دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يولىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىيىتى دالاي لامانى ئۆمىدسىزلەندۈرۈپلا قالماي، تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ سەۋر - تاقىتىنى تاشۇرماقتا. دالاي لاما شەنبە كۈنى ئوتتۇرا يولدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتى تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ سەۋر - تاقىتىنى تاشۇرۇپلا قالماي، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى ئوتتۇرا يولى مەغلۇبىيەت گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، شۇ تۈپەيلى تىبەتلەرنىڭ خىتاي سىياسىتىدە نېگىزلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
دالاي لاما شەنبە كۈنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشقان ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى قارارگاھىدا كىشىلەرگە سۆز قىلىپ، تىبەتكە مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئاساسىدىكى ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان ئوتتۇرا يولنىڭ ئاقمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋاز كېچىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دالاي لامانىڭ 1 - قېتىم خىتاي - تىبەت سۆھبىتى ئۆزىدە ئۈمىدسىزلىك ياراتقانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىشىدۇر. ئۇ خىتايغا ئوتتۇرا يولنىڭ ئاقمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت مۇساپىرلار كېلەر ئاي دارامسالاغا يىغىلىپ، خىتاي بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى ئۆزگە بىر يولدا مېڭىشنى قارار قىلىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
73 ياشلاردىكى دالاي لاما ":ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايغا قاراتقان ئوتتۇرا يولنى ناھايىتى سەمىمىي ئىجرا قىلغان بولساممۇ، لېكىن بۇ خىتاي تەرەپنىڭ ھېچقانداق ئىجابىي جاۋابىغا ئېرىشەلمىدى.... بۇ مېنى قايغۇغا سېلىپلا قالماي ۋاز كېچىش گىردابىغا ئەكىلىپ قويدى،" دەپ تەكىتلىگەن. دالاي لامانىڭ سۆزى نويابىردىكى دارامسالا قۇرۇلتىيىدا نېگىزلىك ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى، دالاي لامانىڭ 2 - سەپكە چېكىنىدىغانلىقى، خىتاي بىلەن سۆھبەتنىڭ توختايدىغانلىقى، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بېرەمدۇ ؟ بۇ مەسىلىلەر چەتئەلدىكى تىبەت مۇساپىرلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 300 نەپەر تىبەت قۇرۇلتاي ۋەكىلى كېلەر ئاي دارامسالاغا توپلانغاندا ئايدىڭلىشىدىغان مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئىستىقبالى قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تالخا يەكشەنبە كۈنى دالاي لامانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ نەتىجە قازىنىدىغانلىقىغا ئۈمىدى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ " بىز ئەمەلىيەتچى بولۇشىمىز كېرەك. خىتايلار ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىك تۈپەيلى ئۈمىد قالمىدى.... دالاي لاما تىبەت مەسىلىسىگە توسالغۇ بولۇشنى خالىمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. تەن زىن تالخا يەنە دالاي لامانىڭ تىبەت پارلامېنتىغا يەنە قايسى يوللاردا مېڭىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەت يازغانلىقىنى، ئۇنىڭ باشقا يوللارنى ئويلۇشۇپ كۆرۈش زۆرۈرىيىتى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ نويابىردىكى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى خىتايلار چىقىرىدىغان"كۆزىتىش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى چېن كۇيدﯤ، خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت مەسىلىسىدە سەمىمىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، دالاي لامانىڭ پىكىرىنى ئاقىلانە ھەرىكەت، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": تىبەت - جۇڭگو سۆھبىتىدە جۇڭگو تەرەپ ئۈزلۈكسىز سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. بېيجىڭ دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتنى غەرب ئەللىرىگە كۆرسەتمىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇلاردا سەمىمىيەت يوق ئىدى، شۇڭا سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىمۇ بولمىدى. ئۇلار 'سۆھبەتكە ئولتۇردى،' دېگەن قالپاقنى كىيىش ئۈچۈنلا سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇلاردا مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ھېچقانداق پىلان بولغان ئەمەس.... بۇ ئەھۋالدا دالاي لامانىڭ سۆھبەتنى توختىتىش ئويىغا كېلىشىنى توغرا ۋە ئاقىلانە ھەرىكەت دەپ قارايمەن."
