قازاقىستاندا تىلشۇناس ئالىم تۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىلمەكتە

مانجۇرىيىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان، "جەسۇرلۇق ئۈچۈن" ۋە "ياپونىيە ئۈستىدىن غالىبىيەت قازانغانلىقى ئۈچۈن" قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئالىي باش قوماندانلىقنىڭ تەشەككۈرنامىسى بىلەن تەقدىرلەنگەن تۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى.

0:00 / 0:00

كۆرنەكلىك تىلشۇناس ئالىم تۇغلۇقجان تالىپ ئوغلى تالىپوف 1925-يىلى 21-دېكابىردا ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چوڭ كەتمەن يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1940-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان تۇغلۇقجان ئائىلە شارائىتىغا قاراپ 15 يېشىدىن باشلاپ ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ كەتمەن مەكتىپى مۇدىرىنىڭ كاتىپى، شۇنداقلا ھېسابچى لاۋازىملىرىدا ئىشلەيدۇ. ت.تالىپوف 1943-يىلدىن 1948-يىلغىچە ھەربىي خىزمەتتە بولىدۇ. رۇسىيىنىڭ خورول ھەربىي شەھەرچىسىدە ئالاقە بۆلۈمىدە خىزمەت ئۆتىگەندىن كېيىن، 1945-يىلى ياپونىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش مەيدانىغا ئەۋەتىلىدۇ.

ھەربىي سەپتىن بوشىتىلغان ت.تالىپوف قىسقا ۋاقىت ئۆز يۇرتىدىكى ماشىنا-تراكتور ئىستانسىيىسىدە ھېسابچى بولۇپ ئىشلەيدۇ، ئاندىن ياركەنتتىكى پېداگوگىكا مەكتىپىنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملايدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ ئالماتا شەھىرىدە ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ، 1953-1957-يىللىرى مەشھۇر قازاق ئالىمى، ئاكادېمىك سمېت كېڭېسپايېفنىڭ رەھبەرلىكىدە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېنىدىكى ئاسپىرانتۇرىدا ئوقۇيدۇ.
ئالماتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ت. تالىپوف س. ئامانجولوف، ق. جۇمالىيېف، ش. سارىبايېف، ت. نۇرتازىن، د. ئالىمجانوفقا ئوخشاش قازاق ئالىملىرى بىلەن، ئاندىن موسكۋا، لېنىنگراد (ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگ) شەھەرلىرىدە ئىلمىي سەپەرلەردە بولغان ۋاقىتلىرىدا ۋ. ناسىلوف، ن. باسقاقوف، ئە. نەجىپ، ئە. تېنىشېف قاتارلىق مەشھۇر رۇس ئالىملىرى بىلەن تونۇشىدۇ ھەم ئۇلاردىن كۆپ تەلىم ئالىدۇ.

ت.تالىپوف 1960-يىلى "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ سوزۇق تاۋۇشلار تەرتىپى" ماۋزۇسىدا نامزاتلىق ئەمگىكىنى، ئاندىن 1983-يىلى "ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىلىق تەرتىپىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى (سېلىشتۇرما-تارىخىي نەزەردىن ئۆگىنىش تەجرىبىسى)" ماۋزۇسىدا دوكتورلۇق ئەمگىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقلاپ چىقىدۇ ھەم تونۇلغان تىلشۇناس ئالىم دەرىجىسىگە يېتىدۇ.

ت.تالىپوف ئاسپىرانتۇرىنى تاماملاپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر-تۇڭگان بۆلۈمىدە، تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ شەرقشۇناسلىق، ئاندىن ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە كىچىك ۋە چوڭ ئىلمىي خادىم، ئىلمىي كاتىپ خىزمەتلىرىدە، 1986-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تىلشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 1996-يىلدىن باشلاپ شەېەپ بىلەن دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر، يەنى 2005-يىلغىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

ھاياتىنىڭ ئاتمىش يىلدىن ئوشۇق ۋاقتىنى ئىلمىي پائالىيەتكە سەرپ قىلغان ت.تالىپوف، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا تارىخىنى تەكشۈرۈشكە كۆپ دىققەت ئاغدۇردى.

ت.تالىپوفنىڭ ئەمگىكى يۇقىرى باھالىنىپ، ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتلىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىڭ سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى "قازاقىستان ئىلىمىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن" مۇكاپاتىغا ت.تالىپوفنىڭ نامزاتىنى تەۋسىيە قىلدى.