تىبەت قۇرۇلتىيى يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتەمدۇ ؟

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان 600 گە يېقىن تىبەت ۋەكىلىنىڭ، ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىگە يىغىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقان ئالاھىدە قۇرۇلتىيى داۋاملاشماقتا، تىبەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن كېيىنكى يۆنۈلۈشىدە ئۆزگىرىش مەيدانغا كېلەمدۇ ؟

0:00 / 0:00

بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ساڭدوڭ رېنپوچېنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان تىبەت قۇرۇلتىيىدا دالاي لامانىڭ " ئوتتۇرا يول سىياسىتى" دىن ۋاز كېچىش قارار قىلىنسا، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى قوللايدىكەن.

تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، نەچچە يۈزلىگەن تىبەت، ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىگە، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى يۆنۈلۈشىنى بەلگىلەش ئۈچۈن يىغىلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى بىرلىكسەپ ئورگىنى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ ھېچقانداق نەتىجە كۆرسەتمىگەنلىكىدىن رازىلىق ھېس قىلمىغاندىن سىرت، بىر قىسىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرى، دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيىنى مەقسەت قىلغان " ئوتتۇرا يول سىياسىتى" نىڭ ئورنىغا " مۇستەقىللىق " تەلىپىنى دەسسىتىشنى تەلەپ قىلىشماقتا.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي، 1988 ‏- يىلى دالاي لاما تەشەببۈس قىلغان " ئوتتۇرا يول سىياسىتى" يەنى مۈستەقىللىق ئەمەس، بەلكى ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىدىن كېيىنكى، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ كۆلەملىك بىر قېتىملىق قۇرۇلتىيى ھېسابلىنىدۇ.

ساڭدوڭ رېنپوچې يەنە " بىز ئەلۋەتتە ھەقىقىي دېموكراتىيىنى تەرغىپ قىلىمىز، شۇڭا ئەگەر كۆپ سانلىق كىشىلەر ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغان يۆنۈلۈش بۇيىچە مېڭىشنى تەلەپ قىلسا، ئەلۋەتتە بىز شۇ يۆنۈلۈش بۇيىچە مېڭىشنى قارار قىلىمىز " دېگەن.

بۇ قېتىمقى تىبەت قۇرۇلتىيىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق سۈيقەستنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، " تىبەت بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى مەغلۇب بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدۇ" دېگەن ئىدى.

بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغان باياناتچى چىڭ گاڭ يەنە" ئۆزىنى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى دەپ ئاتىۋالغان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقى،" نى ئىپادىلىدى.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىگە بېرىلگەن بىر سىگنال بولۇپ، ئەگەر خىتاي تەرەپ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىسا، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.

دالاي لاما سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلى بۇ يىل 8 ‏- ئايدا دوختۇرخانىدا ئوپىراتسىيە قىلىنغان شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتناشمىغان، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لاما ئورنىغا ۋارىس بەلگىلەش تەييارلىقىنى ئىشلىمەكتە ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ سەيشەنبە كۈنى بىۋاستە ھىندىستان دائىرىلىرىگە قارىتا ئوبزور ئېلان قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تىبەتلەرنىڭ ھىندىستاندا ياشايدىغانلىقىنى، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىنىڭمۇ ھىندىستاندا ئېچىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ" بىز، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن قېتىم، تىبەتلەرگە ھىندىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ سىياسىتىگە قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ كەلدۇق، بىز يەنىلا ھىندىستاننىڭ بۇ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.

مەركىزى دارامسالادىكى تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوڭدا دوجې نۆۋەتتە تىبەتلەرنىڭ، تىبەت رايونىدا ئادىللىققا، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ": تىبەتلەر ئۆزىگە تەۋە تۇپراقتا، ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا شۇنىڭدەك دىنىي ئەركىنلىككە ئېرىشىشكە ئوخشاش ئادىللىققا مۇيەسسەر بولۇشنى خالايدۇ " دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ئەپەندى، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئارقىلىق يۆنۈلۈشىنى ئۆرگەرتىدىغانلىقى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نورۋىگىيىدىكى تىبەت ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساڭدوڭ رېنپوچې، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش ياكى بولماسلىقىنىڭ خەلقنىڭ رايى بۇيىچە بەلگىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

دالاي لاما دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇش ‏- بولماسلىق مەسىلىسدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان تىبەت مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ لىشوڭ مۇنداق دەيدۇ":مېنىڭچە، يېقىن مۈددەت ئىچىدە بۇنداق بىر ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى تېخى يېقىندا ئاياقلاشتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋاستىسىنىڭ ۋەھىمىسى تىبەت خەلقىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىبەت قاتتىق كونترول ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا يېقىندا تىبەتتە مېنىڭچە قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما دالاي لاما ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئۇ چاغدا ۋەقە چىقمايدۇ دېيىش ئىنتايىن قېيىن بولىدۇ."

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى يېقىندا بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئاخىرقى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىن ئۆزلىرىگە ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلغان ئىدى، بىراق خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، تىبەتكە مەيلى مۇستەقىللىق ۋە ياكى يېرىم مۇستەقىللىق ئىشكىنىڭ مەڭگۈ ئېچىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ، تىبەت رايونىغا قاراتقان كونتروللۇقىنى ئالاھىدە كۈچەتتى.