رابىيە قادىر خانىم ماقالە ئېلان قىلىپ، تىبەت ۋەزىيىتى بىلەن شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇردى

0:00 / 0:00
rabiye-amnesty-150.jpg
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم. AFP Photo

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى يەنى 1 ‏ - ئاپرىل سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى تىبەت ۋەزىيىتى بىلەن شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇردى. ئۇ سېلىشتۇرمىسىدا ئىككى مىللەتنىڭ دەردى ئوخشاش، ئەمما دۇنيادا ئېتىۋارى ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ دەپ يازدى.

"تېلېۋىزوردىكى نامايىش ۋە قانلىق توقۇنۇش، ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ئېسىمگە سالدى"

رابىيە قادىر ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا، خىتاي تەرەپنىڭ تېنچلىق شەكلىدىكى تىبەتلىكلەر نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق تىبەت ياشلىرىنى زوراۋانلىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇرلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. "تېلېۋىزوردىكى نامايىش ۋە قانلىق توقۇنۇش كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگىنىمدە ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ئېسىمگە ئالدىم" دېيىلىدۇ ماقالىدا ۋە مۇنداق داۋام قىلىدۇ: " 1997 ‏ - يىلى فېۋرال ئېيى، شەرقى تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك تەلەپ قىلدى، ئىنسانىي ھەق - ھوقۇق تەلەپ قىلدى. خىتاي تەرەپ قۇرۇق قول نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇردى، ئامان قالغانلىرىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە ئۆلۈم جازاسى بەردى."

رابىيە قادىر خانىم يەنە، دەل ئەشۇ مىنۇتتا، ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ قارارنى بەرگەنلىكىنى، گەرچە خەتەرلىك بولسىمۇ خەلق تەرەپتە گەپ قىلىشنى ۋىجدانىي بۇرچى دەپ بىلگەنلىكىنى، بۇ بۇرچىنى ئادا قىلغىنى ئۈچۈن، تۈرمىدە 6 يىل ياتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم: "ئىككى مىللەتنىڭ دەردى ئوخشاش"

رابىيە قادىر خانىم، يۇقىرىقى سەۋەبتىن ئىككى ئوغلىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: "مەن تىبەتلىك ئانىلارغا ئېچىنىمەن، چۈنكى مەن ئوغلى نامايىشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغانمەن. مەن تىبەتلىك ئاتىلارغا ئېچىنىمەن، چۈنكى مەن ئوغلىنىڭ بوينىغا تاختاي ئېسىلىپ، كۆز ئالدىدا كوچا ئايلاندۇرۇپ ئاچىقىپ ئېتىۋېتىلگەن چارىسىز ئاتىلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغانمەن. مەن تۈرمىدىكى تىبەت ياشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىمەن، چۈنكى مەن، قاراڭغۇ كامىردا، خىتاي گۇندىپايلىرى بىلەن ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىغىچە قارشىلاشقان جەسۇر ئىسيانكارلارغا شاھىد بولغانمەن."

رابىيە قادىر خانىم تىبەت خەلقى بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورتاق دەرتكە مۇپتىلا ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى مىللەتنىڭ خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى، ھەر ئىككى مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ھەر ئىككى مىللەت خەلقىنىڭ بېيجىڭدىن ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىدىن يىرگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يازغان " مانا بۇ چەتئەلدىكى تىبەت - ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى سەۋەبى". رابىيە خانىم بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرىنى جاۋابلاندۇرغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە، دالاي لامانى تېررورچى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئىنكاس: " دۇنيا تىبەتكە كۆڭۈل بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا بىپەرۋا قاراۋاتىدۇ"

ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەسلىدە تىبەتتىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى، دۇنيانىڭ تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەتلەرمۇ يېزىلغان ئىدى، بۇ قېتىم خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن دۇنيانىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقى، ئىنكاسچىلارنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى تىبەت ۋەزىيىتىدىنمۇ ئېغىر دېگەن شىكايىتىنىڭ توغرىلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ شىكايىتىنىمۇ ماقالىسىدە قىستۇرۇپ ئۆتكەن: دۇنيا مەتبۇئاتى تىبەتتىكى پاجىئەلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتىدۇ، ئەمما شەرقى تۈركىستانغا ئاز قاراۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈن شەرقى تۈركىستان كوچىلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قامالى ئاستىدا. خىتاي كۆچمەنلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئىشسىزلىقنىڭ، يوقسۇللۇقنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىزلىرى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتىدۇ.

رابىيە قادىر: " ئۇ ئەركىنلىك مەشئىلى ئەمەس"

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ماقالىسىنىڭ سەرلەۋھىسى " ئۇ ئەركىنلىك مەشئىلى ئەمەس " بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئايلاندۇرۇش مۇساپىسى ئىچىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى قەدىمىي شەھىرىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى، بۇ ئايلانمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر مەشئەل ئايلاندۇرۇش سەپىرىنى " ئىناقلىق سەپىرى" دەپ ئاتىشىنى ھاكىمىيەتنىڭ ۋەھشىي يۈزىنى يوشۇرۇش دەپ بايان قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنىڭ ئارقىسىدا، " ئەگەر خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، تىبەت ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشى كېرەك،" دېگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)