توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى

مەزكۇر مەكتۇپ، خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يوللاندى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە باش ئەلچى گەرىي لوكتىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.

مەكتۇپ، توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسلىرى-جەيمىس مىكگوۋېرن ۋە فرانك ۋولف قاتارلىقلارنىڭ ئىمزاسى بىلەن 17-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لۈك يەنى (لو جياخۇي) گە يوللانغان.

مەكتۇپ مۇنداق باشلانغان: بىز مەزكۇر مەكتۇپنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمنى ئىپادىلەپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە 20 يىلدىن بۇيان دىققەت قىلىپ كەلدۇق. يېقىنقى مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتايدىكى ئۇيغۇر خەلقى دىنىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى قاتتىق كونتروللۇق ھەمدە ھەددىدىن ئاشقان خەۋپسىزلىك چەكلىمىلىرىگە دۇچار بولماقتا.

مەكتۇپتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدلىيە تەرتىپى مۈجمەل سوتلار بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلىۋاتقانلىقى، تۈرمىلەردە ئېغىر قىيناش، تەن جازالىرىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋىرى بارلىقىمۇ بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىنغان.

كومىتېت رەئىسلىرى گەرىي لۇكقا قارىتىپ مۇنداق دېگەن: بىز سىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى ۋەزىيىتىنى يېقىدىن كۆزىتىپ، ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇئامىلىلەرنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويۇشىقا دەۋەت قىلىمىز.

مەكتۇپتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇلارنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دائىم ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرغانلىقى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان ۋە مۇنداق يېزىلغان: مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم شىنجاڭدا 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىن كېيىن تېخىمۇ ۋە بارغانچە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان ۋەزىيەتتىن بىزنى دائىم خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردى.

كومىتېت رەئىسلىرى مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى كەلگۈسىدە يەنە دەھشەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى يازغان.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلىق خورلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەشۋىشلەندۇق. ئەگەر بۇ خىل ھەرىكەتلەر يەنە داۋاملاشتۇرۇلسا، بىز بۇنىڭ كەلگۈسىدە شىنجاڭدا يەنە زوراۋانلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۇتۇرۇق بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز.

مەكتۇپتا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، خىتاينىڭ ۋەقەدىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، خىتاينىڭ زادى قانچە ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلىمىغانلىقى، تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاق، تەن جازاسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا 2011-يىلى 18-ئىيۇل خوتەندە يۈز بەرگەن «ناۋاغ ۋەقەسى» 30-ئىيۇلدىكى «قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى» ۋە دېكابىردىكى «موكويلا ۋەقەسى» قاتارلىقلار بىر-بىرلەپ سانالغان.

مەكتۇپتا خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» نامىدا بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ ساقچى يۆتكىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ھەققى بار بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى قانداقتۇر بىر ھەقىقىي تېررورلۇق تەھدىتى تۈپەيلى ئېلىپ بېرىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ بىزنى ئەندىشىگە سالدى.

مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لوكتىن بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇش تەلەپ قىلىنغان.

مەكتۇپ مۇنداق ئاياغلاشتۇرۇلغان: بىز سىزنىڭ خىتايدىكى دىنىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىكلەرگە ئېغىر تەھدىت تۇغدۇرۇۋاتقان بۇ مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل ئارىلىشىشىڭىزنى تىلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىز سىزنى خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن 2009-يىلى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاشكارىلاشنى ھەمدە جىنايىتى بار دەپ قارالغانلارنى ئادىل سوتلاشىنى تەلەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 1983-قۇرۇلغان دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئاساسىدا نامى ئۆزگەرتىلىپ تەشكىللەنگەن. كومىتېتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنىڭ دۇنيادا ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

توم لانتۇس ئەپەندى 2008-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەت مەجلىسى قارار چىقىرىپ جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ۋە دېموكراتچى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جەيمىس مىكگوۋېرننى مەزكۇر كومىتېتقا بىرلەشمە رەئىس قىلىپ تەيىنلىگەن.

كومىتېت توم لەتۇس دەۋرىدىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىشىغا كۆپ ھەسسە قوشقان ئىدى.