
تىبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش پىلانلىرىنى يولغا قويماقتا. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ. تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، نامايىش ۋە قوزغىلىڭى ئىزچىل داۋاملاشماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى رايونىدىكى تىبەتلەر بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن سىرت، تىبەتلەرنىڭ بىر باشلانغۇچ مەكتىپىدە تىبەت بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ ھادىسىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي ۋە قوراللىق كۈچلەرنى تىبەتلەر رايونىغا كۆپلەپ يۆتكىشىگە يول ئاچقان.
تىبەتلەر بىلەن يەرلىك ساقچى ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە 4 ئادەم قازا قىلغان
ھىندىستاننىڭ دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى، گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تىبەتلەر بىلەن يەرلىك ساقچى ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر ئۆز - ئارا توقۇنۇشۇپ، ئاز دېگەندە 4 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان ئىدى.
سەرگەردان تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى داۋازىرېن 18 - مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن گەنزى ئوبلاستىدا ئىككى مەشھۇر بۇدخانا مۇرىتىنىڭ، قوراللىق ئەسكەر قورغىنىنىڭ ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، كوچىدا نامايىش ئېلىپ بېرىپ شۇئار توۋلىغانلىقىنى، بۇدخانا سىرتىدىكى تىبەتلەر بۇ ئىككى راھىبنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاپ، نامايىش قوشۇنىنى كېڭەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

داۋزىرېننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوبلاستقا ئىككى چوڭ بۇدخانا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي ئەسكەرلىرى مەزكۈر بۇدخانىلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، بۇدخانا ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى قاتتىق چەكلەش بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا سىرتتىن بۇدخانىغا ئادەم كىرىشنى چەكلىگەن.
ئىككى راھىب، بۇدخانا ئىشىكىگە قارىتىلىپ ئاپتومات تىكلەنگەنلىكىگە قارىماي سىرتقا چىقىشقا ئۇرۇنغاندا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان ئۇلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش سېپىگە قېتىلغانلارمۇ ئوققا تۇتۇلغان ۋە نەتىجىدە بىگۇناھ 7 تىبەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. داۋزىرېن قازا قىلغان 7 ئادەمنىڭ 4 ىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، بىرىنىڭ ئىسمى ئوگا، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى چاڭبا، يەنە بىرى بۇدخانا راھىبى بولۇپ، 4 - سى " كىچىك سىڭىلچاق" دەپ ئىسىم قويۇلغان بىر تىبەتلىك قىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
تىبەتلەر خىتاي دۆلەت بايرىقىنىڭ ئورنىغا تىبەت بايرىقىنى ئاستى
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى چارشەنبە كۈنى، ۋەقە ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، گەنزى ئوبلاستى مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا تېلېفۇن ئۇرغان، مەزكۈر كومىتېتنىڭ مۇدىرى لو يۇخۇا مۇخبىرغا ": مەن بۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، مەن بۇنى ئاڭلىمىدىم" دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭدا، ئەسكەرلەرنىڭ ئوق چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئالما گېزىتى چارشەنبە كۈنى، نۇرغۇنلىغان رەسىملەرنى گېزىتكە بېسىپ، بىر قىسىم تىبەتلەرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، كانادانىڭ بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گەنسۇ ناھىيىسىدىكى بىر كەنتتە تىبەتلەرنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت بىناسىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى، 100دىن ئارتۇق ساقچىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىدە، ئاتقا مىنگەن تىبەتلەرنىڭ بىر كىچىك مەكتەپكە يىغىلىپ، خىتاي دۆلەت بايرىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تىبەتنىڭ مۈستەقىللىقىنى ئىپادىلەيدىغان تىبەت بايرىقىنى ئاسقان كۆرۈنۈشى ۋە مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ يارىلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى نامايەن قىلىنغان ئىدى.
سىچۈەن ئۆلكىسىگە تەۋە چېڭدۇ، خىتايدىكى تىبەتلەر ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدا نۆۋەتتە چېڭدۇ ھەربىي تارماقلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئەسكەرلەرنىڭ تىبەتكە بارىدىغان بارلىق يوللارنى قامال قىلىپ، سىرتتىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
"ئۆزىگە بومبا تاڭغان 'بومبا قىزلار' چىڭدۇغا يېتىپ كەپتۇ "
چېڭدۇدىكى بىر شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر چېڭدۇ ئىنتايىن جىددىي بىر ۋەزىيەتتە، قوراللىق ساقچىلار كوچىمۇ - كوچا چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن، ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇلارنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن. چېڭدۇدا يەنە، "ئۆزىگە بومبا تاڭغان بومبا قىزلار چىڭدۇغا يېتىپ كەپتۇ " دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل سۆز - چۆچەكلەرمۇ تارقالغان.
بۇ ئارىدا سىچۈەن مەتبۇئاتلىرى سەيشەنبە كۈنى، بىر تىبەتلىكنىڭ يولۇچىلار ئابتوبوسىنى توساپ، شوپۇر ۋە بىر يولۇچىنى يارىلاندۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى. ھەر تەرەپتە يۈز بېرىۋاتقان تىبەت توپىلىڭى ۋە نارازىلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ئۆز باھاسىنى بىلدۈرگەن داۋازىرېن ":تىبەتلەرنىڭ توپىلاڭلىرى مەجبۇرلاشتىن مەيدانغا كەلدى، ئەگەر تىبەت خەلقىگە ئۆز دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تېنچ بىر پۇرسەت بېرىلگەن بولسا، ئۇلار ھەرگىز زوراۋانلىق ئۇسۇللىرىنى تاللىۋالمىغان بولاتتى. مەسىلەن، راھىبلار نامايىش ئېلىپ بارغاندا، ئەسكەرلەر ئۇلارنى قورشىۋېلىپ، قاتتىق ئۇردى، بۇ يەردە پەقەت ئۆزىنى قوغدىغاندا، قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەندە ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالايتتى. خىتايلار ۋە ئەسكەرلەر ئالدى بىلەن زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ، تىبەتلەرنى باستۇردى، تىبەتلەر قارشىلىق بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قالدى" دېدى.
چېڭدۇدا قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ساھىبى خۇاڭ چىنىڭ قارىشىچە، تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ تېنچلىق يول بىلەن شۇنىڭدەك قانۇنىي ئۇسۇل بىلەن كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققى بار ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ": بىز گۇناھسىز خەنزۇلار ھەمدە تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى زوراۋانلىقنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان پۈتۈن تەشۋىقات، ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىدىغان ساختا تەشۋىقاتلارغا قارشى چىقىمىز " دېدى. (ئەقىدە)