يۇقىرىقى سۆز، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ بايانىدىن ئىبارەت.
شەرەپلىك ئۆلۈم
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن " تۆمۈر ئانا " نامىنى ئالغان ھۆرنىساخان ئىسىملىك بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئايالنى تونۇمايدىغان ئادەم يوقكەن. بۇ ئانىنىڭ ھېكمەت تۇردى ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى 29 - سېنتەبىر كۈنى قازا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئانا، جەمئىي تۆت ئوغلىنى يەرلىكىدە قويغان. غۇلجا خەلقى بۇ مۇسىبەتتىن تەۋرەپ كەتكەن. 6 مەسچىتنىڭ جامائىتى نەزىرگە كېلىپ، مەرھۇم ھېكمەت تۇردىنى زور دەبدەبە بىلەن ئۇزاتقان.
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆلۈم، بەلكى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا قازا قىلغان بەزى مەشھۇر زىيالىلارنىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ ھەيۋەتلىك بولغان. بۇ ئۆلۈم پۇل تېپىپ، يۈز تېپىپ ئۆلگەنلەردىن، ۋەتەن ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى قۇربان قىلىپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىنىڭ يەنى بىر بالداق يۈكسەكلىكىنى نامايەن قىلغان ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانلارغا نەقەدەر مۇھتاجلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
ئوغلۇمنىڭ تويى بولدى!
كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغىنى شۇكى، "تۆمۈر ئانا" بۇ نەزىرنى گويا توي ئۆتكۈزگەندەك خوشال ۋە تەمكىن ئۆتكۈزگەن. كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش تۆكمىگەن. كۆز يېشى قىلغانلارنى تىللىغان. "مەن بالامنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىۋاتسام، سەن كۆز يېشىڭ بىلەن ھاقارەت قىلىۋاتىسەن!" دەپ، مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە ئۇنىڭ ھەسرىتىگە يىغلىغانلارنى ئۆزى ئەيىبلىگەن.
بىزگە بۇ مەلۇماتنى بەرگۈچى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىمۇ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى غۇلجىغا تېلېفون قىلىپ، تەسەللى ئېيتىش ئىستىكىدە "تۆمۈر ئانا" بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ سالغان. بۇ چاغدا "تۆمۈر ئانا" دەرغەزەپكە كېلىپ، "يىغلىما! ئوغلۇمنىڭ ھازىسى ئەمەس، بەلكى تويى بولدى! يەنە يىغلىساڭ سەن بىلەن ئىككىنچىلەپ كۆرۈشمەيمەن! " دېگەن.
بىر ئائىلىدىن تۆت شېھىد
قانداق بىر ئانا تۆت بالىسىنى كۆمۈپ قويۇپ، يەنە مەغرۇر ياشىيالايدۇ؟ قانداق بىر ئانا ھازىنى توي ئورنىدا كۆرەلەيدۇ؟ قانداق بىر ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن پەخىرلىنىپ كۈلەلەيدۇ؟
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، "تۆمۈر ئانا" نىڭ تۆت ئوغلى 1997 - يىلىدىكى " 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" گە قاتنىشىپ، شۇ كۈنى ھەممىسى بىراقلا قولغا ئېلىنغان. بۇ چاغدا مەرھۇم ھېكمەت تۇردى 18 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى يىل بالا جىنايەتچىلەر لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، كېيىن رەسمى تۈرمىگە قامالغان.
ئىز - دېرەكسىز يوقىتىش
شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈش لازىمكى ھېكمەت تۇردى كەبى " 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" گە قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ياكى ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئېنىق بىر مەلۇمات يوق.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرى تۈرمىدىن بىۋاستە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ زادى ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى ھېلىغىچە مەلۇم ئەمەس.
مەخپىي كۆمۈۋېتىلگەن 57 جەسەت
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار " 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" دىن ئىككى كۈن كېيىن، خىتايلار تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بىر جەسەتنى يەرلىكىدە قويۇش ئۈچۈن قەبرىستانلىققا چىققاندا، قەبرىستانلىققا قارايدىغان بىر گۆركار، بىر كېچىدە 57 قىز - ئوغۇلنى يەرلىكىدە قويغانلىقىنى ئېيتقان.
گۆركارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ 57 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلمىگەن. يېڭى گۆرمۇ كولانمىغان. كونا جەسەتلەرنىڭ ئىسكىلىتلىرى بىر چەتكە يىغىۋېتىلىپ، يېڭى جەسەتلەر ئۆز كىيىملىرى بىلەنلا باشقىلارنىڭ قەبرىلىرىگە تاشلاپ قويۇلغان. ھالبۇكى، غۇلجىدىكى نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بولسا، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ھازىرغىچە ئالالماي غايىۋى بىر ئۈمىدكە باغلىنىپ قالغان.