تىبەتلەرنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كېچىككەنلىكتىن ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى كۆپەيمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.04.16
2010.04.16
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻛﻴﮕﯘﺩﻭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﯖﻠﯩﻦ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭﻩﺗﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
تىبەت ئېگىزلىكىدە 14 - ئاپرىل كۈنى يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە خەلق ئۆيلىرىنىڭ 95% ى، مەكتەپلەرنىڭ 70%ى ئۆرۈلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەت ئېگىزلىكىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە بۈگۈنگە قەدەر ئۆلگەن ئادەم سانى 1000 دىن ئاشىدۇ، زەخمىلەنگەن ئادەم سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سرتتا سوغۇققا چىداپ ھايات كۆچۈرۈۋاتىدۇ.
خىتاي ياپونىيىنىڭ ياردەم پۇلىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى رەت قىلدى
ياپونىيىدە چىقىدىغان 'ئاساخى شىنبۇن' گېزىتى بۈگۈن، تىبەت ئىگىزلىكىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق پاناھلىنىدىغان چېدىر كام بولغانلىقتىن، سرتتا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىپ كېسەل بولۇۋاتقان ئادەم سانى كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئەمما ھازىر يەنىلا داۋالاش خادىملىرى ۋە دورا كام ئىكەنلىكى؛ بولۇپمۇ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ كېچىكىپ كېلىشى ئۆلۈم سانىنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكى؛ گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ 7 مىليون يۇەن ياردەم پۇلىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ياپونىيىدىن كېلىدىغان قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كېلىشىنى رەت قىلغانلىقى قااتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بايان قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ياپونىيە خەلقى ئىچىدە، خىتايغا ئادەم قۇتقۇزۇش كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك دېگەن مۇلاھىزىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.خۇ جىنتاۋ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زىيارىتىنى توختىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان تىبەتلەردىن ئۆلگەن سانى كۆپەيدى
'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى' خۇ جىنتاۋ تىبەت ئىگىزلىكىدە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، لاتىن ئامېرىكىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنى توختىتىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان تىبەتلەردىن ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى دەپ بايان قىلدى.بۇ گېزىتتا بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىن چىققان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇچۇرلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جىددىيلەشتۇرۈپ قويغانلىقتىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا قاتتىق چەكلىمە چىقىرىپ، يېقىلغان مەكتەپلەرنى، ئۆلگەن ئۆسمۈرلەرنى، قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنىڭ كېچىككەنلىكىنى تىلغا ئالماسلىق، بەلكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھال سورىغانلىقىنى كەڭ كۈلەمدە تەشۋىق قىلىش، چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خىتاينىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە تىبەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھەققىدە يېڭى چەكىلىمە چىقاردى
ياپونىيىدە چىقىدىغان 'ئاساخى شىنبۇن' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى تىبەت ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش كېچىككەنلىكتىن ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى كۆپەيگەنلىكىنى، ماكانسىز قېلىپ سرتتا سوغۇقتا توڭلاپ كېسەلگە مۇپتىلا بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، ھازىر تىبەت راھىبلىرى پۈتۈنلەي ئادەم قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوراللىق قىسىملارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ جەسىتىنى تونۇپ قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەملەرمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا، خىتاي بۇ ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلماسلىق ھەققىدە قاتتىق بۇيرۇق چىقارغان.ياپونىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ يىل 3 - ئايدىمۇ، سىچۇەندە يەر تەۋرىگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەمەلدارلارنىڭ خىيانىتى ھەققدە خەۋەر بېرىشنى چەكلىگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەنە، سەنشىدە ئىشلەنگەن ۋاكسىنىدىكى ئالدامچىلىقنى، زەھەرلىك يېمەك دېلولىرىنى، يەر سودىگەرلىرىنىڭ باھانى ئۆستۈرۈۋالغانلىقىنى، جىلىن پولات زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن دېلونى، چوڭچىڭدا ساقچىلار بىلەن باندىتلارنىڭ بىرلەشكەنلىكىنى، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشنى، خىتايدىكى بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەسىلىسىىنى، تىبەت قوزغىلىڭىنى، يېڭى چېگرادا يۈز بەرگەن نامايىشنى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنى، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى خەۋەر قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.
تىبەت ئىگىزلىكىدە بۇددا راھىبلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بۇ تىبەت ئىگىزلىكىدە، ھازىر بۇددا راھىبلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر راھىب مۇخبىرغا 'ھازىر چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە بولۇۋاتقان دالاي لاما يۇرتىمىزنىڭ ئوغلى، ئۇنى بېيجىڭ بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ، بىز ئۇنىڭغا ئامانلىق تېلەيمىز' دېگەن. بۇ راھىب مۇخبىرغا يەنە 'ئەگەر ھۆكۈمەت مېنىڭ بۇ گېپىمىنى ئاڭلاپ قالسا، مىنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ' دەپ قوشۇمچە ئىزاھات بەرگەن.تىبەت ئىگىزلىكىدە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن مۇشۇ كۈنلەردە ئاتۇشتىمۇ يەر تەۋرىدى
تىبەت ئىگىزلىكىدە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن مۇشۇ كۈنلەردە، ياۋرو -ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلۋىغىدىكى ئاتۇشتىمۇ يەر تەۋرەش يۈز بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى چېگرا خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن ئاتۇشنىڭ قاراجۇل دېگەن مەھەللىسىنىڭ 9 كىلومېتىرلىق يەر قاتلىمىدا 4 بال دەرىجىلىك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. ئاتۇشنىڭ تۆمۈر يول بويلىرى ۋە 200 كىلومېتىر دائىرىدە سېلكىنىش بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا قانچىلىك زىيان -زەخمەت يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلمىدى.خىتاينىڭ يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارماقلىرى تەڭرىتاغ تېزمىلىرى، پامىېر ئىگىزلىكى، قارا قۇرۇم تاغلىرى ۋە تەكلىماكان ئەتراپىدىكى رايونلار ياۋرو - ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلۋىغىدىكى جايلار. بۇ جايدا بۇنچىلىك يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى پەۋقۇلئاددە ۋەقە ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن.
ئىسلاندىيىدە شىددەتلىك ۋولقان پارتلىدى
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ كۈنلەردە، ياۋروپادىكى ئىسلاندىيىدە پارتلىغان شىددەتلىك ۋولقاندىن كۆككە كۆتۈرۈلگەن ئىس ۋە كۈل ھاۋادا تېز تارقىلىپ، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا، ئاسىيا قىتئەلىرى ئارىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.