سىچۈەننىڭ گارزې ئاپتونوم ئوبلاستى دراگو (لۇخاۋ) ناھىيىسىدە پارتلىغان نامايىش ئەتراپتىكى ناھىيىلەرگە كېڭىيىپ، نامايىش يۈز بەرگەن رايونلاردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ۋەزىيەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دۈشەنبە كۈنى پارتلىغان تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى تۈنۈگۈن گارزېنىڭ سېدا ناھىيىسىگە تۇتۇشۇپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ يەنە نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. مەركىزى لوندوندىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 2 تىبەت نامايىشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، نامايىش پارتلىغان دۈشەنبە كۈندىن بۇيان خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ 7 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىلگىرى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ دراگو ناھىيىسىدىكى نامايىشنى باستۇرۇپ، 5 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇشى ئامېرىكا، سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىدىن زور ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلەر ئايدا ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىبەت ئىشلار ماسلاشتۇرغۇچىسى، ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مارىيا ئوتېرو سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت رايونىدىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، تىبەتلەرنىڭ دىنىي، تىلى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان «سەلبىي سىياسىتى»نى ئۆزگەرتىشكە ئۈندىگەن. شۇنداقلا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى دالاي لاما ۋە ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان.
مارىيا ئوتېرونىڭ باياناتى ئېلان قىلىنىشتىن سەل بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەيدانىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند سەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ: بىز خىتاينىڭ تىبەت رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋە جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، بەزى كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە بەزىلەرنى يارىلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. سىلەرمۇ بىلگەندەك بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ تىبەت رايونىدىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، تىبەت خەلقىنىڭ دىنىي، تىلى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان سەلبىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ كەلدۇق. شۇنداقلا يەنە ئۇلارنى دالاي لاما ۋە ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلەن ئىجادىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىپ، تىبەت خەلقىنىڭ قايغۇلىرىنى ھەقىقىي مەنىدە ھەل قىلىشقا چاقىرىپ كەلدۇق، دېگەن.
مەزكۇر ۋەقە خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلەر ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان نازۇك پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىكى باياناتى ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ 14-فېۋرال ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ يىل شى جىنپىڭ خىتاينىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان مۇھىم بىر يىلدۇر. بىراق شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تىبەتلەرنى باستۇرۇۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ بەزى كىشىلەردە بۇنداق بىر پەيتتە شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش مۇۋاپىقمۇ، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلغان.
بىراق ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلار تىبەت مەسىلىسى نوقۇل ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، پروفېسسور ياڭلىيۈ ئەپەندى مۇنداق : ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن دالاي لامانىڭ تىبەت مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدى. جۇڭگومۇ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ناھايىتىمۇ خالايدۇ. ئۇ دالاي لامانىڭ ۋەكىلى 9 قېتىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلدى. بىراق ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىدى. ئامېرىكىمۇ بۇ سۆزلەرنى دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق مېنىڭچە ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھاكىمىيەتنى بىر پارتىيە مونوپول قىلىۋالغان بۇنداق تۈزۈم ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ. تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى قويۇپ تۇرۇڭ، ئۇ ھەتتا خەنزۇلارنىڭ ھوقۇقىغىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ.
ياڭلىيۈ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئۇلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ: بۇ مەسىلە قانداق ھەل بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تىبەتكە ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىش كېرەك. بىراق شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئاپتونومىيىسى بىر شەكىلۋازلىقتۇر. چۈنكى ئۇلاردا پارتكومنىڭ 1-سېكرېتارى خەنزۇ. ئاپتونوم رايون رەئىسىنىڭ ھوقۇقى يوق. شۇڭا سىز بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش نىيىتىڭىز بولسا، تىبەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارغا ئەركىنلىك بېرىشىڭىز، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز لازىم. شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ھەل قىلىش كېرەك. بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئۇلارنى ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىش، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى بىلەن تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىگە جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى مەيدانىنىڭ خىتايغا ناھايىتى ئايانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ: بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى مەيدانىمىز يالغۇز تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ ھەر ۋاقىت ۋە ھەر دەرىجىدە ناھايىتى ئېنىق بولۇپ كەلدى. بىزنىڭ مەيدانىمىز بۇرۇن يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قانداق بولغان بولسا، بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا ناھايىتى روشەن، دەپ تەكىتلىگەن.
لېكىن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ، داۋاملىق قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى. دارامسالانى مەركەز قىلغان سەرگەردان ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي، سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ: دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلسا، خىتايغا تىبەت رايونىدىكى جىددىيچىلىكنى باستۇرۇش ۋە زوراۋانلىققا تايىنىپ ھەل قىلىش قوبۇل قىلىنىدۇ، دېگەن سىگنال بېرىدۇ، دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا سېدا ناھىيىسىدىكى نامايىشنى بىر توپ لۈكچەكلەرنىڭ ھەرىكىتى، دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا ساقچىلارنىڭ ئامالسىز ئوق چىقىرىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، 14 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ساقچىلارنىڭ بىر «توپىلاڭچى»نى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە يەنە بىر «توپىلاڭچى»نى يارىلاندۇرۇپ، 13كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.