ئۈرۈمچى ليۇداۋان كۆمۈر كېنى بۇ يىل 60 ياشقا تولدى. تولۇق بولمىغان ماتېرىياللارغا قارىغاندا مەزكۇر كان 1951-يىلى 7-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشقا قويغان ھەربىي ئەمەلدارى ۋاڭ جىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن،شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىدىن قايتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5000 كىشىلىك كان ئاچقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن ئادەم ئىزى بولمىغان چۆل جەزىرىدە ئاپىرىدە بولغان.
ليۇداۋان كۆمۈر كېنى ئىشتىن تاقالغانغا قەدەر، كىشىلەرنى 38 مىليون توننا كۆمۈر بىلەن تەمىنلىگەن. ياراتقان ئىقتىسادى قىممىتى ئىككى مىليارد 600مىليون يۈەن. بۇ كان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئەڭ دەسلەپ ئېچىلغان چوڭ تىپتىكى ئاساسىي ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت خەلقنى ئىسسىنىش ماتېرىيالى، بۇ تۇپراقنى ئىقتىسادىي ۋە قۇرۇلۇش ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.
خىتاي كان ئىشلىرى ئىدارىسى يېقىندا ئۈرۈمچى ليۇداۋان كۆمۈر كانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقتىن تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر كان رايونىنىڭ قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ بىر كۆكەرتىلگەن ئۇنىۋېرسال رايونغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بۇنىڭ ئالدىدا ليۇداۋان كۆمۈر كېنى ھەققىدە ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2009-يىلى 10-ئايدا ليۇداۋان شىمىگو رايونىدىكى چېقىلىدىغان كەپىلىك ئۆيلەر رايونى ئىچىگە كىرگەن. يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى مۇقىملىقنى تۈزەش ھەرىكىتىدىكى« بۆلگۈنچىلەر يوشۇرۇنغان مۇقىمسىز جايلار» دەپ قارالغان ھەمدە چېقىپ تۈزەش بېكىتىلگەن 21 كەپىلىك كېسەكلىك ئۆيلەر رايونلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە نىشانغا ئېلىنغان. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە 2010-يىلى 2-ئايدا تارقاتقان مەخسۇس خەۋىرىدە ليۇداۋان كەپىلىك ئۆيلەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ يوشۇرۇنۇپ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىغا قۇلاي ئورۇنلار دەپ كۆرسىتىلگەن. دائىرىلەر بۇ مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەپ ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ كۆچۈرۈشىنى، ئۈچ يىل ئىچىدە تاماملاشنى، بەش يىلدا يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزۈشنى پىلانىغا كىرگۈزگەن. ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە جەمئىي 50 ئورۇننى چېقىپ تۈزەشنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاپ بولۇشنى پىلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن 60 مىڭدەك ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلىدىكەن.تىك قۇدۇقتىكى ھازىرغىچە چېقىلماي قالغان كەپىلىك مەھەللىلەردىكى 616 ئائىلىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.
تىك قۇدۇقتىكى ئەنە شۇ چېقىلىۋاتقان مەھەللىلەرنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان غەيرەت سىدىق ئەپەندى ليۇداۋاندىكى كەچمىشلىرىنى ياد ئېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇ خىل ئۇيغۇر مەھەللىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش داۋامىدا ھەتتا ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسى بار زەرەتكاھلىقنىڭمۇ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىك قۇدۇقنى ئۆزگەرتىش مەقسىتى پەقەت ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش دېدى.
ئۈرۈمچىدىكى چېقىلماي قالغان كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىشقا ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇپ، 17-ئاپرېل كۈنى دائىرىلەرنىڭ پەقەت ليۇداۋان كۆمۈر كان رايونىدىكى تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان كەپىلىك مەھەللىلەردىكى تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان مېيىپلار ئائىلىسىگە مەخسۇس 10مىڭ يۈەندىن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. غەيرەت ئەپەندى بولسا ليۇداۋان كۆمۈر كانىنىڭ خەتەرلىك، ساغلام بولمىغان، قالاق ئەمگەك مۇھىتى كان ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئىشلەش جەريانىدا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇش تورىدىكى مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2011 يىلى بىر يىل ئىچىدە ليۇداۋان كۆمۈر كانىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەردىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالە 6259 نەپەر ئىكەن.