لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇلاھىزىلەر


2008.03.18

Tibet-xitayarmy1-200.jpg
بۇ سۈرەت Youtube سىن - ئالغۇ فىلىملىرىدىن ئېلىنغان. Source: Youtube

لاسا شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن، تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلىرى پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئىگە بولدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت نامايىشىدا يۈز بەرگەن رىئال ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەدبىرىمۇ بارغانسېرى جىددىيلەشتى.

خىتايدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ پائالىيىتى چەكلەنمەكتە

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى چىقارغان 'خوڭكوڭ، ماكاۋ مۇخبىرلىرىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدىكى زىيارەت پائالىيىتى ھەققىدە بەلگىلىمە' گە خىلاپلىق قىلىپ، تۈنۈگۈن خوڭكوڭدىكى 10 نەچچە گېزىت، رادىئو، تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى لخاسادىن قوغلىدى. ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىمۇ، تىبەتلەرنىڭ نامايىشى ھەققىدىكى سىن ئۇچۇرلىرىنى چەكلىدى.

ئەنگىلىيە مۇخبىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۇەندىن، لەنجۇدىن تىبەتكە بارىدىغان يوللارنى قامال قىلغان، مۇخبىرلارنى مۇتلەق كىرگۈزمىگەن.

سىچۇەن ئابا تىبەت ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى بىر مېھمانخانىدىن بايان قىلىنىشىچە، ھازىر بۇ جايغا چەتئەل ساياھەتچىلىرى كىرگۈزۈلمەيدۇ، مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە كەلگەنلەرگىمۇ ساقچىلار دەرھال كېتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

Tibetan_shoot-dead-1_200.jpg
بۇ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن تىبەتلىك ياش بولۇپ، ئوق ئۇنىڭ كۆكسىگە ۋە ئوڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا تەككەن. سۈرەتنى، تىبەت دىنىي ئىشلار فوندى تەمىنلىگەن.

چىڭخەيدىكى بىر مېھمانخانىدىن بايان قىلىنىشىچە، بۇ جايغىمۇ چەتئەللىك مېھمانلارنىڭ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. گەنسۇدىكى ساياھەت يولباشچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جايغا كەلگەن چەتئەللىك مېھمانلار قايتىپ كەتكەندە، ئۇلارنىڭ تارتقان فوتو سۈرەتلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

بۈگۈن 'كۆزىتىش جۇرنىلى'دا بى ۋېنجا ئەپەندىنىڭ تىبەت نامايىشىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى بىر مۇلاھىزىسى ئېلان قىلىندى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھازىر خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالغان.

كوممۇنىست مەتبۇئاتلىرى خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيماقچى

‏-‏ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لخاسادا ھەربىي ھالەت پەيدا قىلىپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن نامايىش قىلغان تىبەتلەرنى قوغلاپ تۇتۇشقا باشلىغانلىقى، ‏-‏ دەپ بايانىنى باشلايدۇ ئاپتور، ‏- كوممۇنىست مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيماقچى بولۇۋاتقانلىقى، لخاسادا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن بولغان ھەر قانداق بولغان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى چەكلەشكە باشلىغانلىقى، ھازىر تىبەتكە ئەمەس، ھەتتا سىچۇەن، گەنسۇ، چىڭخەيلەرگىمۇ زىيارەت ئۈچۈن بارىدىغان مۇخبىرلارغا ۋىزا بېرىشنى چەكلەۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار غەرب دۆلەتلىرىگە ئۆزگىچە تەسىر بەردى.

چەتئەل مۇخبىرلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ

Tibetan_shoot-dead-2_200.jpg
ئابېي ناھىيىسىدە، ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆلتۈرۈلگەن. سۈرەتنى، تىبەت دىنىي ئىشلار فوندى تەمىنلىگەن.

مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'مىككىلەتچى گېزىتى' McClatchy Newspaper نىڭ مۇخبىرى تىم جونسون ئەپەندى گەنسۇغا بارغاندا، ئۇنىڭ تىبەتلەرگە ئائىت ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ 'س ئى م' كارتىنى كۆپ قېتىم يەڭگۈشلەپلا قالماي، بەلكى يانفونىنىمۇ بىر نەچچە قېتىم يەڭگۈشلەش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇرغان.

كانادا س ب س كبك رادىئو شىركىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر مۇخبىرى چىڭخەينىڭ پايتەختى شىنىڭ شەھىرىدىكى بىر تىبەت ئىبادەتخانىسنى زىيارەت قىلسا، ئۇنى خىتاي ساقچىلىرى قولغا ئالغان.

دۇنيا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى چۈشىنىۋاتىدۇ

‏-‏خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 ‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادا نارازىلىق پەيدا بولغان ئىدى،‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ مەزكۇر مۇلاھىزىدە، ‏-‏ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا پەيدا بولغان بۇنداق نارازىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 'توپىلاڭنى باستۇرۇش' دېگەن سۆزنى قوللىنىشقا ۋە نەق مەيداندا يۈز بەرگەن ۋەقەنى يوشۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى تىبەت ۋەقەسىنىمۇ شۇ تەدبىر بىلەن بىر تەرەپ قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر دۇنيا تىبەتلەرنىڭ ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ تىبەتتە 'مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىش' مەقسىتى بارلىقىنى بىلىپ قالدى. تىبەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنىمۇ چۈشىنىشكە باشلىدى.

قانلىق زىياپەت

كانادادا ياشايدىغان مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى شېڭ شۆ خانىم 3 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى، 'يېڭى ئەسر جۇرنىلى' ئۈچۈن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە يازغان ئوبزورىدا، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھەققىدىكى سىياسىي مۇددىئاسىنى تېخىچە چۈشىنىپ يەتمەيۋاتقان ھەر خىل شىركەتلەرنى 'بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سۇدان ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق دارفۇردا مىللىي قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئەمدى ئۆزى بىۋاستە تىبەتكە قول سالدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئادەملىك ھوقۇقىنى قوغداشقا، دېموكراتىيە تۈزۈمى تىكلەشكە جۈرئەت قىلغان ھەر قانداق كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش، قولغا ئېلىش، باستۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، يېقىن كەلگۈسىدە بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىر مەيدان قانلىق زىياپەت بولۇشى مۇمكىن' دەپ ئاگاھلاندۇردى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.