تىبەتلەرنىڭ خىتايچە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بولغان نارازىلىق ھەرىكىتى كېڭەيمەكتە

خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چىڭخەي ئۆلكىسى رېبكوڭ ناھىيىسىدە قوزغالغان تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايچە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشقا قارشى نارازىلىق نامايىشى ھازىر خىتايدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كېڭىيىشكە باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.10.22
Merkizi-milletler-inistitutidiki-tibetler-namayishi-beijing-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 22 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ 400 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۈگۈن رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، جۈمە كۈنى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلارمۇ مەكتەپ ئىچىدە نامايىش قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە،19 - ئۆكتەبىر كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ رېبكوڭ ناھىيىسىدە پارتلىغان بۇ نامايىش بۈگۈن 4 - كۈنىگە قەدەم قويغان. مەركىزى لوندوندىكى " ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى"نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بولغان نارازىلىق نامايىشى بارغانچە كېڭىيىشكە باشلىغان.

ئەركىن تىبەت تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمى بۈگۈن ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان گورو ئوبلاستى ماشىن ناھىيىسىدە 1000 دەك تىبەت ئوقۇغۇچىنىڭ نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ۋە تسۇلخو ناھىيىدىمۇ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تسۇلخو ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم پۇقرالار بۈگۈن ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ناھىيە تەۋەسىدە نامايىش بولغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمىگىنى ئۈچۈن ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، گورو ئوبلاستىدا بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 6 ئەتراپىدا تەخمىنەن 1000 دەك تىبەت ئوقۇغۇچىسى نامايىشنى باشلىغان ، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەردە قوراللىق ساقچىلار ئوقۇغۇچىلارنى قورشاپ ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا مەكتەپ قورۇسىغا قايتۇرۇپ كەلگەن. رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نامايىش يۈز بەرگەن رېبكوڭ ناھىيىسى، تسۇلخو ناھىيىسى ۋە گورو ناھىيىلىرىگە مەخسۇس خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، ۋەقەنى تىنچىتىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن چىڭخەي خەۋەر تورىدا نامايىش ھەققىدە تۇنجى قېتىم قىسقا خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە تۈنۈگۈن 21 - ئۆكتەبىر كۈنى چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى ، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى چياڭ ۋېينىڭ رېبكوڭ ناھىيىسىگە مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرگىلى بارغانلىقى، ھەم قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ھەققىدىكى تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئاڭلىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە گەرچە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى چياڭ ۋېينىڭ "مىللىي رايونلاردا قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللىي مائارىپنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بۇ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقى ھەم دۆلەت قانۇنىغىمۇ ئۇيغۇن " دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا سەۋەب بولغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ " قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى ھەققىدىكى قارارى ئاقلانغان.

تىبەت ياشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان" يەر شارىنىڭ ئۆگزىسى" نامىدىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن جۈمە كۈنى چۈش مەزگىلىدە ، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن 400 دەك ئوقۇغۇچى مەكتەپ ئىچىدە نامايىش قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، نامايىشقا باشلامچى بولۇپ ماڭغان تىبەت ئوقۇغۇچىلار "مىللىي تىلىمىزنى قوغدايلى، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرايلى" دېگەن پلاكاتنى كۆتۈرۈۋالغان. خەۋەر ئاستىغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا" مىللەتلەر باراۋەر، تىلىمىز ئەركىن بۆلىشى كېرەك!" دېگەن شوئارلار كۆپلەپ يېزىلغان.

رادىئومىز گۇئاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن مەكتەپ ئىچى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدە ئامانلىق قوغداش خادىملىرى كۆپەيتىلگەن. مەكتەپ ئىچىدە نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن مەكتەپ دائىرىلىرى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن. شۇنداقلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۈگۈن 22 - ئۆكتەبىر كەچ مەكتەپ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان "تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئۇسۇل كېچىلىكى"نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

نۆۋەتتە بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدىكى خەۋەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان. رادىئومىز مۇخبىرى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، نامايىش ئەھۋالىنى سورىغىنىدا، خىزمەتچى خادىم مەكتەپ ئىچىدە نامايىش بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

خەيديەن رايونلۇق ساقچىخانىنىڭ تېلېفوننى ئالغان ساقچى خادىمى بولسا مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا نامايىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلار خەۋەردار بولغان بولۇپ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىبەت مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا قارشى قوزغالغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ تەرەققىياتى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.