تىل تۇغى-ۋەتەن تۇغى
2012.10.04
ئەنە ئاشۇ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى قانداق قىلىپ ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ساغلام ھالدا يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشىدۇر.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يەر شارى خاراكتېرلىك كۆچمەنلەر دولقۇنىدا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدىن زور تۈركۈمدىكى كۆچمەنلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. غەربتىكى ھەرقايسى ئەللەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەر، ئىرانلىقلار، كۇردلار، تۈركلەر، چىلىلىقلار، سومالىلار ۋە باشقا نىسبەتەن چوڭراق كۆچمەن توپلۇقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى ۋاقىت جەھەتتىن كېيىن بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار كۆلەم جەھەتتىنمۇ كىچىك توپلۇق ھېسابلىنىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئاز بولۇشى، تارقاق ھالەتتە ياشىشى سەۋەبلىك، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل تەربىيىسى ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا. پەرزەنتلىرىنى ۋەتەن ئىچىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» قالپىقى ئاستىدا خىتايلاشتۇرۇلغان مائارىپ مۇھىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھۆر دۇنياغا ئېلىپ چىققان ئاتا-ئانىلار ئەمدىلىكتە تېخىمۇ رېئال بولغان، چەتئەللەردىكى سان جەھەتتىن خېلىلا ئاز بولغان ئۇيغۇر توپلۇقلىرىدا ئانا تىلىمىزنى قانداق قىلىپ قوغدايمىز ھەمدە ھاياتىي كۈچىنى ساقلايمىز؟ يېڭى ئولتۇراقلاشقان ئەللەرنىڭ تىل-مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىنى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇشىنى قانداق قىلىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز؟ ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىمىز ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇ مۇقەددەس بۇرچنى قانداق ئادا قىلىمىز؟...دېگەندەك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىز شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىجات ئەپەندى بىلەن ستوكھولمدىكى بىرقانچە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈۋاتقان ماھىرە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
ئائىلە-جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئائىلە ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ كىچىك ۋەتىنى. مانا مۇشۇ كىچىك ۋەتەندە يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان پەرزەنتلەرگە ئانا تىلدىن زۇۋان، مىللىي كىملىكتىن ۋۇجۇد، ئىماندىن قەلب ئاتا قىلىش ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. يات بىر مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇغۇلغان پەرزەنتلەر پەقەت ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك ۋەتەندە ئانا تىلنىڭ تۇنجى تاۋۇشىنى چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇردىكى تارىخىي ۋەتىنى بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى باشلىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇھاجىرەتتە ئانا تىلنى ساقلاش، قوغداش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ساغلام ھالەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەڭ ئالدى بىلەن ئائىلىدىن ئىبارەت «كىچىك ۋەتەن»دىن باشلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك ۋەتەندە ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە نۆۋەتتە ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۈچ پەرزەنتكە ئانا بولغۇچى ئەركىنئاي خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە مىللىي بۇرچتىن تۇغۇلغان بېغىشلاش روھى مۇمكىنسىز رېئاللىقنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۇلارنىڭ ۋەتەننى تەرك ئەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مىللىي روھىنىڭ يوقىلىشىدىن ھالاك بولىدۇ. خىتايغا 300 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز ئانا تىلىنى يوقاتقانلىقى، 2000 يىلدىن بۇيان ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ دۇنياغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ 20-ئەسىردە ئانا تىلىنى قايتا تىرىلدۈرگەنلىكى بۇنىڭ يارقىن مىسالىدۇر.
پەرزەنتلىرىڭىز مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىمىسۇن، قەلبىدە ۋەتەن ئىشقى بولسۇن. بۇ ئىشقنىڭ ئاچقۇچى-ئانا تىلدۇر. سەبىي بالىلىرىڭىزنىڭ ئېغزىدىن ھەر ۋاقىت ئانا تىلنىڭ يېقىملىق ساداسى ياڭراپ تۇرسىلا ۋەتەن ئىشقى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ. شۇنداق، تىل تۇغى-ۋەتەن تۇغىدۇر.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.