تىبەتلەرقارلىق تاغدىكى شىر بەلگىلىك دۆلەت بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيادا لەپىلدەتتى (3)
2008.03.28

يېقىنقى 10 نەچچە كۈندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان تىبەت ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى تىبەتلەر 1959 - يىلى ۋە 1989 - يىلى مۇشۇ كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان تىبەت ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 'قارلىق تاغدىكى شىر' بەلگىلىك دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان ئىدى. تىبەتلەرنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەنە باستۇرۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا يۈز بەرگەن نامايىشىنى 'ئۇرۇش چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش' ھەرىكىتى دەپ باستۇردى. تىبەتلەر بولسا 'بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىغان ئويدۇرما' دەۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆزى مۇخبىر تەشكىللەپ تىبەتكە زىيارەتكە ئەۋەتكەن ئىدى. ئەمدى بۈگۈن، 28 - چېسلا يەنە ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق 15 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىنى تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆزى تەشكىللەپ تىبەتكە ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتكە ئەۋەتكەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئامېرىكا مۇخبىرى (بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى) چارلىس خۇتزىلېر لخاسادىكى نامايىشنى باشلىغان جۇكوڭ ئىبادەتخانىسىدىكى راھىب ۋە راھىبەلەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىبادەتخانىدىكى لامالار 'تىبەتتە ئەركىنلىك يوق' دەپ يىغلاپ كەتكەن؛ ئۇلار يەنە ' 14 - مارتتىكى قالايمىقانچىلىق بىلەن دالاي لامانىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق' دېگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، 'نيۇيورك تايمىس گېزىتى'، 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ساقچى قىسىملىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى مۇررەي سكوت تاننېرنىڭ تىبەتتە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلىرىگە قارىغاندا، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى لخاسا شەھىرىدە تىبەتلەر كوچىلارغا چىقىپ كۆرەڭلەپ، قوللىرىدا قىڭراق پۇلاڭلىتىپ خىتايلارنى قورقۇتىدىغان، خىتايلارنى چالما - كېسەك قىلىدىغان، خىتاي دۇكانلىرىنى بۇلايدىغان بىر چوڭ قالايمىقانچىلىق بىر نەچچە سائەتكىچە داۋاملاشقان. بۇ قالايمىقانچىلىق تىبەتلەرنىڭ خىتايلارنى تىبەتتىن قوغلاپ چىقىرىش نىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدىغان ساقچى ياكى باشقا قوراللىق قىسىملىرى پۈتۈنلەي غايىپ بولغان. ئەمما پۇقراچە كىيىنگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى كوچىلارغا چىقىپ، بۇ چوڭ قالايمىقانچىلىقنى ناھايىتى تەپسىلىي سىنغا ئالغان.
مۇررەي تاننېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈندىن باشلاپ كوچىلاردا نامايىشچىلارنى باستۇرغان. تاننېر ئەپەندىمۇ شۇ كۈنى تىبەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇ تىبەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوچىلاردا تىبەتلەرنى قوغلاپ تۇتۇپ ئۇرغان، ھەتتا يەرلەرگە ھاك چېچىپ قان ئىزلىرىنى تازىلاۋاتقان ئەھۋاللارنى كۆرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتكە ۋە چەتئەللەرگە بېرىدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەييارلىغان 'تىبەتلەرنىڭ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ پاكىتلىرى' نىلا ئېلان قىلىشقا باشلىغان.
تاننېر ئەپەندى تىبەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن بۇرۇن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىكىنى قوزغاش رولىنى ئويناپ، خىتايلار ئۆز ھۆكۈمىتىدىن ھاياتىنى ۋە مال - مۈلكىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلەرگە ھەرگىز رەھىم قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، خىتاي مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنىڭ نومۇر - بەلگىلىرى ئاق قەغەز بىلەن چاپلىۋېتىلگەن تانكا، برونىۋىكلىرى كوچىلارغا چىققانلىقىنى كۆرگەن، كوچىلاردا ئېتىلغان ھەر خىل ئوق، ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان.
مۇررەي تااننېرنىڭ ئېيتىشىچە، 1989 - يىلى خۇ جىنتاۋ ئەپەندى تىبەتلەرنى باستۇرغاندا ئۆزى بېيجىڭغا بېرىۋېلىپ، ۋەقەنى ئۇقمىغان بولۇۋالغان ئىدى. بۇ قېتىم تىبەتنىڭ سېكرىتارى جاڭ چىڭلىمۇ بېيجىڭدا 'بىزنىڭ دالاي گۇرۇھى بىلەن بولغان كۆرىشىمىز ھايات - ماماتلىق كۈرىشى' دەپ جاكارلاپ قويۇپ، قالغان ئەھۋالنى ئۇقمىغان بولۇۋالدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى، تىبەتنىڭ ئىشىكى چەتئەللەرگە تامامەن تاقالغان ئەھۋال ئاستىدا داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆزى تەشكىللەپ تىبەتكە ئەۋەتكەن مۇخبىرلار يەنىلا رىئال ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئەمدى 28 - چىسلادىن باشلاپ 15 دۆلەتنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى تىبەتكە بېرىپ زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى. بۇلار ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنى كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا ئاڭلىتىمىز. (داۋامى بار، ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سۈيىقەستلىرى
- تىبەتلەر ' قارلىق تاغدا شىر' بەلگىلىك دۆلەت بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيادا لەپىلدەتتى (1)
- خىتاي تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە تېررورىزم جىنايىتى ئارتىشقا قەدەم باسماقتا
- ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ دارامسالا زىيارىتى
- تىبەتلەر خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەركىتى ئېلىپ بارغان
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى
- خىتاي دۆلەت بايرىقى چەتئەلدە ئىككىنچى قېتىم يىقىتىلدى
- 14 - دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى كىم بەلگىلەيدۇ ؟
- تىبەتتە ساقچىلار بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- دالاي لاما: خىتاي دائىرلىرى تىبەتكە ئالى ئاپتونومىيە بېرىلسە، بۇ ئۇيغۇر رايۇنىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدۇ
- دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى بېرىلدى
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (2)
- خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى نامايىشقا دۇچ كەلدى
- خىتاي تىبەتكە ئالى ئاپتونومىيە بېرەمدۇ؟