يېقىندا تىبەت ھەرىكىتىدە يېڭى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن دىنىي مۇراسىمدا، تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما «كىمكوكى نومى» دىكى تەلىملەرنى يايدى. تىبەتنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگەي «تىبەتنىڭ كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. يىغىندىن كېيىن، دالاي لاما تۇنجى قېتىم خىتايلار بىلەن ئوچۇق پىكىر ئالماشتۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەتلەر 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋاشىنگتوندا چوڭ دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا، تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما «كىمكوكى نومى» دىكى تەلىملەرنى يايغاندىن كېيىن، تىبەتنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگەي «دېموكراتىيىگە ئۆتۈۋاتقان خىتاي ۋە تىبەتنىڭ كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا، دالاي لامانىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى، تىبەتنىڭ نىشانىنى، يەنى تىبەتتە تىبەت ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغان دېموكراتىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇ ھازىرقى تىبەت ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغاندا، مەن ھازىر دالاي لاما جانابلىرىنىڭ «ئوتتۇرا يول» تەشەببۇسىنى قوللايمەن، تىبەت جەمئىيىتى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويىدىغان جەمئىيەت. ئەمما تارىخىي پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇكى، تارىختا تىبەت مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. خەلقئارا قانۇنغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1961-يىلىدىكى قارارىغا ئاساسلانغاندا، تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بار، تىبەتنىڭ كەلگۈسى تىبەتلەرنىڭ ئۆز قولىدا، تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇش ياكى بولماسلىقىنى تىبەت خەلقنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.
بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، دالاي لاما ۋاشىنگتوندا خىتاي زىيالىيلىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق ئوچۇق سۆزلەشكەندە، ئالدى بىلەن ئۆزى 50-يىللاردا بېيجىڭدا 5-6 ئاي تۇرۇپ، ماركسىزم، سوتسىيالىزم نەزەرىيىلىرىنى ئۆگەنگەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىكى تەڭ-باراۋەرلىك ۋە ئىنتېرناتسئونالچىلىق نەزەرىيىسىنى ياقتۇرغانلىقىنى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تىبەتلەرگە دەرد-ئەلەم كەلتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، ھازىرقى ۋاقىتتا، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى، تىبەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خىتاي خەلقىگە چۈشەندۈرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك، دېدى.
دالاي لاما خىتايلار بىلەن ئوچۇق سۆزلەشكەندە يەنە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» دېگەندىكى «جۇمھۇرىيەت» دېگەن سۆز قولىقىمغا يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ، كاشكى ئۇ، خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىققان ئىناقلىق بولسا. ئەگەر ئۇنداق بولماي، ئۇ خەلققە ۋەھىمە سالسا، ھەرگىزمۇ «جۇمھۇرىيەت» بولمايدۇ، دېدى.
دالاي لاما خىتايلار بىلەن ئوچۇق سۆزلەشكەندە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، مىنىڭ يۇقىرىدا دېگەنلىرىم خاتا بولسا، تەنقىد بېرىڭلار، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش» دېگەن تەلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، دېدى.
دالاي لاما 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلغاندا، يۇمۇرلۇق ئىبارىلەر بىلەن سۆز قىلىپ، تىبەتتە 400 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دالاي لاما تۈزۈمى ئاخىرلاشتى. مەنمۇ ئارامغا چىقىپ بولدۇم. ئەمدى كوممۇنىست پارتىيىمۇ، «مۇقىملىق» ساقلاش دەپ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىدىنمۇ كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ، پىكىر بەرگەن خەلققە قوراللىق مۇئامىلە قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئارامغا چىقىپ كېتىشى كېرەك، بىر ئەۋلاد رەھبەر يەنە بىر ئەۋلاد رەھبەرنى بەلگىلەپ قويىدىغان تۈزۈمنىمۇ بىكار قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
دالاي لاما ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى تىبەتلەر بىلەن ۋە موڭغۇللار بىلەن ئوخشاش، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن، دېدى.