تورونتودا "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" قۇرۇلدى. پەرىدە ئىسمائىل بۇ جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى

كانادادا چىقىدىغان خىتايچە خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، كانادادا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە يېقىندا تورونتودا، "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" يەنى "شىنجاڭلىقلار دوستلۇق جەمئىيىتى"ناملىق بىر جەمئىيەت قۇرۇلغان.

0:00 / 0:00

كانادادا خىتايچە 'چىقىدىغان يېڭى خەۋەرلەر' تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" قۇرۇش ئىشى 2002-يىلى 29 نەپەر شىنجاڭلىق ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە پىلانلانغان ئىكەن. ئەمما، خەۋەردە بۇ 29 نەپەر ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە ياكى باشقا مىللەتتىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان.

"شىنجاڭ تۈڭشياڭخۈي" نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا، خىتاينىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جۇ تاۋيىڭ، مۇئاۋىن باش كونسۇلى جاڭ مەيفاڭ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى جاڭ دى يەنچياڭ قاتارلىقلار قاتنىشىپ "شىنجاڭ تۇڭشاڭخۈي"نىڭ قۇرۇلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىر تورونتودا ياشاۋاتقان پەرىدە ئىسمائىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەرىدە ئىسمائىل ئىسىملىك بۇ ئايالنى زىيارەت قىلدۇق.