تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 53 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

10‏-مارت تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 53‏-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، قۇربان بولغان تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قانلىق دەۋاسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان تىبەتلەر نامايىش قىلدى.

0:00 / 0:00

ھەر يىلى 10‏-مارت تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق قوزغىلىڭى خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 10‏-مارتتىكى نامايىشقا يەرلىك ئامما ۋە ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق نامايىشچى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 13 دە، دەنھاخ شەھىرىنىڭ پويىز بېكىتى ئالدىدىن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يۈرۈش قىلدى.

يول بويى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ھەرساھە ئاممىسىغا خىتايلارنىڭ فاشىزمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

Tibetler-namayish-qilmaqta-385.jpg
تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 53 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش. 2012-يىلى 10-مارت، گوللاندىيە. (RFA/Pidaiy)

خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، خىتايلارنىڭ يېرىم ئەسىردىن بىرى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرى تەنقىد قىلىنغان بايانلار ئوقۇلدى. شوئارلار توۋلاندى. شۇ تەرەققىيدە چۈشتىن كېيىن سائەت 16 گىچە داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلدى. گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ھەيئىتىدىن جەمئىيەت باشلىقى پەرھات قادىر ئەپەندى پائالىيەتنىڭ كەيپىياتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. يەنە بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق نامايىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن تەسىراتىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.