مىللەتلەر بىلەن چىقىشالماي، تىنچلىقتا بىللە تۇرالمايۋاتىدۇ. ھەتتا تىبەتلەرنى ئۆز زېمىنىدا تىنچ ياشىغۇزمايۋاتىدۇ.

جۇ شۆيۇەن ئەپەندى خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا مىللەتلەر بىلەن ياخشى ئۆتەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلار تەيۋەندىكى ۋە خوڭكوڭدىكى خىتايلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار گۇمانخور، ئىچى قوتۇر. بۇنداق مىجەز خىتايلارغا كوممۇنىست پارتىيىدىن يۇققان. كوممۇنىست پارتىيە ھەرخىل سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتايلارنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىنى (مىجەزىنى) بۇزۇۋەتتى. خىتايلار ئۆزىدىن باشقا ئادەمنى «مېنى يوقاتماقچى قىلماقچى» دەپلا گۇمان قىلىدۇ. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا خىتايغا «سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەت» دېگەن ئەڭ چوڭ ئىمتىيازنى بەرگەندىمۇ، خىتايلار «ئامېرىكىنىڭ بىزنى يوقىتىش نىيىتى بار» دېگەن ئىدىغۇ؟

جۇ شۆيۇەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار قولىدا ھوقۇقى يوق ئادەمنى كۆزگە ئىلمايدۇ، قولىدا ھوقۇقى بارغا تەزىم قىلىدۇ. ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغاننى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ،» ياكى «ئەكسىلئىنقىلابچى»دەپ، ياكى «جاڭ كەيشى باندىتلىرى» دەپ ھەرخىل جىنايى نام توقۇپ بوزەك قىلىدىغان ئادەتمۇ، خىتايلارغا كوممۇنىست پارتىيىدىن مىراس قالغان. شۇڭلاشقا خىتايلار مۇشۇنداق مىجەزى بىلەن باشقا مىللەتلەر بىلەن چىقىشىپ تىنچ ئۆتەلمەيدۇ.

جۇ شۆيۇەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار ئىچى قوتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنى ھەرگىز توغرا چۈشەنمەيدۇ، دۇنيادىكى ئادىل تۈزۈملەرنى توغرا چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن، دالاي لاما يېقىندا دەم ئېلىشقا چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، دۇنيا بۇنى، ئادەم ياشانغاندا دەم ئېلىشقا چىقىدۇ، دەپ چۈشەندى. ئەمما خىتاي «دالاي لاما سىياسىي ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېدى. ئەمەلىيەتتە خىتايلار، دالاي لامانىڭ ياخشى كۆڭلىنى، دېڭ شاۋپىڭچە ھوقۇقۋازلىق بىلەن بۇزۇپ چۈشەندۈرگەن.

جۇ ئىنستىتۇت ئەپەندى ئوبزورىدا يەنە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايلار ئەگەر ئىچى قوتۇرلۇق قىلىپ تىبەتلەر بىلەن ياخشى ئۆتمىسە، ئۆزى ياخشى قوشنىلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ. تىبەتلەر ئۈچۈنمۇ، پەقەت ئۆزلىرى بىلەن ياخشى چىقىشىپ ئۆتىدىغان ھىندىستانلىقلار بىلەن، ياۋروپالىقلار بىلەن، ئامېرىكىلىقلار بىلەن بىللە ياشايدىغان يولنى تاللاشتىن ئۆزگە چىقىش يولى قالمايدۇ.