خىتاي تىبەتنىڭ «تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقى» نى تەبرىكلەپ ھەربىي ھالەت يۈزگۈزدى

خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 7‏-ئاينىڭ 17‏-كۈنى تىبەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن لاساغا بارغاندا، خىتاي تىبەتتە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، تىبەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ لاساغا بارغاندا، جاڭ چىڭلى باشلىق ئونمىڭغا يېقىن تىبەت كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقى لاسانى قىزىل گۈل، يېشىل يوپۇرماق ۋە ئاپئاق خاداغا پۈركىدى دەپ بايان قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى تىبەت مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تۇپتەن سۇمپېل بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاي تىبەتتە كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ھالەت يۈزگۈزگەنلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ تىبەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ لاساغا كەلدى دەۋاتىدۇ دەپ بايان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا يەنە، خىتاي مۇشۇ 60 يىلدا يۈرگۈزگەن زۇلۇم سىياسىتى بىلەن 1 مىليون 200 مىڭ تىبەتنى ئۆلتۈرۈپ بولدى. خىتاي بۇ قېتىم يۈرگۈزگەن ھەربىي ھالەتنىڭ دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولدى، تىبەتنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنىڭ، يۇرت بىلەن يۇرتنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى، دەپ كۆرسەتتى.

مۇھاجىرەتتكى تىبەت مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئالاقە مىنىستىرى تەنزېن ئاتىشامۇ، خىتاينىڭ ھازىر تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان «تەبرىكلەش» پائالىيىتىنى، پۈتۈنلەي دۇنيانى ئالدايدىغان ياسالما كۆرۈنۈش، خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ، تىبەت خەلقى شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى دېگىنى ئوچۇق-ئاشكارا يالغانچىلىق دەپ كۆرسەتتى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يىللاردىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي بىلەن تىبەت ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا «تىنچلىق بىتىمى» تۈزگەن، 1951-يىل 5‏-ئاينىڭ 23-كۈنىنى، تىبەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى دەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ يىل شۇ كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى تىلغا ئالمىدى. ئەمدى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقامدا يوق بىر ۋاقىتتا تىبەتنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش دېگەن نام بىلەن، تىبەتتە كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ھالەت يۈرگۈزدى. بۇ، خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بىرىنچى دەرىجىلىك ھەربىي ھالەتتە تۇرغاندا لاساغا كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ ئىز باسارلىق ئورنىنى ۋە ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تىبەتتە «تىبەتلەرنى تىبەتلەرنىڭ قولى بىلەن باش ئەگدۈرۈش» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى.

رادىئويىمىزنىڭ خىتايچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى تېلېفون ئارقىلىق لاسادىن ئىگىلىشىچە، شى جىنپىڭ لاساغا كەلگەن كۈنى لاسانى ۋەھىمە قاپلىغان، ئىبادەتخانىلارنىڭ ئەتراپىدا خىتاينىڭ ئاتارمەنلىرى تىبەتلەرنى مارلاپ يۈرىيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇدالا ئىبادەتخانىسى ئالدىدا بىر ھەشەمەتلىك سەھنە ياساپ، تىبەتچە ئويۇن قويۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن تىبەتچە ياسانغان خىتايلار دىن باشقا راست تىبەتلەر يوق.

لاسادىكى بىر قاۋاقخانا خادىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، مېھمانلار تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقچىلار ھۆددىگە ئېلىۋالغان، سىرتتىن كەلگەن مېھمان يوق، قاۋاققا كېلىدىغان ئادەممۇ يوق. سىرتتا ۋەزىيەت جىددىي. سىرتقا چىققان ئادەملەرنى مارىلاپ تۇرغان مەرگەنلەر كۆپ. ئۇلار ھازىر تىبەتتە بۇنداق جىدىديلەشكىدەك نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ.

خىتاي تەتتقىقاتچىسى ۋاڭ لىشوڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ساپلا ئىچكى ئۆلكىلەردە خىتايلاشتۇرۇلغان تىبەتلەرنى تىبەتتىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپىگە قويۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇنداق تەدبىر بىلەن يەنىلا تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنىسى ئېنىقكى، تىبەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا پارچىلىنىپ قارىمۇ-قارشى بولۇپ كەتكەندىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىنى دالاي لاماغا چوقۇنۇشتىن ياندۇرغىلى بولمايدۇ.