دارامسالادىكى يەرلىك مەتبۇئاتلاردا دالاي لامانىڭ ئارامغا چىقىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ سىياسى ھوقۇقىنى تىبەت سەرگەردان پارلامېنتى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بەزىلەر بۇنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى نېگىزلىك ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقنى داۋا قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى. دالاي لامانىڭ ئارامغا چىققانلىقىنى تىبەت سەرگەردان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى Karma Choephel تەكىتلىگەن بولۇپ، لېكىن دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تالخا دالاي لامانىڭ ئارامغا چىققانلىقىنى رەت قىلىدۇ. ئۇ، تىبەت روھانى داھىسى تىبەت ۋەكىلى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى 8 - نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ تېز ئارىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
"كۆزىتىش"ژۇرنىلىدىكى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى بولسا دالاي لاما ئارامغا چىقسا خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆھبەت ئوبېكتى تاپالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ" ئەگەر دالاي ئارامغا چىقسا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆڭۈلدىكىدەك، خەلقئارادا زور ئىناۋەتكە ئىگە سۆھبەت ئوبىكتىنى تاپالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ چاغدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر قەدەر كۈرەشچى تىبەتلىكلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قالىدۇ. ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئاقىلانە بولسا دالاي لامانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يار بېرىدىغان ھازىرقى مەزگىلدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشى لازىم. بۇ ئەھۋالدا سۆھبەت ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.... ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چوتنى خاتا سوقۇپ بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، بۇ ھەر ئىككى تەرەپكە خەيرلىك ئەمەس"، دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ3 - ئايدىكى كەڭ - كۆلەملىك ئىسيانىدىن كېيىن دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن ئۇچراشقان ھەم كۈز ئايلىرىدا يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن بولسىمۇ، لېكىن تىبەتلەردە سۆھبەتنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا ئۈمىدسىزلىك قارايدىغانلار كۆپەيمەكتە. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رېنپوچى، تىبەتلەردىكى ئۈمىدسىزلىككە سۆھبەتتىكى نەتىجىسىزلىكنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، نويابىردىكى قۇرۇلتايدا مۇستەقىللىق شۇئارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن قۇرۇلتاي ھەققىدىكى بىر باياناتىدا "كىشىلەرنىڭ مۇستەقىللىقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ھېچكىم توساپ قالالمايدۇ" دەيدۇ. لېكىن رېنپوچى تىبەت ھەرىكىتىنىڭ قورالغا باش ئۇرىدىغانلىقىنى رەت قىلىپ، قۇرۇلتاي قايسى مەزمۇندا قارار چىقارسا چىقارسۇن، تىبەت ھەرىكىتى زوراۋانلىقسىز يولدا ماڭىدىغانلىقىنى، " دالاي لامانىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا بۇ يولنىڭ سىرتىغا چىقىش ئىمكانسىز" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
" كۆزىتىش" ژۇرنىلىدىكى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى سۆھبەت توختىسا خىتاينىڭ تىبەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن كۇيدﯤ" بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كۆرۈنۈشتە بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشى مۇمكىن. لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. چۈنكى جۇڭگو خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى، تىبەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا دالاي لاماغا چوقۇنىدىغان تىبەت ياشلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى، سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرمىسا بولمايدىغانلىقى، باشقا ئۇسۇللارنىڭ بولۇپمۇ دىنغا زەربە بېرىش، لاما دىنىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ "دەپ كۆرسەتتى.
تىبەت ھەرىكىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش بولسا تىبەت ياشلار قۇرۇلتېيىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. تىبەت ياشلار قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى سېۋاڭ رىگزىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ياش تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا تىبەت مەسىلىسىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رىگزىن،" بىز دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يولىنى يامان دېمەيمىز. لېكىن بۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ تەرەپ خىتاي، بۇ ئوتتۇرا يولنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.... بىز مۇستەقىللىقنىڭ بىردىن - بىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز شۇنداقلا نويابىردىكى قۇرۇلتايدا ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئاساستىكى تەكلىبىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز " دېگەن.
خىتاي بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت 2002 - يىلى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر خىتاي دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن جەمئىي 7 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. 8 - نۆۋەتلىك سۆھبەت بولسا بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تالخا دۈشەنبە كۈنكى باياناتىدا " قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر سۆھبەت ئىشىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوچۇقلۇقى"نى بىلدۈرگەن.