14 - مارت لخاسا توقۇنۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى
2008.03.17
بۇ يىل 10 - مارت كۈنى تىبەتنىڭ لاسا شەھىرىدە باشلانغان تېنچلىق شەكلىدىكى نامايىش 14 - مارت كۈنىگە كەلگەندە توقۇنۇشقا ئايلىنىش بىلەن تىبەت مىللىي ھەرىكەت تارىخىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلدى. بۇ بەت 14 - مارت ۋەقەسى دەپ ئاتالدى. ۋەقەدە ئارزۇ - تەلەپلىرى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىنغان نامايىشچىلار، خىتاي ساقچى ھەم پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان؛ دۇكانلارنى ئۇرۇپ - چاققان؛ ئاپتوموبىللارغا ئوت قويغان؛ خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقان، ۋەقە جىددىيلىكى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى تارتتى.
رابىيە قادىر خانىم 14 - مارت لاسا ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
تىبەت ۋە ئۇيغۇردىن ئىبارەت خەلقلىرى تەقدىرداش بولغان بۇ ئىككى مىللەتنىڭ، مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي پائالىيەتچىلىرى يىللاردىن بېرى سەپداش بولۇپ ھەرىكەت قىلماقتا. مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ئۇيغۇر ھەمكارلىقى، 1960 - يىللاردىن باشلانغان، 1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە رەسمىي تەشكىلىي مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن. يەنى 1984 - يىلى شەرقى تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىستان ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان، 1997 - يىلى غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەندە چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلاردا تىبەتلىكلەرمۇ ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئالغان.
بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى دوستلۇق بۇ قېتىمقى لاسا ۋەقەسىدىمۇ ئىپادىلەندى. بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، 14 - مارت لاسا ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى چىن يۈرىكىدىن قوللايدىغانلىقىنى، ۋە ۋەقەنىڭ چىقىشىغا سەۋەبكار بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا يەنە، بارلىق شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى، ئۆز جايلىرىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى بىلەن تېزدىن ئالاقىلىشىپ، خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
15 - مارت كۈنى شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان ھەم نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇ تەشكىلات باياناتىدا يەنە، تىبەت ياشلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە پىداكارلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
خىتاي دائىرىلىرى 14 - مارت تىبەت ۋەقەسىنى زوراۋانلىق ۋەقەسى دەپ بىلدۈردى
شەنبە كۈنىدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكىدىكى تىبەتلىكلەر نامايىشىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ ئىشتىراپ قىلماقتا، نامايىشلاردا، تىبەت بايرىقى بىلەن بىللە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقمۇ بىرلىكتە لەپىلدىمەكتە. تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى نامايىشتا، ساقچىلار بەلگىلەپ بەرگەن پاسىلدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ خىتاي ئەلچىخانا بىناسىغا بۆسۈپ كىرىشكە ئىنتىلگەن ۋە تىبەت تەشكىلات رەھبىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان 5 نەپەر نامايىشچىدىن ئىككى نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئەنە شۇلاردىن بىرى ئۆز تەسىراتىنى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 14 - مارت تىبەت ۋەقەسىنى ئۇرۇپ - چېقىش ۋە بۇلاش خاراكتېرلىك زوراۋانلىق ۋەقەسى دەپ بىلدۈردى ھەم ۋەقەگە قاتناشقۇچىلارنى توپىلاڭچىلار دەپ ئەيىبلىدى.
ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن كۈرەش ئاتاخان، تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى، ئىنسانىي ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەققانىي ھەرىكەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر قانچە دۇكاننى ئۇرۇپ - چېقىشنى بۇلاڭچىلىق دېيىشكە توغرا كەلسە، بىر مىللەت تۇپرىقىنىڭ يەر ئاستى - ئۈستى بايلىقىنى رۇخسەتسىز ئەكىتىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنى نېمە دېيىش كېرەك دەپ سوئال قويغان ئاتاخان، سوئالىنى مۇنداق جاۋابلاندۇردى.
نامراتلىق، ئىشسىزلىق، ھەق - ھوقۇقسىزلىق ئىچىدىكى ھاياتنىڭ، ئوت ئىچىدىكى ھاياتقا ئوخشاش ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاتاخان، تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ ئوت قويۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشكە توغرا كەلسە، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى خىتاي تەرەپنى ئەيىبلەشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
" خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنىمۇ تەھدىتكە قويۇۋاتىدۇ"
تىبەتلىكلەر بۇ قېتىم كۆرسەتكەن جاسارەت ۋە پىداكارلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ 1990 - يىلى بارىن ئىنقىلابىدا ۋە 1997 - يىلى غۇلجا ۋەقەسىدە تولۇق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئاتاخان، خىتاينىڭ ئىنسان ئىرادىسىنى قورالغا تايىنىپ بويسۇندۇرماقچى بولۇشىنىڭ خاتا بىر تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاتاخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ يەنى خىتاي خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى تەھدىت ئاستىغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە، 14 - مارت كۈنى ئوت قويۇپ كۆيدۇرىۋېتىلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى كۆرسەتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوز خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ بولسىمۇ زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يۈز كۈنلۈك 'سېرىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى' نى باشلىدى
- ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولغان تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- تىبەتتىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى: "رابىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى"
- خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- تىبەتلىكلەر نيۇيوركتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى
- ھىندىستاندىكى تىبەت ياشلىرى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى
- رابىيە قادىر خانىم ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
- بارات ھاجىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى
- غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قارشى تەشۋىقاتلىرى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى
- خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 27 -يانۋار توقۇنۇشى ئۈستىدە توختالدى
- ئۇيغۇرلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