چىڭخەيدىكى نامايىشتىن كېيىن تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتتىق نازارەت ئاستىدا ياشىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا بولغان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

0:00 / 0:00

تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر فايسبوك تورىدا 2010- يىل 19-ئۆكتەبىر چىڭخەيدە يۈز بەرگەن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن كېيىن، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تېلېفون ئارقىلىق ئۇنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت، تېلېفون، ئېلخەت ئالاقىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق باشقىلارغا ۋىرۇسلۇق خەت ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر تىبەتلەر ئارىسىدىلا تونۇلغان يازغۇچى بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ھەم خەلقئارادىمۇ نامى كۆپ تەرىپلىنىدىغان يازغۇچى ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يازمىلىرىدا تىبەتلىكلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىلەر ئىپادىلەنگىنى ئۈچۈن، ۋوئېسېر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھتىد ئاستىغا ئېلىنىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

ۋوئېسېر يېقىندا فايسبوكتىكى تور بېكىتىدە، يېقىندىن بۇيان ئۆزىگە قارىتىلغان نازارەت ھەم تەكشۈرۈشنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ.

» 10- ئاينىڭ بېشىدا مەن تۇغقانلىرىمنى يوقلاش ئۈچۈن لخاساغا باردىم. دەسلەپكى كۈنلەردە شەھەر ۋەزىيىتىنىڭ 2008-يىلى مارت ئېيىغا قارىغاندا خېلى ئازادە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمما، 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن كېيىن مەن تۇرغان كەنتنىڭ كوچا ئېغىزىغا ساقچىلار توشۇپ كەتتى. ئۇلار 2008- يىلىدىكى مارت ۋەقەسى مەزگىلىدىكىدىنمۇ كۆپ ئىدى. ساقچى ئاپتوموبىللىرى جىددىي سىگنال بېرىپ كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرەتتى. شەھەر ئاسمىنىدا بولسا ھەر كۈنى قۇياش كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا بىر نەچچە تىك ئۇچار تاكى مەن لخاسادىن ئايرىلغانغا قەدەر شەھەر ئاسمىنىدا تولىمۇ پەس ئۇچۇپ، چارلاش ئېلىپ باراتتى. بىز ھەممىمىزگە شۇ نەرسە ئېنىقكى، بۇ بىر خىل ھەيۋە ۋە قورقۇتۇش ئىدى. بۇ قانداقتۇر ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ تائىپىسىدىن بولمىغان بىزگە، پۈتۈن مىللەتكە قارىتىلغاندەك قىلاتتى «

ۋوئېسېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزى ئۇچرىغان ئەھۋاللارنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.» 19-ئۆكتەبىر كۈنى چىڭخەيدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى. ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەتتە تىبەت مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇشقا قارشى نامايىش قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى نامايىش 2008-يىلى مارت ئېيىدا لخاسادا يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك نامايىش بولدى. ئەمما، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ پەرقى شۇ بولدىكى نامايىش قىلغۇچىلار پۈتۈنلەي مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئون نەچچە ياشلىق بالىلار بولدى. شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىر ھەپتە داۋاملاشقان بۇ نامايىشنى 2008- يىلى يۈز بەرگەن تىبەتلەر نامايىشىنى بىر تەرەپ قىلغاندەك قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئامالسىز قالغان بولسا كېرەك. ئەمما، دەل مۇشۇ كۈنلەردە مەن ئانا يۇرتۇم تىبەتتە ھەم چىڭخەي ئۆلكىسىدە زىيارەتتە ئىدىم. شۇڭا نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نازارىتى ھەم تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا ئۇچرىدىم.»

ۋوئېسېر ئەينى كۈنلەردە ئۆزىنىڭ ئېرى ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى بىلەن لخاسا كوچىلىرىدا يۈرگەن مەزگىلىدە ساقچى ئاپتوموبىللىرى، قوراللىق ساقچىلار، ئالاھىدە ساقچىلار، پۇقراچە كىيىنگەن دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى بولۇپ 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كوچىدا چارلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق يازىدۇ.

«ۋاڭ لىشىۇڭ ماڭا، غەرب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ مەنزىرىنى كۆرسە، تىبەتنى تەبىئىي ھالدىلا خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى دەپ چۈشىنىدۇ. ئۆزىنى قالتىس كۈچلۈك دەپ چاغلىغان كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۆزىنى نىقابلاشنىڭ ھاجىتى قالمىغاندەك قىلىدۇ» دېدى.

ۋوئېسېرنىڭ بايان قىلىشىچە، 19-ئۆكتەبىر كۈنى لخاسادا چىڭخەي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىدا، ئۇنىڭ تور بېكىتى تۇيۇقسىز پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇ كۈنى ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەم ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن. ئەنە شۇندىن كېيىنلا لخاسا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋوئېسېرغا بولغان نازارىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئۇنىڭ لخاسادىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغان.

ۋوئېسېر لخاسادىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، تەھدىت سالغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

«31-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 11دىن 11 مىنۇت ئۆتكەن مەزگىلدە 1398990059 نومۇرلۇق قول تېلېفوندىن بىرەيلەن مېنىڭ قول تېلېفونۇمغا تېلېفون قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ لخاسا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مېنى دەرھال ساقچى ئىدارىسىگە كېلىشكە بۇيرۇدى. مەن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەم، ئۇ مەندىن بەزى ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا ساقچىخانىغا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتىم. ئۇ شۇ چاغدا مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ساقچى ئىدارىسىگە كېلىشىڭ ئەلۋەتتە زۆرۈر. سەن ئۆزۈڭنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىڭنى ياخشى بىلىسەن دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىمنى. ئەمما، ئىشى بولسا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئېيتتىم. شۇ چاغدا ئۇ ئەلۋەتتە بىز بارلىق رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ يېنىڭغا كېلىمىز. دېدى»
ئىگىلىشىمىزچە، ۋوئېسېر بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ دائىرىلەر ئۇنىڭغا قارىتىلغان نازارەتنى ھېچقاچان بوشاشتۇرمىغان. ئۇنىڭ يازمىلىرى ئېلان قىلىنىدىغان تور بېكىتى داۋاملىق تاقاقلىق ھالەتتە تۇرغاندىن باشقا، ئۇنىڭ تېلېفونى ھەم ئېلخەت ئالاقىلىرى تەكشۈرۈلگەن. ھەتتا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ئۇنىڭ دوستلىرى ھەم ئۇنى قوللىغۇچىلارغا ۋىرۇسلۇق خەتلەر ئەۋەتىلىپ، ئۇلارنىڭ بلوگ ھەم ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان.

ۋوئېسېر بۇ ھەقتە فايسبوكتا 26- نويابىر كۈنى كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋوئېسېر نامىدا كەلگەن يوللانمىلارنى ئاچماسلىقنى ئەسكەرتكەن شۇنداقلا ئۆزى سەۋەبىدىن دوستلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ھەم دوستلىرىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق- ھوقۇقلىرى ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان مەزگىل دېيىشكە بولىدىكەن. نۆۋەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغۇچى زىيالىيلار، يازغۇچى-سەنەتكارلار، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرى تەقىب ئاستىغا ئېلىنماقتا ئىكەن.