لخاسانىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، ئىسيان تىبەتنىڭ قوشنا رايونلىرىغا كېڭەيدى


2008.03.17

TIBET-CHINA-TANK-200.jpg
تىبەت پايتەختى لخاسا كوچىلىرىنى ئىگىلىۋالغان خىتاي تانكا ۋە ئارمىيىسى. سۈرەت، 15 - مارت كۈنى تارتىلغان. AFP Photo

تىبەت پايتەختى لخاسادا يۈز بەرگەن ئىسيان ئاساسەن تىنجىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن لخاسا شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ، ھەربىي ۋە ساقچىلار كوچا ۋە شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىنى تىزگىنلەپ، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى ئاختۇرماقتا ئىكەن. دائىرىلەر لخاسا شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى تىزگىنلىگەنگە قارىماي، ئىسيان تىبەتكە قوشنا چىڭخەي، گەنسۇ ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىرىدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كېڭەيدى. تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى "مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى "دەپ ئەيىبلىگەن. خەلقئارا جەمئىيەت بولسا تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزلىرىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھەربىي ۋە ساقچىلار ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ گۇماندارلارنى تۇتقۇن قىلماقتا

خىتاي دائىرىلىرى تىبەت پايتەختى لخاسا شەھىرىدە غەزەپلەنگەن تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ ئىسيانىنى باستۇرغاندىن كېيىن، لخاسا شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى ئاساسەن تىنجىغان بولسىمۇ، لېكىن شەھەردە ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي بولۇپ، خىتاي ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرى ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلماقتا. خىتاي ھەربىي قىسىملىرى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00 لەردە 200 دانە ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە تانكىنىڭ يول باشلىشى بىلەن لخاسا شەھەر مەركىزىگە كىرىپ، شەھەر مەركىزى ۋە بۇدالا سارىيىنىڭ ئەتراپىدىكى كوچا - كويلار ھەم ئىبادەتخانىلارنى ئىگەللىگەن شۇنداقلا بۇ رايوننى پۈتۈنلەي تىزگىنلىگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساقچى ۋە ھەربىيلەر لخاسا شەھىرى ۋە شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى ۋە قاتناش قوراللىرىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن. لخاسا شەھىرىدىكى پۇقرالار رادىئومىزغا دائىرىلەرنىڭ لخاسا شەھەر مەركىزىدىكى بىنا ئۆگزىلىرىگە ھەربىي مەرگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچى دەپ گۇمانلانغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

080317dx2-200.jpg
لخاسا شەھىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان. AFP Photo

ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر لخاسا شەھەر پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، شەھەردىكى ھەر بىر تىبەتلىكنىڭ ئۆيىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، دالاي لامانىڭ رەسىمى ۋە ئىسيانغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولماسلىقىنى، كىشىلەرنىڭ توپلانماسلىقىنى تەكىتلىگەن.

" ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تىبەتكە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشى كېرەك "

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى ھەرىكىتىنى " مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى" دەپ ئەيىبلىمەكتە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇ دارامسالادا مۇخبىرلارغا،خىتاينىڭ لخاسادىكى ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى"مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر " دەپ كۆرسەتتى . لخاسادىكى ۋەقەدە ئۆلگەن تىبەتلەرنىڭ سانى توغرىسىدا تەرەپلەر ئوخشىمىغان مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ساننى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مەسئۇلى چامپا پونسوك، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ سان خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان سانغا قارىغاندا 3 ئادەم كۆپ. لېكىن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئۆلگەنلەرنىڭ 100گە يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رېنپوچى "ئۆلگەن تىبەتلىكلەرنىڭ ھەقىقىي سانى توغرىسىدا بىر نېمە دېمەك تەس، ئەمما 100 گە يېقىنلىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا " دەيدۇ. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ب د ت نىڭ تىبەت ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سېرىڭ تاشى يەكشەنبە كۈنى دارامسالادا " بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى جۈملىدىن ب د ت ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتايغا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىك، تىبەت خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەشكە چاقىرىمىز " دەپ تەكىتلەيدۇ. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ تىبەتكە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ تەلەپنى دارامسالادىكى سەرگەردان ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىلىشىدا تارقاتقان باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

" تىبەتكە مۇستەقىللىق! خىتايلار تىبەتتىن چىقىپ كەتسۇن! دالاي لاما ياشىسۇن! "

Tibet-protest-flag-200.jpg
تېنچلىق نامايىشى باشلىغان تىبەتلىكلەر. AFP Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسا شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى تىنجىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن لخاسادىكى نامايىش چىڭخەي، گەنسۇ ۋە سىچۈەنلەردىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كېڭەيگەن ۋە نامايىش ناھايىتى تىزلا ئىسيانغا ئۆزگەرگەن ھەم گەنسۇنىڭ نابا ۋىلايىتىدىكى ئىسياندا ئاز دېگەندە 7 نەپەر تىبەت پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن. تىبەتلەر گەنسۇنىڭ نابا ۋىلايىتى ۋە جەنۇبىي گەنسۇدىكى ماچۇ ناھىيىلىرىدە نامايىش قىلىپ، شۇ جايدىكى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە 7 نەپەر تىبەت نامايىشچى نابا ۋىلايىتىدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن.

گەنسۇنىڭ ماچۇ ناھىيىسىدىكى نامايىشچىلار دالاي لامانىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ،"تىبەتكە مۇستەقىللىق"، "خىتايلار تىبەتتىن چىقىپ كەتسۇن"، " دالاي لاما ياشىسۇن " دېگەن شۇئارلارنى توۋلىدى. گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قورۇسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، "تىبەت خەلقى بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى" ئىپادىلىگەن. يەنە بەزى خەۋەرلەردە بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر ھازىرغا قەدەر ئىسپاتلانمىدى.

سىچۈەندىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان گەنزى رايونىدىكى بىر تىبەت پۇقراسى بۇ جايدىكى "ۋەزىيەتنى ناھايىتى جىددىي" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، 15 ‏- مارت كۈنى گەنزىنىڭ كامتاۋو دېگەن يېرىدە تىبەتلەرنىڭ نامايىش قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 ئاپتوموبىلدا ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ، بۇ جايدىكى بىر ئىبادەتخانىنى قورشىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر تىبەت ئوقۇغۇچى رادىئومىزغا "بۇ جايدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاقالغانلىقىنى، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كوچا - كويلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي بولۇپ، ھەممە يەردە ساقچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى" ئەسكەرتىدۇ.

" ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن ھال سورايمەن "

خەلقئارا جەمئىيەت تىبەتتىكى ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى ۋە تىبەت پۇقرالىرىنىڭ يىغىلىش ئەركىنلىكىگە ھۈرمەت قىلىشىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئولىمپىك كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقتى.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى خىتاينىڭ گائاگادىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، "تىبەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ گوللاندىيىنى ناھايىتى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى" بىلدۈرگەن. تىبەتتىكى ۋەقەدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان دۆلەت يالغۇز گوللاندىيە ئەمەس. بۇ ۋەقە يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

يەكشەنبە كۈنى تىبەتتىكى ۋەقە ئۆزلىرىدە پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەكس روگى، تىبەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تېزرەك تىنچلىنىشىنى ۋە شۇنداقلا ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.