تىبەتلەر ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى


2008.03.31

tibetan-nepal-protests-200.gif
تىبەتلەر دۈشەنبە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئاقساراي ئالدىدىكى باغچىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكىدىكى تىبەتلەر دۈشەنبە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئاقساراي ئالدىدىكى باغچىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، پرېزىدېنت بۇش ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تىبەت ۋەزىيىتىگە قارىتىش ئۈچۈن كۈچ كۆرسەتتى. ئاقساراي ئالدىدىكى يىغىلىشنى خەلقئارا تىبەتنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دالاي لامانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارى، تىبەت خەلقىنى زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

"خىتاي ھۆكۈمىتىگە لەنەت! ئامېرىكا تىبەت ئۈچۈن سۆزلە!"

دۈشەنبە كۈنى سائەت 12:00 لەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئاقساراي ئالدىدىكى نامايىشنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەتنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ مەقسىتى پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلىش، خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا پرېزىدېنت بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. ئامېرىكىدا ياشايدىغان تىبەتلەر ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى ئامېرىكىلىقلار بولۇپ ئاز دېگەندە 500 دەك ئادەم ئاقساراي ئالدىدىكى لافايىت باغچىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شۇئارلارنى توۋلىدى.

ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ دالاي لاماغا قارشى تەشۋىقاتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار توۋلاۋاتقان شۇئارلار "خىتاي تىبەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن! خىتاي جىنايەتچى! ئىرقىي تازىلاش توختىتىلسۇن! خىتايغا نومۇس! خىتاي ھۆكۈمىتىگە لەنەت! ئامېرىكا تىبەت ئۈچۈن سۆزلە!" دېگەن مەزمۇنلاردا ئىدى.

" بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك "

ئامېرىكىدىكى تىبەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشى خىتاينىڭ تىبەت ۋە چىڭخەي، گەنسۇ ۋە سىچۈەنلەردىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا پارتلىغان تىبەت خەلقىنىڭ نامايىشىنى ھەربىي كۈچ بىلەن باستۇرغانلىقىغا قارشى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار نامايىشىنىڭ داۋامىدۇر. دۈشەنبە كۈنكى نامايىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنى شەنبە كۈنى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان، يەنە شۇ كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى بەزى چەتئەللىك دىپلوماتلارنى لخاساغا تەكلىپ قىلىپ، 14 ‏- مارت كۈنى تىبەتلەرنىڭ ئىسيانى يۈز بەرگەن بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان بىر چاغدا، لخاسادىكى تىبەتلەرنىڭ يەنە نامايىش قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان شۇنداقلا يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالغان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارى، تىبەت روھانى داھىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تىبەت سىياسىيونلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ دۈشەنبە كۈنى لافايىت باغچىسىدىكى نامايىشچىلارغا سۆزلىگەن سۆزىدە تىبەت خەلقىنى ھۇشيار بولۇشقا چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت خەلقىنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى خىتاي - تىبەت خەلقى ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

لودى گيارى مۇنداق دەيدۇ،" بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئويناۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى، بىز بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش. بىزنىڭ كۆرىشىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارىتىلغان، خىتاي خەلقىغە ئەمەس. مەن شۇنىڭدىن ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمەن، بىزنىڭ خەلقىمىز ھەر دائىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ قاراشنى بىلدى. لېكىن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى خەتەرلىك ئويۇنلارنى ئويناۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتا سىياسىتىنى يېپىش ئۈچۈن تىبەت خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش كويىدا يۈرمەكتە. بۇ پۈتۈنلەي مەسئۇلىيەتسىزلىك، تارىخ ئۇلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. بىز بۇنىڭغا يول قويماسلىقىمىز زۆرۈر. ھەر دائىم خىتاي قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلسە بىز بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدۇ. ئاخىرقى كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، تىبەت مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان خىتاي زىيالىيلارنىڭ سانى 270 كە يەتتى."

" بىز كۈرىشىمىزنى زوراۋانلىقسىز يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك "

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنى شەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ھوقۇقى توغرىسىدا دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىدىغان قارار ماقۇللاپ، سۆھبەتنى تېز ئارىسىدا قانات يايدۇرۇش دالاي لاما بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، تىبەتتىكى زوراۋانلىقنىڭ توختىتىلىشىنى، لېكىن تىبەتتىكى ۋەقەنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى بىلەن باغلاشنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارى لافايىت باغچىسىدىكى نامايىشچىلارغا زوراۋانلىقنىڭ تىبەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ،"مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بىز كۈرىشىمىزنى زوراۋانلىقسىز يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بىز كۈرۈشىمىزنى ئاز كەم 50 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقسىز ئۇسۇللار بىلەن، رەھبىرىمىز دالاي لامانىڭ كۆرسەتكەن كۆرسەتمىسى بىلەن ئېلىپ بېرىشىمىز زۆرۈر. بىز ھەر دائىم ئۆزىمىزدىن شۇنى سورىشىمىز كېرەك. سانىمىز ۋە دەسمايىمىز ناھايىتى ئاز، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى قوللايدۇ ۋە بىزگە ھەمنەپەس بولىدۇ ؟ چۈنكى بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بىزنىڭ تۇتقان كۈرەش يولىمىزدۇر. بىز خاتالاشماسلىقىمىز كېرەك، زوراۋانلىق بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ھېچكىمنىڭ بۇ يولنى تۇتۇشىغا يول قويماسلىقىمىز لازىم " دەپ كۆرسەتتى.

"نامايىشنىڭ مەقسىتى پرېزىدېنت بۇشنى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىققا چاقىرىش "

خەلقئارا تىبەتنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى جون ئەكىرلىي نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "نامايىشنىڭ مەقسىتى پرېزىدېنت بۇشنى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىققا چاقىرىش شۇنداقلا ئۆز تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانچىلىك ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، قانچىلىك خىتاي دۇكاندارلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىلا ئەمەس، قانچىلىك تىبەتلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك مەلۇمات ئېلىشقا ئۈندەشتۇر."

ئەكىرلىي پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش قارارى ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى، ئەسلى سىياسەتچىلەر ئولىمپىك مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت خەلقى بىلەن بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دېرىزە ۋە ئىشىكلىرىنى چېقىۋەتتى

نامايىشچىلار ئارىسىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ لافايىت باغچىسى ئالدىدىكى تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاش ئىرادىسىنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بۇ يەرگە كەلگەن ئىشتىراكچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ رادىئومىزغا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قارىشىنى سۆزلىدى.

دۈشەنبە كۈنى سائەت 2:30 لەرگە قەدەر داۋاملاشقان ئاقساراي ئالدىدىكى نامايىشنىڭ داۋامى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا يۆتكەلدى. لودى گيارى ئاقساراي ئالدىدىكى نامايىشچىلارغا سۆزلىگەن سۆزىدە تىبەتلەرنى مۇلايىم بولۇشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانا ئالدىدىكى خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە غەزەپلەنگەن كىشىلەرنى تۇتۇۋېلىش مۇمكىن بولمىدى. سائەت 3:30 لاردا نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنى تاش بورانغا تۇتۇپ، ئەلچىخانىنىڭ دېرىزە ۋە ئىشىكلىرىنى چېقىۋەتتى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا ساقچىلار ئەلچىخانىغا تاش ئاتقان ياكى تاش ئاتتى، دەپ گۇمانلانغان ئاز دېگەندە 15 ئادەمنى قولغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.