ئامېرىكا خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى

ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، پرېزىدېنت بۇشنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى پاۋلا دوبرىيانىسكىي دۈشەنبە كۈنى مىچىگان شتاتىدا تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

0:00 / 0:00

دالاي: "ھازىرقى پەيتتە بىز ياردەمگە مۇھتاج"

پاۋلا دوبرىيانىسكىي تىبەت روھانىي داھىسى بىلەن مىچىگان شتاتىنىڭ ئانن ئاربور شەھىرىدىكى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇچراشقان بولۇپ، دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتىتىدا مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە تەبلىغ سۆزلىگەن. پاۋلا دوبرىيانىسكىي پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەۋرەنمەي ئۈزلۈكسىز ئۈندەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى"ۋاقتى قەرەللىك پۇرسەت " دەپ كۆرسەتتى. تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لاما بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، "ھازىرقى پەيتتە بىز ياردەمگە مۇھتاج" دەيدۇ.

دوبرىيانىسكىي دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان شۇ كۈنى ئۇ "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىگەن ۋە تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىردىن - بىر يولى سۆھبەت ئىكەنلىكى ھەم دالاي لاما سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغان بىردىن ‏ - بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. چۈنكى دەيدۇ دوبريانىسكىي " ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دىكى ماقالىسىدە،" دالاي لاما خىتاينىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان. ئۇ تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلمايدۇ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرگە قېتىلمايدۇ شۇنداقلا ئۇ تىبەتنى جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئېتىراپ قىلماقتا" . لېكىن دوبرىيانىسكىي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانى قارىلاش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭ ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشكىلا يارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى قوزغاپ، "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" ئىستىلىدىكى ئىدىيىۋى كۈرەش شەكلىنى قانات يايدۇرۇش پىلانى تۈزگەن. تىبەت پارتكومىنىڭ زۇۋانى "شىزاڭ گېزىتى" نىڭ دۈشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە ھەرىكەتنىڭ 2 ئاي داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا رادىئو - تېلېۋىزىيە تەشۋىقاتى ۋە ئاممىۋىي يىغىنلارنى ئېچىش شەكلى بىلەن تىبەت پۇقرالىرىنىڭ تونۇشى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش دالاي لاما گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۈيىقەستى پاش قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دوبرىيانىسكىي " ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دىكى ماقالىسىدە، "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى"نى ئەيىبلەيدۇ شۇنداقلا تىبەتلەرنى "دالاي لامانى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلاش، دالاي لاماغا شەپقەتسىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلار مەۋجۈت ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشكىلا يارايدۇ "دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان،" تىبەتلەرنىڭ قايغۇسىنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتۇر. شۇنداقلا، دالاي لاما تىبەتلەرنى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىپ، تىبەت مەدەنىيىتى ۋە تىبەت كىملىكىنى قوغدايدىغان بىر قەدەر كەڭ مەنىدىكى ئاپتونومىيىگە قايىل قىلالايدىغان بىردىن ‏ - بىر تەسىر ۋە ئىشەنچىگە ئىگە شەخس".

خىتايلارنىڭ دالايغا قارشى نامايىشى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تام كەيسېي دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا دوبرىيانىسكىينىڭ "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دىكى ماقالىسىنى ئامېرىكىنىڭ تىبەت سىياسىتىدىكى ئاساسىي ئىدىيىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دەپ كۆرسەتتى. تام كەيسېي دوبريانىسكىينىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش مەقسىتىنى "دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەت توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سۆھبەتنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن قايسى ئىشلاردا ياردەم قىلالايدىغانلىقى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش " دەپ كۆرسەتتى. تام كەيسېي سۆھبەتنىڭ بېيجىڭ بىلەن دالاي لاما ئارىسىدا يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:" بىز ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن دالاي لامانىڭ پىكىرىنى ئالىمىز. ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى پىلانىنى ئىگىلەيمىز شۇنداقلا بىز يەنە ،خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىمىز."

ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دوبرىتيانىسكىي " ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" دىكى ماقالىسىدە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنى تەۋرەنمەي ئۈزلۈكسىز سۆھبەتكە دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن پەقەت ھەقىقي مەنىدىكى سۆھبەتنىڭلا ئىستىقبالى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. تام كەيسېي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزگەن خۇسۇسىي سۆھبەتلەردە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرىدىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ئۈندەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

"ئۆيدىكى جاھازلارنى قالاپ ئۆينى ئىسسىتىمەن دېگەنلىك ئەخمىقانىلىقتۇر"

خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 ‏ - يىلدىن بېرى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن جەمئىي 6 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ سۆھبەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمى بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەتتىن بىر نەتىجە چىقمىغان ئىدى. دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گيارى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتلەردە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالىمىغانلىقى، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ سۆھبەتنى يەنىلا ياخشى بىر باشلىنىش، دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. پاۋلا دوبرىيانىسكىي، خىتاي دائىرىلىرىنى مەدەنىيەت كىملىكىگە ساداقەتمەن دىندار تىبەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىپ، ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇ يەنە " بىز تىبەتنىڭ پۈتۈن مەتبۇئات ۋە چەتئەللىك دىپلوماتلارغا ئېچىۋېتىلىشىنى چاقىرىمىز " دەيدۇ.

دالاي لامانىڭ يەكشەنبە كۈنى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن تەبلىغى بىر تۈركۈم خىتاي نامايىشچىلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە ئۇچرىدى. تەخمىنەن 300 دەك خىتاي نامايىشچى يىغىن مەيدانى سىرتىدا "دالاي يالغانچى "، " دالاي ئولىمپىك مەشئىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى توختاتسۇن "، " بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللايمىز " دېگەن شۇئارلارنى توۋلاشقان. مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەبلىغىدە دالاي لاما سىياسى تېمىلارنى تىلغا ئالماي ، پەقەت مۇھىت مەسىلىسى، يەر شارىنى ئاسراش ھەققىدە توختالدى."يەر شارىنى ئاسراش ئۆزىڭىزنى ئاسرىغانلىقتۇر "دەپ تەكىتلىگەن دالاي لاما، "ئۆيدىكى جاھازلارنى قالاپ ئۆينى ئىسسىتىمەن دېگەنلىك ئەخمىقانىلىقتۇر " دەيدۇ.