دائىرىلەر شۇ كۈنى خوتەن ۋوگزالىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك يۈك پويىزنىڭ رەسمىي يولغا چىققانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر -خوتەن تۆمۈر يولى خوتەننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى، خوتەن خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن، خوتەندىكى يەرلىك ئامما مەزكۇر تۆمۈر يولنىڭ بۇ يۇرتقا ئېلىپ كەلگۈسى ئاپەتلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى يېڭى يىل كىرىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇقتىلىق زور قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزگەن شۇنداقلا 5 مىليارد 73 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنىڭ رەسمىي پۈتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ قۇرۇلۇش 2010-يىلى 6- ئايدا باشلانغان ئىدى. قەشقەر -خوتەن تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 488 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، تاق لىنىيىلىك مەزكۇر تۆمۈريولىدا 16 بېكەت تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر تۆمۈريول لىنىيىسى قەشقەر شەھىرىدىن چىقىپ، قەشقەر يېڭى شەھەر، ئاقتۇ، يېڭىسار، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، گۇما، قاراقاش قاتارلىق ناھىيىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرقى مەنزىلى خوتەن شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خوتەن-قەشقەر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشنىڭ رايوندا نۇرغۇن ئىش پۇرسىتى ياراتقاندىن باشقا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما خوتەندىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، دائىرىلەر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا يەرلىك ئىشسىز ئاممىدىن ناھايىتى ئاز ساندا قاتناشتۇرغاندىن باشقا، يەنىلا ئاساسەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىشلەمچى ياللاپ ئىشلەتكەن، بۇ، خەلقتە نارازىلىق پەيدا قىلغاندىن باشقا، مەزكۇر قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن بۇ يۇرتقا ئېلىپ كەلگۈسى بەزى ئۆزگىرىشلەر ئاممىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان.
بۇ ھەقتە قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىق تەرەپلىرىدىن زىيانلىرى كۆپ بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ دېھقاننىڭ قارىشىچە، تۆمۈر يول ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرى كۆپلەپ كېلىشى بىلەن، ئەسلىدىلا يەر قىس خوتەندە تېخىمۇ قىممەتچىلىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن:
قاراقاش ناھىيىسىدىكى جاھانباغ يېزىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كادىرى، قەشقەر-خوتەن تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ "يىراق كەلگۈسىنى ئويلىغاندا، مەزكۇر تۆمۈريولنىڭ بۇ يۇرتقا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ" دېدى.
دەرۋەقە، قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ زور تالاش-تارتىش قوزغىغان بىر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر قۇرۇلۇشتىن ئەندىشە سېزىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى "بۇ قۇرۇلۇش، ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، يەرلىك نوپۇس قۇرۇلۇشىنىڭ، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋاسىتىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن" دەپ قارىماقتا.
0:00 / 0:00