تىبەت دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

تىبەت پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ھەمدە مائارىپ ۋە ياشاش ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەقىدە
2011.01.13
Tibet-besim-yuqiri-305 ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 1 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ، ﺳﯩﭽﯘﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

"خەلقئارا تىبەت پوچتىسى" گېزىتى 12-يانۋار كۈنى، تىبەت دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ، تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا ھازىرلىغان 90 بەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، تىبەت پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ھەمدە مائارىپ ۋە ياشاش ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

درامسالادىكى تىبەت دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ 2010"-يىلى تىبەت چېگرىسى ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى" دېگەن تېمىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ باش قىسمىدا ئەينەن مۇنداق دېيىلگەن.

"جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنى قىلچە يېنىكلەتكىنى يوق، 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرمە ھەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا 831 تىبەتلىك سىياسىي جىنايەتچى سۈپىتىدە قامالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 360 ئادەم ئۈستىدىن سوت ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىنغان، 12 تىبەتلىك مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىلەن جازالانغان، يەنە 71 كىشى سوتنىڭ سوراق جەريانىدىن ئۆتۈپ، ھۆكۈم چىقىرىلىشىنى كۈتۈپ ياتقان بولۇپ، بۇلاردىن سىرت يەنە 188 كىشىنىڭ ئىز دېرىكى سۈرۈشتۈرۈلمەكتە".

بۇ دوكلاتتا يەنە مۇنداق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان:

  • 2010-يىلى تىبەت زىيالىيلىرى ئارىسىدا ۋە مەدەنىيەت ساھەسى بويىچە تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 2008 ‏-يىلىدىن بۇيان 60 تىن ئارتۇق تىبەت يازغۇچىسى ھەمدە ژۇرنال مەسئۇللىرى قولغا ئېلىنغان.
  • 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تىبەتلىكلەر ئۈچۈن ھېچقانداق ئۈنۈمى بەرمىگەن بولۇپ، 2008-يىلى 9 نەپەر تىبەتلىك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن، قالغان 7 سىنىڭ ئۆلۈم جازاسى، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان.
  • مائارىپ ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلغان تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار، نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈمەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەن، توڭرېن ناھىيىسىدىكى 6 مەكتەپنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىسى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تىبەت تىلىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئەيىبلىگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنېۋىرسىتىئىتىنىڭ 600 غا يېقىن تىبەت ئوقۇغۇچىسى نامايىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى تىبەت تىلىنى قوغداش تەشەببۈسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلىدىن بۇرۇن تىبەت ۋە ئېنگىلىس تىلىدىن سىرت، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا نەشر قىلدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قارار بېكىتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، تىبەت خەلقىنىڭ تىبەت تىلىنى قوغداش ۋە تىبەت مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى، دۆلەتكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى دەپ قارىلىغان.

مەزكۇر دوكلاتتا تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار بايان قىلىنغان:

"دىنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان تىبەت خەلقى، ئەركىن دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارالمىغاندىن سىرت، سۈرگۈندىكى تىبەت بۇددا رەھبىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق توغرىسىدا قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تىبەتلەر رايونىدىكى دىنىي ئورگانلارغا قارارتقان باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ‘ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى’ دېگەنگە ئوخشاش تەشۋىقات ۋە سىياسەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش شوئارىنى جار سېلىپ، تىبەتلىكلەرگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەكتە".

دارامسالادىكى تىبەت دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش مەركىزى يەنە ئۆز دوكلاتىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ، تىبەتتە "تەرەققىيات" ۋە "مۇقىملىق " نى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دەپ جار سېلىپ، يەرلىك تىبەتلىكلەرگە قىلچە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغان سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئىلگىرى سۈرگەن:

"2010‏-يىلى 1-ئاينىڭ 18 ۋە 20-كۈنلىرى 5-قېتىملىق تىبەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەندە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن 300 دىن ئارتۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، سىچۇئەن، چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن قاتارلىق تىبەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. بولۇپمۇ 10 يىل ئىچىدە رايوندا تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نامرات دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش، رايونننىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇشتەك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتى بەلگىلىگەن.

تىبەتتە يەنە بۇ بىر يىل ئىچىدە، نەچچە ئون مىڭلىغان تىبەت خەلقى يەر تەۋرەش، لاي كۆچۈش ئاپەتلىرىگە ئۇچراپ، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرگۈندىكى تىبەت داھىيسى دالاي لامانىڭ، يۇرتىغا بېرىپ ئۆز خەلقىدىن ھال سوراش، تەسەللى بېرىش ئىستىكىنى رەت قىلدى، سىياسەتنى بىر تەرەپكە قويۇپ، خەلقىنىڭ ئامان ئىسەنلىكىنى تىلىگەن دالاي لامانىڭ سەمىمىي تەلىپىنى رەت قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل پوزىتسىيى بىلەن ھېچقاچان تىبەت خەلقىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە تىبەت خەلقىنىڭ دالاي لاماغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىغا يول ئاچىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا پەقەت، دالاي لاما بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقلا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى، تىبەت خەلقى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ بىرگە ئىناق ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ خالاس."

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.