ئۆتكەن 10 يىلدا ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋە تەشۋىقات سورۇنلىرىدا، ئانا تىلنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ ماقالىلەر يېزىلدى، شېئىرلار ئوقۇلدى. مانا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تارقالغان ۋە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغىنى ، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان "تىلىمىز، دىلىمىز ۋە بىلىمىز " ماۋزۇلۇق ماقالىدۇر.
تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلنى قوغداپ نامايىش قىلىۋاتقان، تىبەت تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، تىلىمىز، دىلىمىز ۋە بىلىمىز ماۋزۇلۇق ماقالىنى تەكرار كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىممىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: " شۇنداق، بىزنىڭ تىلىمىز شۇ قەدەر قىممەتلىك، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئانىمىزنىڭ تىلى، بىزنىڭ ئانىمىز دۇنيادىكى پۈتكۈل ئانىلارغا ئوخشاشلا ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك، شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىمۇ ئالەمدىكى ھەرقانداق مۇھتەرەم تىللارغا ئوخشاش مۇھتەرەم ۋە بىباھادۇر."
ماقالىدە ئانا تىلنىڭ قىممىتىنى بىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى سۆيۈش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئەمەلدىن قالماي، ئەبەدىل - ئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى دىلىمىزدۇر. ئەگەر تىلىمىزنى دىلىمىزدىن سۆيسەك، سۆيگەندىمۇ ھەممىمىز يەنى رەئىسمۇ، دېھقانمۇ، چولپانمۇ، ئالىممۇ ھەممىمىز بىرلىكتە سۆيسەك، تىلىمىز قىيامەتكىچە مەۋجۇت بولىدۇ.
مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش بىلەن خەتەرگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئەگەر بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىنسا، چەكلىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ يېتىپ بارىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن تونۇش ۋە سۆيۈشلا كۇپايە ئەمەس. قوغداشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كۈچلۈك مىللىي ئىرادە ۋە مەھكەم باغلانغان بەل بولۇشى لازىم. ئەگەر بىز گۆھەر تىلىمىزنى قوغدايمىز دېسەك، چوقۇم بىلىمىزنى مەھكەم باغلاپ، قانۇنىي يوسۇندا ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك."
مانا بۇ ماقالە 8 يىل ئاۋۋال يەنى 2002 - يىلى يېزىلغان. دېمەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئانا تىلى يولۇققان خەۋپنى ھېس قىلىشى، تىبەتلىكلەردىن ئارقىدا قالغان ئەمەس. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تىبەتلىكلەردە كۆتۈرۈلگەن ئانا تىل ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردا كۆتۈرۈلمىدى؟ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مانا بۇ نۇقتىدا ئويلانماقتا ۋە مۇلاھىزىلىرىنى بايان قىلماقتا.
مۇلاھىزىلىرىدە تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىىدىكى مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي خاراكتېر پەرقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونى ئارىسىىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت پەرقى قاتارلىق ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلماقتا.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نۇرمەمەت مۇساباينىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مەيلى مەدەنىيەت ھەم مىللىي خاراكتېر جەھەتتە، ھەقسىزلىققە قارشى تۇرۇشتا ئۈستۈن ۋە ئاكتىپ ئامىللارغا ئىگە.
ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلار قاتلىمىدا، پىداكارلىق روھىي ئاجىزلاپ كەتكەن؛ ئۇلاردا تاكى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەتى بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىمىغىچە، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرمايدىغان، نارازىلىق بىلدۈرمەيدىغان؛ پاسسىپلىق كەيپىياتى كېڭىيىپ كەتكەن.
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتى، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەتىگە يەنى ھايات يولىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار مانا مۇشۇ پۇرسەتتىمۇ، دۆلەتنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ھەق- ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە بولسا، ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي بېسىم، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا كۆزى كۆرۈپ، بۇرنى پۇراپ تۇرغان بىر خەۋپ - خەتەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىمكانى بەرمىگەن.
2008 - يىلى ئولىمپىك ھارپىسىدا، تىبەتلەردە 14 - مارت لاسا ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەمما شۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلاردا ئولىمپىكقا قارشى ھېچقانداق نارازىلىق كۆرۈلمىگەن، شۇ چاغدىمۇ ھازىرقىغا ئوخشاش بۇ تەقدىرداش ئىككى مىللەتنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سېلىشتۇرۇلمىلار ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە خوتەندە ئاياللار نامايىشى، ئولىمپىكقا 4 كۈن قالغاندا قەشقەردە سەمەن يولى ۋەقەسى، ئۇنىڭ ئارقىدىن كۇچار ۋە يامانيار ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇرلار دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان.
نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر مىللىي ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن شەرت- شارائىت ھازىرلىنىشتىن باشقا، بىر ياكى بىر قانچە پىداكارلىق روھىغا ئىگە سەركە ياكى سەركىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەيلى مىللىي خاراكتېر، مەيلى مىللىي ئويغىنىش جەھەتتە بولسۇن، مانا بۇ خىل سەركىلەرنى يېتىشتۇرۇش ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىش قۇربىتىن مەھرۇم بولغىنى يوق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.