خىتاي دائىرىلىرى : دالاي گۇرۇھى مۇشۇ ئاي ئىچىدە يەنە ۋەقە چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا

سىچۈەننىڭ گەنزى ئوبلاستى گەنزى ناھىيىسىدىكى تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە ئۆتكەن شەنبە كۈنى گەنزى ناھىيىسىگە تەۋە بازاردا بىر ياش تىبەت ئايال شۇئار توۋلىغانلىقتىن ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق تاياق زەربىسىگە ئۇچرىغان.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن سىرت ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تىبەت خادىملىرى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا، دالاي گۇرۇھىنىڭ 6 ‏ - ئاي ئىچىدە يەنە ۋەقە چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

" دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز"

لخاسادا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلار گەرچە قوراللىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق چېگرا ئىچىدىكى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يەنىلا يۈز بەرمەكتە، بولۇپمۇ سىچۈەننىڭ گەنزى ناھىيىسىدىكى تىبەتلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەر خىل شەكىلدە قارشىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە پەيشەنبە كۈنى گەنزى ناھىيە بازىرىدا ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان بولۇپ، شەنبە كۈنى تىبەتلىك بىر ياش ئايال كوچىدا بار كۈچى بىلەن " دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز " دەپ شۇئار توۋلىغان. نەتىجىدە ساقچىنىڭ قاتتىق تاياق زەربىسىگە ئۇچرىغان. ئىستانسىمىزنىڭ خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرى كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق مەزكۇر ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ شاڭبادېجې ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن يۈز - كۆزىنىڭ تاياق زەربىسىدىن قانغا بويۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى گېساڭ سەيشەنبە كۈنى ئىستانسىمىزغا، 31 ‏ - ماي كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12 لەر ئەتراپىدا، گەنزى ناھىيىسىدە 20 ياشلىق، شاڭبادېجې ئىسىملىك بىر قىزنىڭ، كوچىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ساقچىلار ئۇنى ئۇرۇپ يۈز، كۆزىنى قان قىلىپ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

" بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلاپ قويغانلار تۈرمىگە تاشلىنىدۇ"

ئىستانسىمىز تېلېفۇن ئارقىلىق بۇ ھەقتە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما گەنزى ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى " بىلمەيمىز " دەپ جاۋاب بەرگەن. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر ھۆججەت ئېلان قىلىپ، ئەگەر ۋەقە يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدا ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ " پىتنە - پاسات تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزگەن" دەپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى يەنە بىر قىسىم تىبەتلەر بولسا " بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلاپ قويغانلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى" نى ئاشكارىلاپ قويغان.

خىتاينىڭ قاتتىق كونترول قىلىشىغا باش ئەگمىگەن تىبەتلەر ھەر خىل ئاماللار ئارقىلىق تىبەت ئىچىدىكى ۋەقەلەرنى يەنىلا چەتئەلگە تارقاتقان بولۇپ، 22 ‏ - ماي كۈنى، گەنزى ناھىيىسىدىكى 18 ياشلىق ۋۇجىڭزاشى ئىسىملىك بىر لاما مۇرىتى، دالاي لامانىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ كوچىدا ئايلانغان، شۇئار توۋلىغان ۋە قولغا ئېلىنغان، 15 ‏ - ماي كۈنى ئوخشاشلا كوچىدا شۇئار توۋلىغان يەنە بىر تىبەتلىك ياشمۇ تۇتۇلغان.

ئۈچ تىبەتلىك ياش " تىبەتكە مۈستەقىللىق " دەپ شۇئار توۋلىدى

5 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ، ھوڭكوڭ ۋە ماكاۋلىق ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلگەن لخاسا، قوراللىق ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا خۇددى تېنچلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە تىبەت ياشلىرىنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۈچەيگەن. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا كۆرە، 25 ‏ - ماي كۈنى لخاسادىكى چوڭ خەنكاڭ بازىرىدا ئۈچ نەپەر تىبەت ياش، تىجارەتچى تىبەتلەرنى تىجارەت قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ تىبەت ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئۈچ تىبەتلىك ياشنىڭ " تىبەتكە مۈستەقىللىق " دېگەن شۇئارى مەيداندىكى ساقچى ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولغان، بىراق تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشى بىلەن ۋەقە قوزغىغان ياشلار قېچىپ كەتكەن. يۈز بەرگەن ۋەقە تۈپەيلى چۇڭخەنكاڭ بازىرى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەزكۈر بازاردا ھەرىكەت قوزغىغان ئۈچ ياشنىڭ قولغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

"سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى لخاسادا ۋەقە چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ"

تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەيماچىلىڭ سەيشەنبە كۈنى مەتبۇئاتلارغا، دالاي گۇرۇھى، تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتى ۋە تىبەت ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ 6 ‏ - ئايدا لخاسادا ۋەقە چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى لخاساغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە چارشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن تىبەت بۇددىست بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن 6 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ، يېڭىدىن قوراللىق قىسىم ئەترىتى ۋە ساقچى قىسىملىرىنى ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىغا نازارەتچىلىككە تۇرغۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ھازىر تىبەتتىكى قوراللىق قىسىمنىڭ تىبەتتە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەرلىك كۈچى بار ئىكەنلىكىنى، تىبەتتە قوراللىق قىسىم كۆپەيتىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ، لخاسانىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كەينىگە چېكىندۈرگەن. تىبەتكە ساياھەتكە كېلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن ئالاھىدە ئازىيىپ كەتكەن. چەتئەللىكلەر 14 ‏ - مارت تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كۆرسىتىۋاتقان بېسىمىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگەن.