تىبەت ھەم موڭغۇل زىيالىرى: "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر بەختلىك دېگەن تەشۋىقات ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق"

لخاسا شەھىرىنىڭ 2010-يىلى خىتايدا "پۇقرالار ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدىغان" 10 شەھەرنىڭ بىرىنچىسى دەپ باھالانغانلىقى خىتاي ھەم چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئىنكاس قوزغىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.02.10
Lhasa_montage-305.jpg لىخاسا شەھىرىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2009-يىلى 25-يانۋار.
http://en.wikipedia.org
خىتايدىكى تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر «تىبەتكە نەزەر» تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، "تىبەت خەلقى خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ قوراللىرى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ" دېدى. ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل زىيالىيسى ئالماس سىرنۇد ئەپەندىمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "خىتايدا موڭغۇللار ئۇچراۋاتقان بېسىم تىبەت ھەم ئۇيغۇرلارنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولماقتا" دېدى.

خىتاي مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى ئۆتكەن ئايدا «مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيىسىنىڭ 2010-يىلدىكى پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى» نى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيىسى بۇ خىل راي سىناش پائالىيىتىنى 5 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل بۇ پروگراممىدا لخاسا شەھرى پۇقرالىرى خىتايدىكى "خەلق ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدىغان 10 شەھەرنىڭ بىرىنچىسى" دەپ باھالانغان.

خىتايدا ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىڭ رېئال ھاياتى ھەققىدە ئەسەر يېزىش بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخسلەردىن دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر «تىبەتكە نەزەر» ژۇرنىلىدا بۇ پروگرامما ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاي مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى "خىتايدىكى ئەڭ چوڭ يالغانچى" دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ۋوئېسېر ماقالىسىدە، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىمدا، بىر مۇخبىر مەندىن لخاسا شەھرى خىتايدا 'پۇقرالار ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدىغان شەھەر' دەپ باھالىنىپتۇ، سىزچە شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىدى. شۇ چاغدا مەن چاغان بايرىمى ھارپىسىدا گويا مەسخىرە ھەم كىنايە بىلەن ياسالغان ئاجايىپ چوڭ بىر سوۋغاتنى تاپشۇرۇۋالغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. ئاندىن مەن بۇ چەتئەل مۇخبىردىن ياندۇرۇپلا 'ئەجەبا سىز بىز تىبەتلەرنىڭ كېچە-كۈندۈز بېشىمىزغا تەڭلەنگەن قورال ئاستىدا، بۇتخانىغا بېرىپ ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىمىزمۇ يوق ھالەتتە ياشاۋاتقىنىمىزنى بىلمەمتىڭىز؟ ئەجەبا سىزنىڭچە بۇ خىل ھايات تىبەت خەلقىگە بەخت تۇيغۇسى بېرەرمۇ؟' دەپ سورۇدۇم. ئەمما، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ پروگراممىسى پۈتۈن خىتايغا تارقىتىلدى. چۈنكى مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يۈزى ئازراقمۇ قىزارماستىن يالغانچىلىق قىلىۋاتاتتى."

ۋوئېسېر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تىبەت ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ: "مەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ خىل باھالاشنىڭ 5 يىلدىن بۇيان ئۇدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ئالدىنقى4 يىللىق باھالاشتا لخاسا شەھرى خىتايدىكى 100 نەچچە شەھەر ئىچىدە ئۇدا 3 قېتىم 1-بولۇپ باھالىنىپتۇ، بىر قېتىم 3-بولۇپ باھالىنىپتۇ. مېنىڭچە لخاسا شەھرى 3-بولۇپ باھالانغان بۇ يىل بەلكىم 2008-يىللىق بولسا كېرەك. چۈنكى 2008-يىلى 3-ئايدا لخاسا شەھىرىدە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان تىبەت ۋەقەسى بولدى، ھۆكۈمەت ئارمىيە ھەم تانكىلار ئارقىلىق تىبەتلەرنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنى باستۇردى. مانا بۈگۈنگە قەدەر تىبەت لخاسا شەھىرىدە 001-005 تىپلىق ھەم 006-007 تىپلىق برونېۋىكلىرى لخاسا كوچىلىرىدا چارلاش ئېلىپ بارماقتا. ئۇنداقتا لخاسادىكى تىبەتلەر مانا مۇشۇ خىل برونېۋىكلارغا ئورنىتىلغان پىلىموتلار ۋە قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆزىنى خىتايدىكى 100 نەچچە شەھەر ئىچىدە ئەڭ بەختلىك شەھەر دەپ سېزىدىكەندە؟" دەپ يازىدۇ.

