«تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ تارىخى ھەقىقەتلىرى»

تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ھېسسېن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپى بىلەن 22-ئاۋغۇستتىن باشلاپ گېرمانىيىدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى ئېتىبارغا ئالمىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.08.23
dalay-lama-erkin-aliptekin-305.jpg دالاي لاما د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن.
RFA/Ekrem

دالاي لاما ھېسسېن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ۋولكېر ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن گېرمانىيىدىكى زىيارىتى باشلاشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «دالاي لاما دىنىي روھانىيلىق مىزانلىرىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى، ۋەتەننى پارچىلاش غەرىزىگە ئىگە شەخس» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، گېرمانىيىگە ئاياق باسقان كۈنى ئۇنى 600 دىن ئارتۇق كىشى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئۆلكە باشلىقى ۋولكېر ئەپەندى «بىز كۈتىۋېلىۋاتقان بۇ شەخس تىبەت خەلقىنىڭ مەنىۋى داھىيسى، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ سىمۋولى، گېرمانىيىنىڭ، بولۇپمۇ ھېسسېن ئۆلكىسىنىڭ دوستى» دېگەندەك يۇقىرى باھالارنى بەردى. دالاي لاما ئىلگىرى بۇ ئۆلكىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھېسسەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق باشلىقى رولاند كوخ ئەپەندىمۇ ئۇنىڭ شەخسىي دوستى ھەم مۇرىدى ئىدى. بۇ قېتىمقىسى دالاي لامانىڭ ھېسسېن ئۆلكىسىگە قىلغان 4-قېتىملىق زىيارىتى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋېلىندى ۋە مىڭلارچە كىشىگە تىبەتلىكلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

dalay-lama-dolqun-eysa-385.jpg
دالاي لاما د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بىلەن. 2009-يىلى ئاۋغۇست. گېرمانىيە
RFA/Ekrem

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى فرانكىفۇرت ئۇنىۋېرسىتېتى، ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھېسسېن ئۆلكىلىك پارلامېنتلاردا نۇتۇق سۆزلىدى. نۇتۇقلىرىنىڭ تېمىسى «رەھبەرلىك قىلغۇچىلار ۋە قىممەت قارىشى» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولدى. نۇتۇقلىرىدا يەنە خىتاينى ئەيىبلەش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش چاقىرىقلىرى ئورۇن ئالدى. «مېنىڭ سىياسىي ۋەزىپىلەردىن ئىستېپا قىلىشىم، دالاي لاما ئەمەسلىكىمنى بىلدۈرمەيدۇ، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، مەن يەنىلا دالاي لاما» دېدى ھەمدە 21-ئەسىرنىڭ دىئالوگ يىلى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ھەپتە ئىلگىرى تىبەت رايونىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان راھىب ۋاڭ نوربۇ ھەققىدە توختالغاندا: «ئۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ تىبەتتىكى مۈشكۈلاتلارغا دىققىتىنى تارتىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈردى» دېدى. دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھەققىدە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

دالاي لامانىڭ گېرمانىيىدە قانچە ئونمىڭلىغان مۇرىدى بار. ئۇلار دالاي لامانى ياخشى چۈشىنىپلا قالماي، تىبەت تارىخىنىمۇ ياخشى بىلىشىدۇ. گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تىبەتلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى تىبەتلىك بولسا، يۈز نەپىرى گېرمانلاردىن ئىبارەت. گېرمانىيىدە مەيلى دۆلەتنىڭ ياكى ئۆلكىنىڭ سايلاملىرىغا قاتناشقۇچىلار بولمىسۇن، سايلامدا كۆپ ئاۋاز قازىنىش ئۈچۈن ئەمەلدارلار ئۆزىنى تىبەت ھىمايىچىسى، دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە تېرىشىدۇ. دالاي لاما ۋە تىبەت ھەرىكىتىنىڭ گېرمانىيىدە بۇ قەدەر شۆھرەت قازىنىشىغا سەۋەب بولغان كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ بىرى «تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ تارىخى ھەقىقەتلىرى» ناملىق كىتابنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىدۇر.

«تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ تارىخى ھەقىقەتلىرى» ناملىق بۇ كىتاب يىللار ئىلگىرى تىبەت يازغۇچىسى جامياڭ نوربۇ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كىتاب شۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلانغان: «خىتاي تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن ئىلگىرىكى تىبەت، بارلىق دۆلەتلەردە بولغان ئىقتىدارغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. تارىختىكى تىبەت ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر قوشنىسىغا تەھدىت سېلىپ باقمىغان شۇنداقلا ھېچقانداق بىر سىرتقى ياردەم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، قانچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۆز ‏-ئۆزىنى قامداپ ياشاپ كەلگەن، باشقا ھېچبىر دۆلەت ھۆكۈمرانلىرى ياكى كىشىلىرىنىڭ دىلىنى ئاغرىتىپ باقمىغان. گەرچە قەدىمكى تىبەت ھازىرقىدەك دېموكراتىك جەمئىيەت ئەمەس، بەلكى بېكىنمە ھالەتتىكى دىنىي مۇستەبىتلىك ھۆكۈم سۈرگەن بىر جەمئىيەت بولسىمۇ، قانچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تىبەت زېمىنىدا قانۇن ۋە تەرتىپ ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورنىتىلغان كېلىشىملەرگە سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەل قىلىنغان.»

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە يەنە، تىبەتنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ھايۋاناتلارنى ۋە مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمى بەرپا قىلغا دۆلەت ئىكەنلىكى، 1642-يىلىدىن ئىلگىرىلا ھايۋاناتلار ۋە مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە «تاغ-ئىدىرلار پەرمانى»نى ئېلان قىلغانلىقى، تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ 1892-يىلىدىن بۇرۇنلا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. كىتابتا تىبەتلىكلەرنىڭ تارىخىدا ھېچقاچان باشقا مىللەتلەرنى (جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنى)قىرغىن قىلغان بىر تارىخ يېزىلمىغانلىقى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلى ئۆز خەلقىنى قىرغىن قىلغانغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق بولۇپ باقمىغانلىقى، قوشنا ئەللەردىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئىقتىسادى ۋە سىياسىي كۆچمەنلەرنى قوينىغا ئالغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلاردا بىرمۇ تىبەت سەرگەردان يوقلۇقى چۈشەندۈرۈلگەن.

«تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ تارىخى ھەقىقەتلىرى» ناملىق بۇ كىتاب ھازىر گېرمانچە تور بەتلىرىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىم دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مەزگىللىرىدە مەزكۇر كىتابتىكى مەزمۇنلار تېخىمۇ مۇنازىرە قوزغاپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.