نۆۋەتتە چىڭخەيدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىر قىسىم تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ ئاشكارىلانماقتا. بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان "خەلقئارا تىبەتكە ياردەم تەشكىلاتى"نىڭ تەتقىقاتچىسى زوگېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىڭخەيدە قوراللىق ساقچى ئەسكەرلىرىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
زوگېن سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ چىڭخەيدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى باشلانغاندىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھەرقايسى ناھىيىلەردە قوراللىق ساقچى ھەم خەلق ساقچىلىرىنىڭ كوچىدىكى چارلاشنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، 23 - ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تسۇلخو(خىتايچە خەينەن) ناھىيىسىدە ناھىيىلىك مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 20 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.
ئەمما رادىئومىز مۇخبىرى خەينەننىڭ تېلېفون زىيرىتىگە جاۋاپ بەرگەن تسۇلخو ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، ناھىيىدە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
مۇخبىر:
20 نەچچە تىبەت ئوقۇغۇچىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگىنى راستمۇ؟
ساقچى:
بۇ ئۆسەك سۆز، بۇنداق ئىش يوق.
مۇخبىر:
ئۇنداقتا تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىش ئەھۋالى قانداق؟
ساقچى:
بۇ ئىشنى سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن سوراڭ، مەن بىلمەيمەن. ساقچىلار ئوقۇغۇچىلارنى تۇتمىدى، مەن بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى تۇتمىدىم.
مۇخبىر:
ساقچىلار چارلاشنى كۈچەيتتىڭلارمۇ؟
ساقچى:
ئەلۋەتتە شۇنداق قىلدۇق.
ھازىر ھىندىستاندا ئولتۇرۇشلۇق چىڭخەيلىك ئوقۇتقۇچى سەيرىندوسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رېبكوڭ ناھىيىسىدە 2000 ئەتراپىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى يەكشەنبە كۈنىمۇ داۋاملىق نامايىش قىلغان بولۇپ، ساقچىلار نامايىشچىلارنى قورشىۋالغان بولسىمۇ ئەمما ئاشكارا ئادەم تۇتمىغان.
ئۇ سۆزىدە، چىڭخەيدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشىنىڭ يەكشەنبە كۈنىمۇ داۋاملاشقانلىقىنى، ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ساقچىلار مەكتەپ ئىچىگە قامال قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ناھىيىلىك2 - ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى2000 ئەتراپىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدە ناھىيىنى ئايلىنىپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
چىڭخەيدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى تېزلىكتە خىتايدىكى باشقا جايلارغا كېڭەيگەن بولۇپ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ئىچىدە نامايىش قىلغان. "ئۇيغۇر بىز" تورىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىغا مەدەت بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىبەت تىلىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن جاسارىتىگە قايىللىقىنى ئىپادىلىگەن.
بۈگۈن ئەتىگەن بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئوقۇغۇچىسى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى كۈندىن بۇيان مەكتەپ ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەكتەپ ئىچىدە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوللاش ھەرىكەتلىرىدە بولماسلىقنى، ۋەقەنى ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئارقىلىق سىرتقا تارقاتماسلىقنى، ئەگەر خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا ئۇلارغا قاتتىق چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، ئەمما مەكتەپ ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان تولىمۇ يېقىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھەر ئىككى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدا ھاياجانلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان " قوش تىللىق ئوقۇتۇش" نامىدىكى خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ بۇرۇنلا خېلى كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە تور بەتلىرىدە 2 يىلدىن بۇيان بۇ خىل نارازىلىق ئىپادىلەنگەن تەنقىدىي ماقالىلەرنىڭ داۋاملىق ئېلان قىلىنىشىنىڭ بۇ قېتىم تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ " خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش" قا نارازى بولۇپ ئېلىپ بارغان نامايىشىدا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
چىڭخەي ئۆلكىسى رېبكوڭ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ناھىيىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" نى "خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقى سەۋەب بولغان"، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدە مەسىلە ئېغىر بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن "قوش تىل مائارىپى" نامىدا ئاتىلىۋاتقان، مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە، ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامدا مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن بۇ مىللەتلەر تېررىتورىيىسىدە، مائارىپ ھەم ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە يەرلىك مىللىي تىلنى قوللىنىشىغا داۋاملىق چەكلىمە قويسا، بۇ رايونلاردا ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، تېخىمۇ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.