بۇ يىغىندا تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش سېكرىتارى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.
بۇلاردىن باشقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە ۋەكىلى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى نائوكا خانىممۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان. بۇ يىغىنغا ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئابە ئەپەندى ۋە 40-50 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان. بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا كۆپ ساندا ژۇرنالىستلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، يىغىننىڭ ئاخىرىدا سۆزلىگۈچىلەرگە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ سوئاللار سورالغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش سېكرىتارى بۇ يىغىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىن تاۋنىڭ 5- مايدا ياپونىيىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن چاقىرىلغان بولۇپ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەن.
بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.