مۇشۇنداق بىر يىل كىرىش بىلەن تەڭلا، خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستىلىدى. ئىشسىزلار كۆپەيدى، جەمئىيەتتە چوڭ داۋالغۇش پەيدا بولىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئۆزىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا - - - خەلقنىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنى ئېتىقادىنى باستۇرۇشقا كىرىشتى. ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە.
خىتاي بۈگۈن 'ئاق تاشلىق كىتاپ' ئېلان قىلىپ دالاي لامانى ۋە غەرب ئەللىرىنى ئەيىبلىدى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن جىددىي تۈس بىلەن بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، كوممۇنىست پارتىيە تىبەت خەلقىنى ئازاد' قىلدى، 'تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى' دېدى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى 'تىبەتتە جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ' دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ ئاق تاشلىق كىتابىدا يەنە، ئۆزى تىبەتتە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقتىن كېلىپ چىققان زىددىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇش ئۈچۈن، غەرب دۆلەتلىرى تىبەتنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋېلىش ئۈچۈن، 1959 - يىلى تىبەتتە توپىلاڭ قوزغىغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا تىبەتنىڭ16 مىڭ سەر ئالتۇنىنى ئېلىپ چەتئەلگە قاچقان ۋە ھازىرغا قەدەر تىبەتتە قۇلدارلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇپ كېلىۋاتقان دالاي لامانى قوللاپ، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە، بۇلتۇر 3 - ئايدا يەنە تىبەت مىللەتچىلىكىنى قوزغاتتى، دەپ داۋراڭ سالدى.
سىچۇئەندە بىر ياش تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈردى
خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە 10 كۈن قالغاندا، تىبەتلەرنىڭ يېڭى بايرىمى كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ بۇ بايرامدا ئېلىپ بارىدىغان ئەنئەنىۋىي، دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى.
سىچۇەندىكى ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا غەزىپىگە چىدىمىغان بىر ياش تىبەت ئىبادەتخانا ئالدىغا چىقىپ ئۆزىگە ئوت يېقىپ نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى نەق مەيداندا ئۆزىگە ئوت ياققان بۇ ياش تىبەتنى ئوققا تۇتقانلىقى خەلقئارا جامائىتىنى قاتتىق چۆچۈتتى.
تىبەت ھەرىكىتى ھازىر قايتىدىن جانلاندى
ئۇزۇندىن بۇيان تىبەت مەسىلىلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان 'ئاسىيا تىجارەت ھەپتىلىكى گېزىتى' نىڭ يازغۇچىسى كارول مەتلاكنىڭ بايان قىلىشىچە، تېبەت ھەرىكىتى ھازىر قايتىدىن جانلاندى. بۇ، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ بۇلتۇر ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى تىبەت، ئۇيغۇر ھەرىكىتىدىن بۇيانقى چوڭ جانلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنداق ۋەزىيەتتە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى 'تىبەتتە ھازىر ۋەزىيەت مۇقىم، ئەندىشە قىلغۇدەك ھېچ ئىش يوق' دەۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تىبەتتە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تىبەتكە بېرىشىنى قاتتىق چەكلىدى.
تىبەت مەسىلىسىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك
خوڭكوڭ خىتاي تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى مايكول دەيۋىسنىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەتلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەقەلىرىنى چۈشەندۈرۈشى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. تىبەتلەر بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن تىبەت ۋەقەسىنى تىبەتلەرنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى قوزغىلىڭى، دېسە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تىبەت قۇللىرىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقى، دەيدۇ. بۇ كۆز قاراشتا تىبەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە يوق.
خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتىدا، گەرچە تىبەتلەر ئۈچۈن چەتئەللەردە ئىنتېرنېت ئارقىلىق سۆزلەش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما تىبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۆزى مەنسەپكە قويغان ياكى مەنپەئەت بەرگەن كىشىلەرنىلا سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىدۇ. كەڭ تىبەت خەلقنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتمايدۇ. شۇڭلاشقا تىبەت مەسىلىسىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك.
خىتايدا ھازىر مۇتلەق كۆپ سانلىق خەلق كوممۇنىست پارتىيىدىن نەپرەتلىنىدۇ
ب ب س نىڭ ئەركىن مۇنازىرە بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلاردا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر مۇتلەق كۆپ سانلىق خەلق كوممۇنىست پارتىيىسىدىن نەپرەتلىنىدۇ.
گەرچە ھازىر ئۇلار تېخى كوممۇنىست پارتىيىنى بىراقلا ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇدەك دەرىجىدە تەشكىللىنەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خۇجىنتاۋ ھۆكۈمىتىنى ئاللىقاچان تۇيۇق يولغا كىرگۈزۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر ھازىر بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە.
