دۇنيا تىبەت قۇرۇلتېيى دارامسالادا ئېچىلىشقا باشلىدى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قانچە يۈز ۋەكىلى دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىغا توپلىنىپ، تىبەت مەسىلىسىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي قۇرۇلتىيىنى باشلىدى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتاينىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپى تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان ئوتتۇرا يولىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش يولىغا قايتىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتۇر. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بازىسى بولغان ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا باشلانغان تىبەت دۇنيا قۇرۇلتىيى، تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ دالاي لاما سۈرگۈن ھاياتىنى باشلىغان 1959 ‏ - يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم يىغىلىشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ تەخمىنەن 600 ۋەكىلى قاتناشماقتا. قۇرۇلتاينىڭ چاقىرىلىش سەۋەبى خىتاي ‏ - تىبەت سۆھبىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى، خىتاينىڭ دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى، دەپ قارالماقتا ئىدى.

دالاي لامانىڭ چاقىرىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىرى، دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى رەت قىلغان تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش مەزمۇنىدىكى "ئوتتۇرا يولدا " ئۈزلۈكسىز مېڭىش ياكى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش يولىغا قايتىش.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رېنپوچى قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن سۆزىدە تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى قۇرۇلتايدا "ئاشكارا ۋە دوستانە تالاش - تارتىش قىلىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ قۇرۇلتاي چاقىرىشتىكى سەۋەب 8 ‏ - نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى بولماي ، تىبەت خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرگە چارە تەدبىر تېپىش ئىكەنلىكىنى، قۇرۇلتاينىڭ شۇ سەۋەب بىلەن چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ يەرگە توپلىنىشىمىزدىكى سەۋەب 8 ‏ - نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەتنى نەتىجىسىزلىككە ئېلىپ بارغانلىقى ئەمەس. قۇرۇلتاي يەنە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە توپلانمىدى. قۇرۇلتاي چاقىرىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ يىل 3 ‏ - ئايدىن باشلاپ تىبەتنىڭ ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتى پارتلاپ، تىبەت خەلقى ئۆز قارشىلىقىنى تىنچ ، ئەقىلغە ئۇيغۇن يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى ۋەھشىلىك بىلەن باستۇرۇپ، تىبەت خەلقىنى قىرغىن قىلدى. تىبەت خەلقى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتكە چارە ‏ - تەدبىر كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا. بۇ ئەھۋالدا بىزنىڭ زۇۋان سۈرمەسلىكىمىز ئەقىلغە سىغمايدۇ. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ سىياسىتىمىزنى تۈزۈپ چىقىپ، نەتىجىلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىز ھەمدە تىبەت خەلقىنىڭ ئارزۇ ئۈمىدىنى ئاقلىشىمىزغا توغرا كەلدى."

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى 6 كۈن داۋاملىشىدىغان قۇرۇلتايغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دالاي لاما قۇرۇلتاينىڭ ئالدىدا ۋەكىللەرنى خىتايغا دائىر سىياسەتتىكى پۈتۈن ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ، مەسىلىلەرنىڭ "ئەركىن ۋە سەگەكلىك مۇزاكىرە قىلىنىشى"نى تەكىتلىگەن. سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى رېنپوچى قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقىدا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ يۆنۈلۈشىنى بېكىتىش خىزمىتىدە "خەلقنىڭ تەستىقىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى"نى بىلدۈرگەن.

يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 8 ‏ - نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئىچىدىكى رادىكاللار گۇرۇھىنىڭ خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك، مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش يولىغا مېڭىش ساداسى كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ تەشەببۇستىكى تىبەت سىياسىي گۇرۇھلىرىنىڭ بىرى دۇنيا تىبەت ياشلار قۇرۇلتېيى بولۇپ، ئۇلار غەرب ئەللىرىگە بېسىمنى كۈچەيتىش، كەڭ - كۆلەملىك نامايىش ۋە ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى، ئاز ساندىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ بولسا خىتاي ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تەنزىن چوئېيىڭ، دالاي لامانىڭ مۆتىدىل يولىدىن ۋاز كېچىپ، تىبەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ - كۆلەملىك ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى قوزغاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تىبەت ئاكتىپلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئەنگىلىيە "كۈندىلىك تېلېگراف " گېزىتىدىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ": تىبەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئېغىر ۋەھىمە قاپلىغان. بىز كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. بىز خىتايغا بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىشىمىز، ئۇنىڭ ئىشغالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشىمىز كېرەك."

خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى يېقىندا ئاخىرلاشقان تىبەت - خىتاي سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىز تارقىلىشىدا دالاي لاما تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى، چۈنكى دالاي لامانىڭ پىلانىدا تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ ئېلېمېنتى بارلىقىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ يېرىم مۇستەقىللىقى ياكى كېلەچەكتىكى مۇستەقىللىقىغە يول ئاچىدىغان ھەر قانداق پىلاننى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دارامسالادىكى قۇرۇلتايدا تىبەت سەرگەردان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى كارما چوپېل خىتاينىڭ سۆھبەتتىكى مەسئۇلىيەتنى تىبەتلەرگە ئارتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە، "8 ‏ - نۆۋەتلىك سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. خىتاي سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتماقتا. سۆھبەتنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى مەسئۇلىيەت بىزدىمۇ، ئەمەسمۇ ؟ بىز بۇنى بۇ يەردە تالاش - تارتىش قىلمايمىز. بۇنى بۇ يەردە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا مەسئۇلىيەتنىڭ كىمدە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ" دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 8 ‏ - نۆۋەتلىك سۆھبەت توغرىسىدىكى باياناتىنى تەنقىدلىگەن كارما چوپېل يەنە مۇنداق دېگەن: " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى پۈتۈنلەي خاتا بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك سادىر قىلدى. ئۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئېلان قىلغان باياناتى پۈتۈنلەي بىپەرۋالىقتۇر. ئۇلار يەنە بىزنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىمىزنى توساش توغرىسىدا ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتتى."

8 ‏ - نۆۋەتلىك سۆھبەتتە تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيە پىلانىنى خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ دالاي لامانىڭ پىلانى رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دالاي لامانىڭ بېيجىڭدىكى سۆھبەتكە قاتناشقان ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گارى يەكشەنبە كۈنى تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرغان ئاپتونومىيە پىلانىنىڭ بەزى دىتاللىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، لودى گارى تىبەت تەرەپنىڭ پىلانى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاپتونومىيىگە دائىر ماددىلارغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، پىلاندا تىبەت مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش، تىبەت بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىبەتكە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى چەكلەش، تىبەتلەرنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش، تىبەت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ " ئۆز ھوقۇقىنى ئەركىن ۋە ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بولۇش" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.