خىتاينىڭ يېڭى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى كۇچانىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى 56 ئائىلىلىك دېھقاننى خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچراتتى

خىتاي دۆلەتلىك سودا گۇرۇھلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە يېڭىدىن 20 نەچچە ئورۇندا بايقىغان كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ئۈچۈن، ئەسلىدە بار بولغان كۇچا-قەشقەر تۆمۈر يولىغا تۇتىشىدىغان قوشۇمچە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئاغۇ يېزىسىدىكى 56 ئائىلىلىك دېھقاننى تېرىلغۇ يېرىدىن مەھرۇم قالدۇرغان. ئۇلارنىڭ يەرلىرى نامۇۋاپىق باھادا مەجبۇرىي سېتىۋېلىنغاندىن سىرت، تۆلەم پۇلى قاقتى-سوقتى قىلىنىپ، قولىغا تولۇق بېرىلمىگەن.

0:00 / 0:00

مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى بۇلتۇر يىل بېشىدا باشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلۇش داۋاملىشىۋاتقان بۇ تۆمۈر يول، كۇچادىكى 4 يېزىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بىز بۇلاردىن پەقەت بىر يېزىدىكى يەنى ئاغۇ يېزىسىدىكى ۋەيرانچىلىققا مۇپتىلا بولغان دېھقانلار بىلەنلا سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق:

ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلىلەر، ئاغۇ يېزىسىنىڭ يىدىق كەنتىدىن، بۇ كەنت كۇچا ناھىيە بازىرىدىن 60 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا. كەنتتە دېھقانچىلىقتىن باشقا تىرىكچىلىك يولى مەۋجۇت ئەمەس. بۇ يېزىدىكى ئۇيغۇرلار، مانا بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ سايىسىدە، بۇلتۇر 8 ‏-ئايدا ئېلېكتر توكىغا ئېرىشىپ جىن چىراقتىن قۇتۇلغان. ئەمما، يىدىق كەنتىنىڭ 80% ئاھالىسى تېرىلغۇ يېرىدىن يەنى تىرىكچىلىك يولىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇلارنىڭ يېرى تارتىۋېلىنغان، تۆلەم پۇلى ئاز بېرىلگەن. شۇنداقلا ئۇچرىغان بۇ ھەقسىزلىقىنى ھېچنەگە مەلۇم قىلماسلىق ھەققىدە تەھدىتكە ئۇچرىغان.

بۇلار 168 مو يەر ئۈچۈن، 9 مىليون 686 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە ۋەدە بېرىلگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە، 7 مىليون يۈەن پۇل تارقىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن مو بېشىغا 25 مىڭ يۈەندىن پۇل كېلىپ، ھەر مودىن 5 مىڭ يۈەندىن ئاز بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن ھېسابلاپ كۆرگىنىمىزدە، 7 مىليون يۈەن تارقىتىلغان تەقدىردىمۇ، مو بېشىغا ئاز دېگەندە 50 مىڭ يۈەندىن توغرا كېلىش كېرەك. ئەگەر مو بېشىغا 25 مىڭ يۈەندىن بېرىلگەن بولسا، تارقىتىلغان پۇل 7 مىليون ئەمەس، بەلكى 4 مىليون 200 مىڭدۇر. دېمەك دېھقانلارنىڭ تۆلەم تارقىتىلغاندا، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قاقتى-سوقتى قىلىنغانلىقىمۇ بايقالماقتا.