چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن يېڭى زېلاندىيىدىكى چېن ۋېيجەن ئەپەندى بۈگۈن بوشۈن تور بېكىتىدە "تىبەت تىلى 6 مىليون تىبەتلىكنىڭ جېنى" ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشى ھەرقايسى ساھەدىكى دېموكراتچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن، يېڭى زېللاندىيە گېزىتىنىڭ خىتايچە نۇسخىسىنىڭ باش مۇھەررىرى چېن ۋېيجەن ئەپەندى، تۈنۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش يولىدىكى ھەققانىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن ۋېيجەن ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى خىتايدا قوزغالغان دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان . ئۇ 1979 - يىلى خىتايدا دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پېچەتلەنگەن "چېنجۇڭ" (چۆكۈۋاتقان دەۋر ژۇرنىلى)نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ژۇرنال تاقالغاندىن كېيىن 1991 - يىلى يېڭى زېلاندىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەتكەن چېن ۋېيجەن ئەپەندى خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
چېن ۋېيجەن ئەپەندى تۈنۈگۈن بوشۈن تور بېتىدە ئېلان قىلغان "تىبەت تىلى 6 مىليون تىبەتلىكنىڭ جېنى" ناملىق ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈپ كەلگەن مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تىبەتلەر ئۈستىدىن ئۇزۇندىن بۇيان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىستراتېگىيىسى تىبەت تىلى ھەم تىبەت يېزىقىنى يوقىتىش ئارقىلىق، تىبەت رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۇسۇلىدا پىلانلاندى،" دەپ يېزىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە تېڭىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەيدۇ.
ئاپتور ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدەم باسقۇچلىرىنى مۇنداق شەرھلەيدۇ: "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشىنىڭ 1 - قەدەم باسقۇچى،كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى تىبەت رايونىغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىش بولدى. ئۇلار بۇ يەرنىڭ قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ،زامانىۋى ئېگىز بىنالارنى سېلىش ئارقىلىق، رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، بۇ يەرنىڭ مەدەنىيەت ئېقىمىنى خىتاي مەدەنىيەت ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇپ، يەرلىك تىبەت مەدەنىيىتىنى چەتلەشتۈردى. مانا ئەمدى 2 - قەدەمدىكى ئىستراتېگىيىسىدە رايوندا تىبەت مائارىپىنى، تىبەت تەشۋىقات ئورگانلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىبەت مەدەنىيىتىنى ئۈزۈل -كېسىل ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ."
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىبەت مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇشقا قارشى نارازىلىق نامايىشىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ." ئانا تىلىنى، ئانا تىل مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەر بىر مىللەتنىڭ ھەق - ھوقۇقى، ئەمما كوممۇنىست ھۆكۈمەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزدە تۇتۇپ ھازىر بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ھەققى بار. چۈنكى تىبەت تىلى دېمەك 6 مىليون تىبەتلىكنىڭ جېنى."
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، چېن ۋېيجەن ئەپەندى ماقالىسىدە تىلغا ئالغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى خىتاي بولمىغان يەنە بىر مىللەت ئۇيغۇرلارغىمۇ قارىتىلغان سىياسەت . ئوخشاش سىياسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەتتا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تىبەتلەردىنمۇ ئېغىر بولۇپ، رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، ياش ئۇيغۇر -قىز يىگىتلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، " قوش تىللىق مائارىپ" نامى ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئاللىبۇرۇنلا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقىنى ئۈچۈن، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى بۇ يىللاردا بارغانچە كۈچەيگەن. بۇلتۇر يازدا ئۈرۈمچىدە پارتلىغان "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى قوزغالغان ئەڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدىكەن. شۇڭا بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە مەلۇم بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئەمما، يىغىندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرىمىز دېگەن نام بىلەن رايوننىڭ بايلىقىنى ئېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى تېزلەتكەندىن باشقا، رايوندا قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدىكى خىتايچە مائارىپنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ تېزلەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قوزغالغان "ئانا تىلىنى قوغداش ھەرىكىتى"نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېڭىيىپ، رايوندا بۇلتۇر يازدا يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دەك زور نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىدىن ئەندىشە قىلىش ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.