ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان مىللىي ئازادلىق (مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى)، گەرچە، نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ مەزكۇر ئىككى رايوندىكى خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى چۈشىنىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلغان بىر قىسىم زىيالىيلار مەزكۇر ئىككى رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلىرىنى سۇنماقتا.
پروفېسسور لى تيەنمىڭ «بۈيۈك ئىرا» تورىدىكى ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان: «جۇڭگو نۆۋەتتە غەربىي رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باشقۇرۇشتا، تۈرلۈك كرىزىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. مەسىلەن: مۇقىملىق كرىزىسى، ئىشەنچ كرىزىسى، تەرتىپ-ئىنتىزام كرىزىسى ۋە مۇھىت كرىزىسى قاتارلىق. بۇ كرىزىسلار ئەينى ۋاقىتتا، مەزكۇر رايونلاردا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، مەۋجۇتلۇق خەۋپ-خەتىرى، مۇھىت بۇزۇلۇشى قاتارلىق بالايىئاپەتلەرنى پەيدا قىلماقتا.»
ئاپتور بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، مەزكۇر كرىزىسلارنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختالغان ۋە سەۋەبنى، خىتاينىڭ ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى ئىجرا قىلماسلىقى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«خىتاي 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى خەلقئارالىق ‹سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى› گە قول قويغان. بۇ ئەھدىنامىدە، دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ ئەھدىنامە، 2001-يىلى 28-فېۋرال كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 قېتىملىق يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ تەستىقلانغان. بۇ تەستىق خەت شۇ يىلى 27-مارت كۈنى، جاڭ زېمىن تەرىپىدىن، شۇ چاغدىكى ب د ت باش كاتىپى كوفي ئاننانغا تاپشۇرۇلغان.»
پروفېسسور لى تيەنمىڭ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇدرىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ، بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى؛ ئەمما ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئاجىزلىشىدىغان، تەرتىپ ئىنتىزامنى قوغدىيالمايدىغان مەزگىللىرى بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق چاغدا، خەلقئارا كۈچلەرنىڭ خىتاينى مەزكۇر ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئاپتور بالقان دۆلەتلىرىدىكى مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتى ۋە قان تۆكۈلۈشلەرنىڭ ب د ت نىڭ يۇقىرىقى ئەھدىنامىسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىنلا تۈزەلگەنلىكى ۋە مۇقىملىقنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيانىڭ خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلۇشقا قاراپ پەيدىن-پەي يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن لى تيەنمىڭ خىتاينىڭمۇ ھامان بىر كۈنى بۇ قانۇنلارغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئاپتور خىتاينىڭ نۆۋەتتە، مەزكۇر ئىككى رايوننى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ۋاسىتە تاللىماستىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ قارىماققا ۋەزىيەتنى تىنجىتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بىلەن ئەمەلىيەتتە، خىتاي مىللىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىغا ئۆچمەس بىر ئاداۋەتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقانلىقى ۋە ۋاقىتسىز بىر پارتلايدىغان بىر بومبىنى مەزكۇر ئىككى رايونغا كۆمۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە نۆۋەتتىكى باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق خاھىشىنى يوقىتالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلغايتىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تېزلىتىشى مۇمكىن؛ ئەمما بۇ ھەر ئىككى تەرەپنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ؛ شۇڭا خىتاي دۆلىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى مەجبۇرلانغان پەيتىدە بەرگەندىن كۆرە ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بەرگىنى ھەم ئاقىلانىلىك ھەم ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق.
لى تيەنمىڭ يەنە مەزكۇر خەلقئارالىق ئەھدىنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ:
«بارلىق خەلقلەر ئۆزىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ھەرقانداق شەرت ئاستىدا بىر مىللەتنىڭ ياشاش ۋاسىتىلىرى تارتىۋېلىنماسلىقى كېرەك.»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتتە، خىتاي قول قويغان ئەھدىنامىدىكى يۇقىرىقى ماددىلارمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان. ئاپتور بۇ ھەقتە كونكرېت توختىلىپ يەنە مۇنداق دېگەن:
«مەزكۇر رايونلاردىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، چارۋا مال، ئوتلاق، ئورمان ھەممە بايلىق ئېچىلىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ شەرقىدىكى باي ئۆلكىلەرگە توشۇلۇۋاتىدۇ؛ يەرلىك خەلقنىڭ بۇنىڭدىن ئېرىشىۋاتقىنى يوق دېيەرلىك؛ بۇ بايلىقلارنىڭ ئورنىغا شەرقتىن كېلىۋاتقىنى كۆچمەنلەر؛ بۇلار (كۆچمەنلەر) يەرلىك خەلقلەرنى شەھەردىن سىقىپ چىقىرىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىغا ۋاسىتە قىلىنىۋاتىدۇ.»
ئاپتور مەزكۇر ئىككى رايوندىكى سىياسىي بېسىم ۋە ئىقتىسادىي بۇلاڭ-تالاڭنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن:
بۇ ئېچىش ئەمەس، قىرىش!
بۇ، بەخت ئاتا قىلىش ئەمەس، ئاپەت ياغدۇرۇش!
بۇ، مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەمەس، قۇل قىلىش!
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتايدا ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن راي سىناش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.
1983-يىلى خىتايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئاپتور لى تيەنمىڭ، 1996-يىلى ئامېرىكىغا تەتقىقات ئىشى بىلەن كېلىپ خىتايغا قايتمىغان. ئۇ ئارىلىقتا بىرقانچە يىل ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلغان. ئۇ ھازىر ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە پەن-تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل.