دۇنيادا ھازىر خەلقنى قوراللىق باستۇرۇۋاتقانلار دەل خەلق سايلىمىغان ھۆكۈمەتلەر

يېقىندا تىبەت ئەركىنلىك ھەرىكىتىدە جىددىي بۇرۇلۇش يۈز بەردى. بۇ ھەقتە ئىنتېرنېتتا جىددىي مۇنازىرە قوزغالدى.

0:00 / 0:00

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا تىبەت ھەرىكىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. جانلىقلارنىڭ دىلىغا ئازار، تېنىگە زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا ئادەتلەنگەن تىبەت راھىپ-راھىبەلىرى، ئۆزىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇمىغا بولغان قارشىلىقىنى، غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇلارنى مەجبۇرلاپ دىندىن چىقىرىدىغان سىياسىتى ئۆزگەرمىگەندىن كېيىن، تىبەت راھىبلىرى ئۆزى تەييارلىغان «مولوتوف بومبىسى» نى (بېنزىن قاچىلانغان بوتۇلكىنى) ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن قوللانماي، بەلكى خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرىغا ئاتىدىغان بولدى. شۇنداقلا يەنە، خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى تاش ئېتىپ زەخىملەندۈرىدىغان بولدى. بۇ ئۆزگىرىش خىتاينى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى.

خىتاي ھازىر تىبەت ئەركىنلىك ھەرىكىتىدە يۈز بەرگەن بۇنداق يېڭى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۇنياغا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى تىنچ ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئەمەس، تىبەت بۆلگۈنچىلىرى بىزنىڭ ساقچىلىرىمىزنى يارىلاندۇردى، دەپ شىكايەت قىلىشقا، شۇنداقلا پۈتۈن تىبەت رايونلىرىغا بولغان قوراللىق نازارەتنى كۈچەيتىشكە باشلىدى، خىتاي ھازىر تىبەتلەر بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

«ئامېرىكا ئاۋازى» بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، تىبەت ئەركىنلىك ھەرىكىتىدە كۆرۈلگەن بۇ ئۆزگىرىشلەرنى، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ تەسۋىرلىدى. بۇ يېڭى بۇرۇلۇشنى دەل تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان سەۋرى-تاقەتنى يوقاتقانلىقى، ئۈمىدنى ئۈزگەنلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ كۆرسەتتى.

«بوشۈن» تور گېزىتى بۈگۈن تىبەت ھەرىكىتى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا، تىبەت رايونلىرىدىن ئەۋەتىلگەن فوتو سۆرەتلەر-خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئوقىدا يارىلانغان ئون نەچچە تىبەتنىڭ فوتو سۈرىتى بېسىلغان. بۇ فوتو سۆرەتتىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ بېشىغا، بەزىلىرىنىڭ قولىغا، بەزىلىرىنىڭ پۇتىغا، بەزىلىرىنىڭ قورسىقىغا ياكى باشقا ئەزالىرىغا ئوق تەگكەن.

بۇ فوتو سۈرەتلەر بېسىلغان بەتتە ئوقۇرمەنلەر يازغان ئەركىن مۇنازىرىلەر بار. بەزى ئوبزورنى تىبەتلەر ئۆزلىرى يازغانلىقى، بەزى ئوبزورنى ھەققانىيەت كۆز قارىشى بار خىتايلار يازغانلىقى، بەزى ئوبزورنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەيىبىنى پاش قىلغان كىشىگە قارشى بىر ئوبزور يازسا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بەش موچەن ئالىدىغان ياللانما ئەدىبلەر يازغانلىقى ئېنىق.

بۇ ئوبزورلارنىڭ بەزىلىرى تىبەت باتۇرلىرىغا سالام، دېگەن مەزمۇندا يېزىلغان. بەزىلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرگەن ھەرىكەتنى-دىنىي ئېتىقادىنى تاشلاپ ياشاشنى خالىمىغاندا چىقارغان قارار، بۇ بىر خىل پاكلىق ۋە باتۇرلۇق دەپ كۆرسەتكەن. بېزىلەر بۇنىڭغا قارشى ھالدا، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش دىنىي قائىدىگە خىلاپ، جەمئىيەتكە بولغان ئەكسىيەتچىلىك، ئۆلسە ئۆزىنىڭ شورى دەپ يازغان. يەنە بېزىلەر، ئەگەر سېنىڭ دۆلىتىڭنى تارتىۋالسا، سېنى كەمسىتسە، سېنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي ئېتىقادىڭنى چەكلىسە، سەن قارشى تۇرمامسەن دەپ سوئال قويغان. يەنە بېزىلەر، خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت ھەرگىز خەلقنى قوراللىق باستۇرمايدۇ، كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىزكى، ھازىر دۇنيادا خەلقنى باستۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى خەلق سايلىمىغان ھۆكۈمەتلەر. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ خەلق سايلىمىغان ھۆكۈمەت، دەپ يازغان. يەنە بېزىلەر، خۇ جىنتاۋ ئەمدى باشقا مىللەتلەرگە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش دېگەن سىياسىي مىراسنى قالدۇرۇپ كېتىدىغان بولدى دەپ يازغان.