شىنخۇا تور بېكىتىدە 10-فېۋرال بۇلتۇر 2010-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ 2009-يىلدىكىدىن ئاشقانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە 2010-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيىلەردىكى ساقچىلار ھەم ئەسكەرلەرنىڭ "تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى نەتىجىسىدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش خىزمىتى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 82.38% كە يەتكەنلىكى" ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىمۇ تىبەت ۋەزىيىتىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر كوچىلىرىدىمۇ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى 2009-يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاشتى» دېگەن خەۋەر ھەققىدە توختىلىپ، "2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن '5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى' دە، ئۈرۈمچىگە كىرگەن قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرى شەھەر سىرتىغا چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇندىن بۇيان ئۈرۈمچى كوچىلىرىنىڭ ھەر بىر دوقمۇشىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تۆتتىن-تۆتتىن سەپ تۈزگەن قوراللىق ساقچى خادىملىرى كوچا چارلايدۇ. ساقچى ماشىنىلىرى 24 سائەت شەھەر ئىچىدە توختىماي چارلاش ئېلىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ، چاغان مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى. قاتناش تۈگۈنلىرىدە يولۇچىلارنىڭ كىملىك ۋە يۈك تاقىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەكتە. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن پۇقرالار ئەلۋەتتە ئۆزىنى بىخەتەر سېزىدۇ-دە" دېدى.

ئۇنداقتا ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەھۋالىچۇ؟ بۇ ھەقتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياو شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل دوختۇر ئالماس سىرنۇد ئەپەندى، موڭغۇللار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان بېسىمىنىڭ تىبەتلەر ھەم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىمدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى: "مېنىڭچە بىز موڭغۇللارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەردىمۇ ئېغىر. چۈنكى بىز ھازىر ئۆز زېمىنىمىزدا 20% كە چۈشۈپ قېلىپ، پۈتۈنلەي ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ بولدۇق. موڭغۇل چارۋىچىلىرى بۇ يەردىكى ئەڭ نامرات خەلق. ياشلىرىمىز ئارىسىدا موڭغۇل تىلىدا ئوقۇغانلار پۈتۈنلەي ئىشسىز. بىز موڭغۇللاردا ھازىر ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بارغانچە ئاز قالماقتا، ھەتتا كۆكتات سېتىۋېلىش، كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىش قاتارلىقلاردىمۇ خىتاي تىلى بىلمىسىڭىز سودا قىلالمايسىز. موڭغۇللار ئارىسىدا مەجبۇرى ھالدا خىتايچە فامىلە قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنماقتا. مەسىلەن مېنىڭمۇ ئۇلار تەرىپىدىن بېكىتىلگەن فامىلەم لىياڭ ئەمما، مەن ئادەتتە ئۆزۈمنىڭ موڭغۇلچە ئالماس سىرنۇد دېگەن ئىسمىمنى قوللىنىمەن. بىزدە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىدە ئىشلەيدىغان موڭغۇللار ئۆز-ئارا موڭغۇل تىلىدا گەپ قىلىشساق، بىزگە 'نېمە ئۈچۈن خىتاي تىلىدا سۆزلەشمەيسىلەر' دەپ بېسىم قىلىدۇ. ھازىر بىز موڭغۇللاردا ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىشمۇ گۇناھ بولۇپ قالدى. ئەمما، بىز موڭغۇللار ھېچقاچان ئۆزىمىزنىڭ موڭغۇل ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق."

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا "خىتايدىكى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر خىتايدا بەختلىك ياشاۋاتىدۇ" دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما بۇ مىللەت خەلقلىرىنىڭ خىتايدا ئۆز ھەق ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى تەڭسىز سىياسەتنىڭ ئەمىلى نەتىجىسى بولۇپ، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى بەخت ھەم بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا قىلىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتى دەپ چۈشىنىشكە بولىدىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.