تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى نامايىشىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىۋېلىنىپ يىغىنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا مەكتەپلەرگە قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-10-28
Share
Xitay-qoralliq-saqchi-urumqi-kocha-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 2 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ.
AFP Photo

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ خىلدىكى نازارەت ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچى، غۇلجا قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت، تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان. بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلار ئاساسەن سىياسىي ئۆگىنىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان.

غۇلجا شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما، ھازىرچە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە ھەر چارشەنبە چۈشتىن كېيىن ئېچىلىدىغان سىياسىي ئۆگىنىشتىن سىرت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە 2 سائەتلىك " قوش تىللىق مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ ئەھمىيىتى" تېمىسىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ جۈمە كۈنىدىكى ئۆگىنىشتە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، "قوش تىل مائارىپى" سىياسىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى رولى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەتكەن. ئەمما، بۇ لېكسىيە ئوقۇتقۇچى -  ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان.

بەزى ئوقۇغۇچىلار لېكسىيە جەريانىدا "ئەجەبا ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىۋېتىدىكەن؟"، "مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئەتە ئۆگۈن بىزمۇ تۇڭگانلاردەك گاچا تىلدا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىمىز"، "ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قالمامدۇ؟ دۆلەت بەلگىلىگەن مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلىدىن مەھرۇم قالسا بولىدۇ... دېگەن بەلگىلىمىلەر يوقتۇ؟" دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ، لېكسىيە سۆزلىگۈچى مۇئەللىم ھەم يىغىن باشقۇرغۇچىلىرىنى بىئارام قىلغان. نەتىجىدە يىغىن باشقۇرغۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ لېكسىيە جەريانىدا سەزگۈر سوئاللارنى سورىماسلىقىنى تەكىتلەپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى سوئال سوراشتىن توسقان.

ھىندىستاندىكى تىبەتلەر ھەققىدىكى ژۇرنال "تۇبو" ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتچىسى پىڭ جىېنىڭ بۈگۈن يەنى 28 - ئۆكتەبىر، رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە چىڭخەيدە باشلانغان تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى ھازىر گەنسۇ ئۆلكىسىگىمۇ كېڭەيگەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ دۈشەنبە سەيشەنبە كۈنلىرى، گەنسۇ ئۆلكىسى جەنۇبى گەنسۇ ئوبلاستىدىكى يۈزلىگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلىپ، نامايىش قىلغان. نامايىش جەريانىدا ساقچىلار ئوقۇغۇچىلارنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلمىغان. بۇ بالىلار جەنۇبىي تىبەت ئوبلاستىنىڭ ئىككى يېزىسىدىن يىغىلغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار "بىزنىڭ قانۇنى ھوقۇقىمىز قايتۇرۇپ بېرىلسۇن، ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلغان. بالىلارنى ئورىۋالغان زور كۆپچىلىك تىبەت ئاممىسى ئالقىش ياڭرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلاردا داۋاملىشىۋاتقان تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، تىبەت تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر ئېلىگە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تارقالغان. مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان نازارىتىنىڭ كۈچەيتىلىشى، ئەكسىچە ھالدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشىنىڭ تەرەققىياتىغا قىزىقىش ھەم ھەر خىل يوللار بىلەن نامايىشقا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتكەن. تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىش مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ قىزىق سۆھبەت تېمىسىغا ئايلانغان.

بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بىر ئوقۇغۇچى ئۆزى ھەم نۇرغۇنلىغان ساۋاغداشلىرىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: " بۇلار ھازىر بىزدىن شۇنداق ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىزنى نامايىشقا چىقمىسۇن دەپ دەرسىمىز يوق كۈنلىرىمۇ سىنىپقا يىغىۋېلىپ ئۆگىنىش قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما، سىنىپقا يىغىلغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يەنىلا تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنىڭ توغرا بولغانلىقى ھەققىدىلا گەپ بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بىزگە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ' قوش تىل مائارىپى سىياسىتى ' گە بولغان نارازىلىقىنى ئوچۇقلا ئىپادىلەيدىغان بولدى. بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ نامايىش قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتسا كېرەك."

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىدىكىلەر مەكتەپ ئىچىدە 24 سائەت چارلاپ، نازارەت قىلغاندىن سىرت، مەكتەپ يەنە سىنىپ تەربىيىچىلىرىنى نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئوقۇتقۇچى مەكتەپ ھەپتە بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ كەيپىيات ھەققىدە توختىلىپ،"ئەلۋەتتە مەكتەپنىڭ تۈزۈمنى قايتىدىن چىڭىتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھەممەيلەن ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى 19 - ئۆكتەبىر باشلانغان تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن كېيىن، بىزنىڭلا مەكتىپىمىز ئەمەس بەلكى ئۈرۈمچىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى،" دېدى.

بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىش قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندا ھەقىقىي تىنچلىقنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان "قوش تىللىق مائارىپ" دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ خىل مائارىپقا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنى ھازىرقىدەك ۋەيران قىلىش ئەمەس بەلكى، كۈچەيتىشى ھەم راۋاجلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.