مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بۈگۈن مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سايلاپ چىقىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى بىۋاسىتە سايلامدا، ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئوقۇغان تەتقىقاتچى لوبساڭ سانگەي 55% ئاۋازغا ئېرىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى. ئۇ، بۇ يىل 8- ئايدىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى دالاي لاما سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ دەم ئېلىشقا چىقىدۇ.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ، تىبەت تارىخىدىكى بىر چوڭ ئۆزگىرىش، يەنى تىبەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم دىنىي گۇرۇھتىن خالى، دالاي لامالار بولمىغان، پەقەت تىبەتلەر ئۆزى بىۋاسىتە سايلىغان بىر ئاددىي پۇقرا ئىدارە قىلىدىغان ھاكىمىيەت قۇرۇلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر بۇ قېتىم بىۋاسىتە بىلەت تاشلاپ سايلاپ چىققان كالون ترىپا، يەنى مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگەي بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا مۇخبىرلىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ سۆزىدە، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ۋە تىبەتتىكى تىبەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىردەكلا ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش، تىبەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە غۇرۇرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى قاتارغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
- ئىچكى تىبەت، سىرتقى تىبەت دەپ ئايرىلمايدۇ، - دەيدۇ مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان لوبساڭ سانگەي، - ھازىر 30 نەچچە دۆلەتتە ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر تىبەت، ھەممىسىنى بىردەك ئەركىنلىككە، دېموكراتىيىگە ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ بىرلا نىشانىمىز.
- مەن باشقىلارغا زوراۋانلىق قىلمايدىغان، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تىبەت ياشلار تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى،- دەيدۇ مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان لوبساڭ سانگەي، - بۇ قېتىم كالون ترىپا (باش مىنىستىر) بولۇپ سايلاندىم، تىبەتلەردىن كىم باش مىنىستىر بولۇپ سايلانمىسۇن، ئۇ ھېچقاچان مۇقەددەس دالاي لامانىڭ ئورنىنى ئىگىلىيەلمەيدۇ، ئۇ ئەمدى دەم ئېلىشقا چىقىدۇ، ئەمدى مەن يەنىلا مۇقەددەس دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتى، يەنى تىبەتلەر خىتايدا ئاپتونوم رايون بولۇپ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش تەشەببۇسىنى ئىجرا قىلىمەن.
- بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن تىبەت بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان. پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1949- يىلى تىبەتنى قوراللىق ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇنداق ياخشى مۇناسىۋەت بۇزۇلدى،- دەيدۇ مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان لوبساڭ سانگەي، - خىتاي ھازىر تىبەتنى تولۇق ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن خىتايدىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ كېلىۋاتىدۇ، تىبەتلەرنى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ، سىياسىي جەھەتتىن بېسىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن نامراتلاشتۇرۇۋاتىدۇ، تىبەتنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى بۇلغاۋاتىدۇ. مەن خەلق سايلاپ چىققان كالون ترىپا )باش مىنىستىر( بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇقەددەس دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول تەلىماتى بويىچە ئىش قىلىپ، خىتاي پەيدا قىلغان بۇ مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن، سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.