تۈنۈگۈن چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىبەت ئانا تىلى ھەم تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان بۇ نامايىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
[ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىنىڭ Opens in new window ]
چىڭخەي ئۆلكىسى رېبكوڭ ( خىتايچە توڭرېن)
[ ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچەOpens in new window ]
، بۇ قېتىمقى نامايىشقا رېنكوڭ ناھىيىسىدىكى رېبكوڭ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى، يىفۇ ئوتتۇرا مەكتىپى، توڭرېن تېببىي مەكتىپى، مالخو ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق 6 مەكتەپتىن تەخمىنەن 5000 - دىن 7000 غىچە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ھەم بىر قىسىم تىبەت راھىبلىرى قاتناشقان.
نامايىش تۈنۈگۈن 19 - ئۆكتەبىر ئەتىگەن 8 دىن كېيىن باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خادىمى نامايىشچىلار ئالدىغا چىققاندىن كېيىن تىنچلىق بىلەن تارقاپ كەتكەن.
[ ئەنگلىيىدىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچەOpens in new window ]
، تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئەڭ ئاز دېگەندە 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش باشلىغان . چۈشتىن كېيىن نامايىشچىلار قوشۇنى زورىيىپ 7000 دىن 9000 غىچە كىشىگە يەتكەن.
نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەيلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يېقىندا يەرلىك ھۆكۈمەت بۇندىن كېيىن تىبەت تىلىدىكى مائارىپقا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. شۇنداقلا تىبەت تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئەسلىدە تىبەت تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان دەرسلىك كىتابلاردىن تىبەت تىل - ئەدەبىياتى ھەم ئىنگلىز تىلىدىن باشقا بارلىق دەرسلىكلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
نەتىجىدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىغا نارازى بولغان تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۈنۈگۈن بۇ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىنى ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتتىن خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن "ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە" دېگەن قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىنى، تىبەت ئانا تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چىڭخەينىڭ رېبكوڭ ناھىيىسىدە 2008 - يىلى پارتلىغان يەرلىك تىبەت راھىبلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشىدا يەرلىك تىبەت راھىبلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان ھەم كېيىن پۈتكۈل تىبەت رايونىغا كېڭەيگەن بۇ ھەرىكەت "14 - مارت تىبەت ۋەقەسى" دەپ ئاتالغان ئىدى.
ئەمما، رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىغا قارىتا يەرلىك ھۆكۈمەت ساقچىلار ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا باستۇرۇش ھەرىكىتىدە بولمىغان.
رېبكوڭ ناھىيىسىدىن بىرەيلەن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چۈشتىن كېيىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى نامايىشچىلار ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئەينى چاغدا نامايىش داۋاملىشىۋاتقاندا تەخمىنەن 20دىن 30 غىچە ساقچى ئاپتوموبىلى كېلىپ، نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نامايىشچىلاردىن ھېچكىمنى قولغا ئالمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ نامايىشچىلاردىن قايتا - قايتا سوغۇققان بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە نامايىشتىن كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نامايىش باشلامچىلىرىغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىنچلىق نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن " ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش ئەركىنلىكى بار" دېگەن قانۇنى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ئۇيغۇر تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپى نامى ئاستىدىكى "مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش" سىياسىتىگە قارىتا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خەلقئارا قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۆز ئانا تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.