ئۇنداقتا بۇ قاراردىكى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار قايسىلار؟ ئەگەر ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۈستىدىن بۇ خىل "قوش تىل مائارىپى" نامىدىكى مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق يۈرگۈزۈلسە، قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ ئامېرىكىدىكى ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رايوندىكى تىبەت مەكتەپلىرىدە يولغا قويماقچى بولغان قاراردا بۇندىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ھازىرقى تىبەت مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بولۇپمۇ قارارنىڭ 11 - ماددىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان "مىللىي مائارىپ ئوقۇتۇشىدا پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دۆلەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مەكتەپلەردە ' قوش تىل مائارىپى 'ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك. يەنى ئالدى بىلەن ھازىرقى يەسلىلەردە قوش تىللىق يەسلىلەرنى بەرپا قىلىپ، ئەسلىدىكى مىللىي يەسلىلەرنى خىتاي يەسلىلىرى بىلەن قوشۇۋېتىش، تىبەت بالىلىرى بىلەن خىتاي بالىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش كېرەك. باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تىبەت مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈۋېتىش، 2015 - يىلغا كەلگەندە مەكتەپلەردە دۆلەت تىلى(خىتاي تىلى) ئاساس قىلىنىدىغان 'قوش تىل مائارىپى' قۇرۇلمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولۇش. ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى مىللىي رايونلارغا كېلىپ مائارىپ خىزمىتىدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۆلكە سىرتىدىكى مەكتەپلەردە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى ھەم تېخنىكوم سىنىپلىرى ئېچىپ، 2015 - يىلىغا بارغاندا بۇ ئوقۇغۇچىلار سانىنى 6000 غا، 2020 - يىلىغا كەلگەندە 12000 دىن ئاشۇرۇش ئارقىلىق، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش" قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر بەلگىلىمىلەر تىبەت زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان.
چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى بۇ يىل كۈزدە مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن تىبەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغىنىدا، ئالدى بىلەن تىبەت ئوقۇتقۇچىلىرى نارازى بولغان. ئەمما، چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنىلا ئەسلىدىكى قارار بويىچە تىبەت مەكتەپلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
نەتىجىدە بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسى رېبكوڭ ناھىيىسىدىكى تىبەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپ نازارىتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى. نامايىش بىر ھەپتە ئىچىدە تېزلىكتە كېڭىيىپ، چىڭخەيدىكى تىسۇلخۇ ناھىيىسى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي گەنسۇ تىبەت ئوبلاستىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىغا كېڭەيدى. بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېزلىكتە تور بەتلىرىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، ئىلگىرى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ سەۋەبى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان "قوش تىل مائارىپى" نامىدىكى يەرلىك مىللەتلەر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، بۇ سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىلشات ئەپەندى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىبەت رايونلىرىغا قارىتىلغان "قوش تىل مائارىپى" ھەققىدىكى قارارغا نارازى بولۇشىغا، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ "قوش تىل مائارىپى" نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىلىرى ھەم ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەمىلى پاكىتلارنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىگىلىشىمىزچە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىبەتلەرنى قوللاش پوزىتسىيىسى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەنسىرەتكەن. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىدەك "قوش تىل مائارىپ سىياسىتى" گە قارشى نامايىش قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بۇ قېتىم تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى قوللاشىغا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندى مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر تەقدىرداش. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مائارىپى ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىپ، ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق ئېغىرلاشتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تور بەت ۋە مەتبۇئاتلاردا 'ئانا تىل مائارىپىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر' ھەققىدە كۆپ ئىزدەندى، ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. قىسقىسى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مائارىپىنىڭ ۋەيران بولىشى ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتىنى تىبەتلەردىن بالدۇر كۆرۈپ، ئاچچىق تەجرىبە - ساۋاقلارغا ئىگە بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلغىنىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئالدى بىلەن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاۋاز قوشۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى ھەققانىي نامايىش دەپ قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولدى. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەنسىرىتىدۇ."
ئىلشات ئەپەندى يەنە چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قارار ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىلنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ سىياسەتنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مەزگىل ئىجرا قىلىنىپ تەجرىبىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىدا كېڭەيتىپ ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ' قوش تىللىق مائارىپ ' نامىدىكى مىللىي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاۋۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇپ، مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇڭا بۇنى ئەمدى تىبەت رايونىدىمۇ ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغاندىن باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ھازىرقى تىبەت زىيالىيلىرىدەك ئاكتىپ قارشىلىق پوزىتسىيىسىدە بولمىغانلىقى سەۋەب بولدى دېيىشكە بولىدۇ."
ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ھەم تىبەت رايونىدا ئەگەر مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلسا، كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر ھەققىدىمۇ ئۆز پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "قوش تىل مائارىپى" سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە بەلكىم يەنە بىر قېتىملىق "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ تەكرارلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپ بارغان "ئانا تىلىنى قوغداش" نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىللىق" مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدە مەلۇم چېكىنىش بولىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرىزىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيالىيلارمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى ھەققانىي ھەرىكەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان "قوش تىل مائارىپى سىياسىتى"نى مىللىي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى قوللىنىشىغا توسالغۇلۇق قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.