دۇنيا تىبەت قۇرۇلتېيىنىڭ قارارىدىكى ' ئوتتۇرا يول ' دېگەن قانداق سىياسەت ؟

مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى تاغ شەھىرى - دارامسالادا ئاچقان دۇنيا تېبەت قۇرۇلتېيى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاخىرلاشتى. بۇ 6 كۈنلۈك قۇرۇلتاي ئىككى كۈن سرتقا ئوچۇق يىغىن ئاچتى، قالغان 4 كۈندە يېپىق يىغىن ئاچتى.

0:00 / 0:00

يىغىندا 600 ۋەكىل تىبەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە ئەستايىدىل ھەم ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ دارامسالادىن خەۋەر قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامىنت باشلىقى كارما چوفېل بۇ قۇرۇلتايدا قوبۇل قىلىنغان 6 بەتلىك قارار ھەققىدە توختىلىپ 'كوممۇنىست خىتاي تىبەتنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، تىبەتتە ئىنتايىن قاباھەتلىك سىياسەت يۈرگۈزدى. پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا تىبەتلەرنىڭ مىللىي مۇھىتىنى، مەدەنىيىتىنى، دىنىنى يوقىتىشقا باشلىدى.

ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە' دېگەن نام ئاستىدا خىتايدىن كەڭ - كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەپ، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى. بۇ جەرياندا، تىبەتلەردە تەدرىجى ھالدا توپلىنىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلەر قوزغالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا تىبەتلەرنى قانلىق باستۇرغانلىقى بۇنىڭ داۋامى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار' دېدى.

ئوتتۇز يىلدىن بۇيان تىبەت - خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر پۈتۈنلەي نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامىنت باشلىقى كارما چوفېل باياناتىدا يەنە'ئوتتۇز يىلدىن بۇيان تىبەت - خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر پۈتۈنلەي نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. دالاي لاما پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن بىزگە قىلغان نەسىھىتىدە، بۇنىڭدىن كېيىن تىبەتلەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزلىرى دېموكراتىك ئاساستا بەلگىلىسۈن، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

بىز بۇ قۇرۇلتايدا دالاي لاما قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، دالاي لامانىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە ۋە خىتاينىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەشەببۇسلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدۇق'دېدى.

كارما چوفېلنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى تىبەتكە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى يوق دەپ جاكارلىغان ئىدى، بۇ قۇرۇلتايدا دالاي لاما ھەم تىبەتلەرنىڭ سىياسى داھىسى دەپ قارار ئېلىندى' دېدى.

' خىتاينىڭ تىبەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىشقا ھەرگىز يول قويمايمىز'

مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامىنت ئەزاسى كېلساڭ گېلسېن سۆزىدە 'بۇ قۇرۇلتايدىكى ئورتاق سادا 'بىز خىتاينىڭ تىبەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىشقا ھەرگىز يول قويمايمىز' دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

گەرچە ھازىر تىبەتلەردە مۇستەقىل بولۇش ساداسى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا 'ئوتتۇرا يول سىياسىتى' نى داۋاملاشتۇرىمىز ' دېدى.

'ئوتتۇرا يول سىياسىتى'دېگەن تىبەتلەر زوراۋانلىق بولمىغان كۈرەش شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەندىن ئىبارەت

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلتاينىڭ 'ئوتتۇرا يول سىياسىتى' قوللىنىش دېگەن قارارىغا قارشى چىقتى. خىتاينىڭ بىرلىكسەپ مىنىستىرى جۇ ۋېيچۈن بۇ قېتىمقى دۇنيا تىبەت قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا 'دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول دېگىنى، ئەمەلىيەتتە تىبەتنى مۇستەقىل قىلىشتىن ئىبارەت' دەپ جاكارلىدى.

كېلساڭ گېلسېننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 'ئوتتۇرا يول سىياسىتى'دېگەن تىبەتلەر زوراۋانلىق بولمىغان تىنچ كۈرەش شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەندىن ئىبارەت.

دۇنيا تىبەت قۇرۇلتېيى يېپىق يىغىن ئېچىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى ۋەزىپىدىن قالدۇردى

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا تىبەت قۇرۇلتېيى يېپىق يىغىن ئېچىپ تىبەتلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تىبەت سىياسىتى مەغلۇپ بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ تىبەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان ئەمەلدارى بى كېنى ۋەزىپىدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىست خىتاينىڭ بىرلىكسەپ مىنىسىتىرى دۇنيا تىبەت قۇرۇلتېيىنى ئەيىبلەپ قاتتىق پوزىتسىيە ئىپادىلەشكە باشلىغان.

بۇنىڭدىن كېيىن سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشتىن ئۈمىد يوق

تىبەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئەركىن تەتقىقاتچى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تىبەتلەر خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تىبەتلەرنىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىگىمۇ قارشى چىقتى.

گەرچە ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەت دەرۋازىسى تاقالدى دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ مەسىلە ھەل قىلىشتىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ.

خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى يېقىندا خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىغا بېرىپ قەبرە سۈپۈرمەكچى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى لياڭ گۇاڭليې 1962‏ - يىلى خىتاي - ھىندىستان ئۇرۇشى بولغاندا، ئۇرۇشقا قاتناشقان 54 ‏ - كورپۇسنىڭ قوماندانى ئىدى. ئۇنىڭ يېقىندا، ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇش بولغان جايغا بېرىپ، قەھرىمانلارنى ئەسلەپ قەبرە سۈپۈرمەكچى بولغانلىقى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالدى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنى تەھدىت خاراكتېرلىك ھەرىكەت دەپ قاراپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ گېزىتلىرىدە ئاتوم ئۇرۇشى يۈز بېرىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ھىندىستان قىسىملىرى خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلاردا يول ياساپ، تونىل قېزىپ، 'يالقۇن' بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئەمما بۇ خەۋەرنى يازغان مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە تاغلاردا ئەمەس، بەلكى دېڭىزدا يۈز بېرىشى مۇمكىن.

'توغرا بەلگىلەنگەن سىياسەت تىبەت خەلقىنى خەتەردىن ساقلايدۇ'

س ن ن مۇخبىرى سوتتاننىڭ يېڭى دېھلىدىن خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتلەر ھازىر ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىغا مېڭىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ تېبەت ياشلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ساداسى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تېبەت مەسىلىسى 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر مۇھىم رىقابەت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ رىقابەت ھازىر تېخىمۇ كۈچلەنمەكتە. دالاي لاما بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت بەلگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەپ 'توغرا بەلگىلەنگەن سىياسەت تىبەت خەلقىنى خەتەردىن ساقلايدۇ' دېگەن.