خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى
2008.03.26
خىتاي تىبەتتىكى نامايىشنى ھەربىي كۈچ بىلەن باستۇرغانلىقى تۈپەيلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىغا كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە تىبەتنى چەتئەللىكلەرگە ئېچىۋېتىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى باش شتابى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆزلىگەن سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت نامايىشچىلىرىغا كۈچ ئىشلەتمەسلىكى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بولسا چەتئەللىكلەرنىڭ تىبەتكە ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ جەنۋەدىكى ئەلچىسى ۋاررېن تىشېنور بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار، دىپلوماتلار ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تىبەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆز كۆزى كۆرۈش ۋە باھا بېرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ تىبەتكە بېرىشىنى چەكلەش خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسىگە خىلاپ. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رىتورىك خىتابى ۋە ۋەقە توغرىسىدا تەرەپسىز خەۋەر بېرىشنىڭ چەكلىنىشى بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا " دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت بۇش خىتاي خۇ جىنتاۋغا تېلېفون قىلىپ، تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي بولسا خىتاي دائىرىلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتىدۇ. ئاقساراي پرېزىدېنت بۇشنىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا تېلېفون قىلىپ، تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن ئەمەلىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى شۇنداقلا چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە دىپلوماتلارنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى خىتاي لخاسادا ۋەزىيەتنىڭ تىنجىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ، تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان يەردە ئۈزلۈكسىز نامايىشلار يۈز بېرىۋاتقان، ئالدىنقى كۈنى ساقچىلار سىچۈەننىڭ گەرزى ناھىيىسىدە تىبەت نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ، ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ بىرى گەرزىدىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭ لاماسى ئىكەنلىكى غۇلا -غۇلا قىلىنىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
سىچۈەننىڭ گەرزى ناھىيىسىدىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭ لاماسى رادىئومىزغا بىر لامانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھەربىيلەرنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ، " ئالدىنقى كۈنكى ۋەقەدە بىر لاما ئۆلتۈرۈلدى. بۇ لاما، "ئەركىنلىك! تىبەتكە ئەركىنلىك!" دەپ ۋارقىرىغان ئىدى. بىز نامايىش قىلغاندا ساقچى ۋە ھەربىيلەر ئالدىمىزنى توسىدى. بۇ جەرياندا بىر ئاز جىددىيچىلىك يۈز بېرىپ، ھەربىيلەر ئوق چىقاردى،" دەيدۇ.
مەزكۇر لاما دائىرىلەرنىڭ شۇ كۈنى كېچىسى گەرزى ناھىيىسىدە 30 لامانى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. گەرزى ناھىيىسىدە سەيشەنبە كۈنى يەنە داۋاملاشقان، لېكىن ئۇ كۈنى نامايىشچىلار بىلەن ھەربىي- ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن. رادىئومىزغا مەلۇمات بەرگەن يۇقىرىقى لاما سەيشەنبە كۈنكى كۈچ كۆرسىتىشكە 200 لامانىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
" تىنچ نامايىش قىلغان پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى تەنقىد قىلىمىز"
تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۈننىڭ ئەتىسى، ياۋروپا پارلامېنتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ياكى قىلماسلىقنى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى رېچارد فرېدىمەن، تىبەت مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پارلامېنتنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ چارشەنبە كۈنكى مۇنازىرىسىدە بەزى ئەزالار بولمىدى دېگەندە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەنز گېرت پوتتېرىڭ يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىدە "تىبەت پايتەختى لخاسا ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە 10 - مارت كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە كىشىنى ناھايىتى قايغۇغا سالىدۇ. بىز زوراۋانلىقنىڭ پۈتۈن شەكىللىرىنى ئەيىبلەيمىز شۇنداقلا ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ چەكلىمىسىز كۈچ قوللىنىشىنى تەنقىد قىلىمىز. تىنچ نامايىش قىلغان پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى تەنقىد قىلىمىز " دەيدۇ.
پوتتېرىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن ئۇ تىبەت خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان سىياسەتچىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى سۆھبەتلىشىش ۋە مۇرەسسە قىلىش يولىنى تۇتمىسا، ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشى توغرىمۇ، دېگەن سۇئالنى سورىشى " نى تەۋسىيە قىلدى.
" خىتاي نامايىشچىلارغا كۈچ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك"
بۇنىڭ ئالدىدا ياۋروپا پارلامېنتى تىبەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى توماس مان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى ئىسياننى دالاي لاما كۈشكۈرتتى، دېگەن باياناتىنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن. ئۇ، بىر خىتاي رەھبىرىنىڭ بۇ سۆزى كىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىمەنىلىك. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارىشىنى قەتئىي رەت قىلىمىز " دېگەن ئىدى. لخاسادىكى ئىسياننى دالاي لاما قوزغىدى، دېگەن سۆزنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگانى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانى خىتاينى نامايىشچىلارغا كۈچ ئىشلەتمەسلىك، دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىش بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇنازىرە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، تىبەت مەسىلىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسسارى فېرېرو ۋالدنېر، تىبەت ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۆزلىرىدە خاتىرجەمسىزلىك يارىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ نامايىشچىلارغا كۈچ ئىشلەتمەسلىكىنى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى، تەرەپسىز مەتبۇئاتلارنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەكىتلىگەن.
" خىتاي نېمە ئۈچۈن چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تىبەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچالمايدۇ؟ "
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 47 دۆلەت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان دۆلەتلەر خېلى سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مەزكۇر ئورگان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش قورالى بولۇپ قېلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى. ئالدىنقى كۈنى ئاسىيادىكى بەزى تەشكىلاتلار كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خەت يېزىپ، تىبەت مەسىلىسى ئۈچۈن مەخسۇس مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇشىنى، بۇ مەسىلىنى پەلەستىن، دارفۇر ۋە بېرما مەسىلىسىگە ئوخشاش مۇزاكىرىگە قويۇشنى تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى لۇئىس ئاربور كانادا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " خىتاي ئاۋغۇست ئېيىدا 30000 نەپەر چەتئەللىك مۇخبىرغا دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. لېكىن پۈتۈن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قىزىقىۋاتقانغا ئوخشاش تىبەتتىكى ۋەقەلەرگە قىزىقىۋاتقاندا نېمە ئۈچۈن بىر - ئىككى چەتئەللىك مۇخبىرغا تىبەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچالمايدۇ؟ " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋەتەندىن خەت: "رابىيە قادىر بىزنىڭ ۋەكىلىمىز ھەم يولباشچىمىز "
- نامايىشچىلار ئافېنادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىدا خىتايغا قارشى كاشىلا چىقىرىپ ھەيۋە كۆرسەتتى
- تىبەتلەر خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەركىتى ئېلىپ بارغان
- خىتاي 2008 - يىللىق ئولىمپىكتىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟
- خىتاي، دۇنيا مىقياسىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى
- بىر تۈركۈم خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ تىبەتتىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىنكاسى
- "شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت"
- قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ھەققىدە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاس
- خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزنىڭ مەقسىتى ئايروپىلاننى پارتلىتىش، دەپ ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى" غا ئىنكاس قايتۇردى
- خىتاي مىللىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا ئېغىر دېدى، ئۆزىدىچۇ ؟
- نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسى دوكلاتى ئېلان قىلدى
- كانادادا كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە مۇنارىسى تىكلىنىدۇ
- جورج بۇش ئولىمپىك مۇراسىمىغا بارغاندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى