تىبەتلەر خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەركىتى ئېلىپ بارغان
2008.03.21

بۇ نۆۋەت 10 - مارت تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىش كىيىن كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئۆزگىرىپ، چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە رايونلارنىڭ تىبەتلىكلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا دېگۈدەك تارالغان ئىدى.
گەرچە بۇ نۆۋەتلىك تىبەت نامايىشنىڭ باش تېمىسى "تىبەت مۇستەقىللىقى"، "تىبەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى" مەۋقەسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما، تىبەتنىڭ چامدو ۋىلايىتى ماڭكام ناھىيىسىدە 18 - مارت يۈز بەرگەن نامايىش ئۆزگىچە تۈس ۋە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رادىئومىز بۈگۈن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ماڭكام ناھىيىسىدىن جۈملىدىن پۈتۈن تىبەتتىن خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش بۇ نامايىشنى ئېلىپ بېرىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان.
يەرلىك بىر تىبەتلىك: " خىتايلارنى كەلگەن يېرىگە ھەيدەش ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق"
"ھازىر لخاسادا كەڭ كۆلەمدە خىتايلارنى كەلگەن يېرىگە ھەيدەش ھەرىكىتى بولۇۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ بۇ ھەرىكەتنى باشلىدۇق"
يەرلىك بىر تىبەتلىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىر پۈتۈن تىبەت مىقياسىدا خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى بولۇۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆز ناھىيىسى تەۋەسىدىكى خىتايلارنى سۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، نەتىجىدە 6 خىتاي ئېغىر يارىلانغان، ئەمما ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى كۆرۈلمىگەن.
"ھازىر لخاسادا كەڭ كۆلەمدە خىتايلارنى كەلگەن يېرىگە ھەيدەش ھەرىكىتى بولۇۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ بۇ ھەرىكەتنى باشلىدۇق"
مەزكۇر تىبەتنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ماڭكام ناھىيىسىدە باشلانغان "خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش" ھەرىكىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز بىر قىسىمدىكى ساقچىلاردىن باشقا زور تۈركۈمدە ئەسكەر يۆتكىگەن بولۇپ ھازىر ناھىيىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرى قامال قىلىنغان.
يەرلىك تىبەتلىك:" 5 - 6 خىتاي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى"

ھازىر تىبەتكە تېلېفون ئۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، بىر تىبەت مۇخبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئامېرىكىدىن تىبەت ئىچىدىكى يانفون ۋە سىملىق تېلېفونلارنىڭ ھەممىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ سىناپ باققان بولسىمۇ، ئۇلانمىغان، ئەمما ھىندىستاندىن تىبەتكە تېلېفون ئۇرغاندا پەقەت خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋال مەلۇم قىلىش لىنىيىسىگىلا ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچى تەرەپ ئادەم تۇتۇش ئىشلىرىنى رەت قىلغان.
ھالبۇكى رادىئومىز سۆزلەشكەن مەزكۇر يەرلىك تىبەتنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، سۋاڭ دوجى، لىگراپ قاتارلىق 13 نەپەر تىبەتنى قولغا ئالغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق.
بۇ ھەقتە توختالغان ماڭكام ناھىيىسىدىن بولغان ھېلىقى يەرلىك تىبەتلىك: " 5 - 6 خىتاي ھازىر ماڭكام ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ئەمما 13 تىبەتلىكنى قولغا ئېلىپ ماڭكام ناھىيىلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ كەتتى بولغاي" دېدى. 10 - مارت تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە باشلانغان نامايىش بارا - بارا تىبەتنىڭ ئىچى ۋە تىبەتكە قوشنا رايونلارغا كېڭىيىپ، نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدا ھەر خىل شەكىلدىكى توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان ئىدى.

خىتاي ساقچىلىرى4 نەپەر تىبەتلىك نامايىشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى
گەرچە بۇ توقۇنۇشلار جەريانىدا خىتاي ھەربىلىرىنىڭ ئوق چىقىرىپ تىبەتلىك نامايىشچىلارنى ئولتۇرۇش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا قارىتا ھەرگىز مۇ قورال ئىشلەتمىگەنلىكىنى قايتا - قايتا تىكلىگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باياناتچىسى چىڭ گاڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى پىكرىنى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق ئادەم ئولتۇرىدىغان قوراللارنى نامايىش تىنچىتىش مەيدانىغا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ھەمدە ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈنۈگۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرى سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى تىنچىتىش جەريانىدا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن 4 نەپەر تىبەتلىك نامايىشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

نامايىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى قولىدا ئۆلگەن تىبەتلەر سانىنىڭ 99 نەپەرگە يەتكەن
ھالبۇكى، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق گېزىتىدە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ ناھايىتى ئاز بىرى قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئۇلار ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 13 نەپەر بىگۇناھ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى تىبەت نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ھەربىي مەرگەنلىرىنىڭ ئوقىدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
ئەمما تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى قولىدا ئۆلگەن تىبەتلەر سانىنىڭ 99 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر زوراۋان گۇرۇھ، ئۇ تىكلىگەن يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ نومۇسسىز يالغانچى
- خىتاي، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچلىرىنى ئىشقا سالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتا دالاي لامانىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى
- گوللاندىيە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى
- بىر تۈركۈم خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ تىبەتتىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىنكاسى
- لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇلاھىزىلەر
- لخاسانىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، ئىسيان تىبەتنىڭ قوشنا رايونلىرىغا كېڭەيدى
- 14 - مارت لخاسا توقۇنۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى
- ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولغان تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ھەققىدە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاس
- تىبەتتىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى" غا ئىنكاس قايتۇردى
- خىتاي مىللىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا ئېغىر دېدى، ئۆزىدىچۇ ؟
- خىتاي دۆلەت بايرىقى چەتئەلدە ئىككىنچى قېتىم يىقىتىلدى
- نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى